ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ يېنىڭ ئادەم مىڭىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىنسانلارنىڭ مىڭىسى-ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى. ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ مىڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 600-700 گرام كېلىدۇ. جۇڭگو ئادەمسىمان مايمۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر مىڭىسىمۇ 10000 دىن ئاشمايدۇ؛ ئەمما ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ مىڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى بولسا، 1200-1500 گرامغا يېتىدۇ.
كىشىلەرنىڭ مىڭىلىرى ئېغىرلىق جەھەتتىن بىر-بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. روسىيە يازغۇچىسى تۇرگېنېپنىڭ مىڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 2014 گرامغا يەتكەن. بۇ خاتىرلەنگەن ئەڭ ئېغىر ئادەم مىڭىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەكسچە 1976-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھرىدىكى پادىشاھلىق شۆيۈەنى تىبابەتچىلىك فاكۇلتېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئايالنىڭ مىڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1039.4 گراملا كەلگەن(قورۇلۇپ قالمىغان شارائىتتا) .
ئادەم مېڭىسىنىڭ ئېغىر يىنىك بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراستىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن ھەرگىز دېرەك بەرمەيدۇ. زامان-زامانلاردىن بۇيانقى ئەقىللىق زاتلارنىڭ مىڭىسى بىر قەدەر ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن يىنىكلىرىمۇ بولغان، مېڭىسى ئېغىر بولۇپ ئەقىللىق بولغان تەقدىردىمۇ مەشھۇر ئادەملەردىن بولۇشى ناتايىن. ئىنسانلار ئىرقىنىڭ ئەلا بولۇش-بولماسلىقىغا مىڭە ئېغىرلىقى بويىچە ھۆكۈم قىلىش قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بىمەنە سەپسەتە.
ئىنسانلار مىڭىسىنىڭ تەرەققىياتى بارلىق ھايۋانلارنىڭ مىڭىسىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. بەزى ھايۋانلارنىڭ گەۋدىسى ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مىڭىسى ئىنسانلارنىڭ مىڭىسىدىن ئېغىر بولىدۇ. مەسىلەن: پىلنىڭ مىڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 4000 گرامغا، كىتنىڭ مىڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 7000 گرامغا يېتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى گەۋدىسىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئىنسانلارنىڭكىدىن خېلىلا يېنىك. ئىنسانلار مىڭىسىنىڭ نىسبى ئېغىرلىقى بۇ ھايۋانلارنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. (جاڭ ۋېيچياڭ)
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.