بۇلۇڭتوغراق يېزىسى

بۇلۇڭتوغراق يېزىسى

بۇلۇڭتوغراق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى 37 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بۇلۇڭتوغراق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 13 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大泉湾乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل شەھىرى
نوپۇسى 10800 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇلۇڭتوغراق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى 37 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەھەرنىڭ شەرىق تەرىپى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشى بىلەن دۇنخۇاڭ ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شىمال تەرىپى تاشۋېلىق، جەنۇبتا لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن كېسىشىپ تۇتىشىدۇ، غەرب تەرىپى يېزا ئىگىلىك 13 - شىسى خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن تۇتىشىدۇ.

بۇلۇڭتوغراق يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، يېزا بويىنچە يەر ئېچىش كۆلىمى 76000 مو، بۇنىڭ ئىچىدە كوللېكتىپ تېرىلغۇ يەر 49 مىڭ مو، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا شىركەتلەر ئاچقان يەر 27 مىڭ موغا يەتكەن.

2004- يىلى، پۈتۈن يېزا ئاھالە نۇپۇسى 10 مىڭ 800 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 9065 ئادەم، ئائىلە سانى 2351 گە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 4.5 موغا يەتكەن.

بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدا ئاساسلىقى خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۈيزۇ، قازاق، يۇغۇر قاتارلىق 12 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ناھىيىگە قاراشلىق 5 مەمۇرىي كەنت، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق باغۋەنچىلىك–ئورمانچىلىق مەيدانى، 32 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار. 12 پونكىت، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 219 نەپەر، 15 پارتىيە ياچېيكىسى، 468 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار.

پۈتۈن يېزا سۇ، توك، يول ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، يېزا-كەنت يولى، ئاسفالىت قېتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، پۈتۈن يېزىدىكى تېلېفون ئورنىتىش نىسبىتى % 90 تىن ئاشقان، سىملىق تېلېۋىزىيەنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى % 93 كە يەتكەن.

2 بازار كارخانىسى بار : قەغەز زاۋۇتى، بېتون قۇيۇلما زاۋۇتى. قۇمۇل شەھىرىنىڭ پاختا، قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاساسلىق رايونلىرىنىڭ بىرى.

بۇلۇڭتوغراق يېزىسى تەۋەلىكىدە بۇلۇڭتوغراق كەنتى، گېتەي ھۈررەك قۇدۇق كەنتى، ئەرداۋچىڭ كەنتى، سەنداۋچىڭ كەنتى، خۇاڭلۇگاڭ كەنتى، باغ ئورمان مەيدانى قاتارلىق 32 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار.

بۇلۇڭتوغراق يېزىسىنىڭ ئېرىشكەن شان- شەرەپلىرى: بۇلۇڭتوغراق يېزىسى 2000- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك «4-ماي» قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق كومىتېتى، 5-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىلغار كوللېكتىپ، «ئۈچ شىمالىي رايون»، 4-قارارلىق ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، شەرەپ بىلەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەشكىلات دېھقانلار ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى ئىلغار يېزا (بازار)، شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» سۇچىلىق قۇرۇلۇشى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرشكەن.

بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدا 2004-يىلى، پۈتۈن يېزا بويىچە ئىقتىسادىي كىرىمى 10809 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئالدىنقى يىلدىكى 10005 مىڭ يۈەندىن 804 مىڭ يۈەن كۆپەيگەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3706 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 375 يۈەن ئاشقان، 11.26% ئاشقان، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى 3420 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 460 مىڭ يۈەن ئاشقان.

تېرىقچىلىقتا: 2004-يىلى، يېزا بويىچە تېرىقچىلىق كىرىمى 5551 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە : يېتەكچى كەسىپتىكى پاختا كىرىمى 4451 مىڭ يۈەن، قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات كىرىمى 491 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكى 13028 مو، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى 3238 مو تاماملانغان.

باقمىچىلىقتا: 2004-يىلى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق  باقمىچىلىق كىرىمى 1808 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 2004-يىلى، تاماملانغان بورداقچىلىقتا: بورداق كالا 921 تۇياق، قوي 40270 تۇياق، چوشقا 5635 تۇياققا يەتكەن.

ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىشى: بىر يىلدا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشى 1000 كىشىگە، ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 1 مىليون 680 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 106 يۈەنگە يەتكەن.

بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدىكى ئاساسلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن: ئۈچ شەھەر قورۇقى، ئېقىن سۇ ئېكولوگىيەلىك ساياھەت رايونى قاتارلىقلار بار.[0]

بۇلۇڭتوغراق يېزىسى
بۇلۇڭتوغراق يېزىس

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#