ئىسھال

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈچەينىڭ نورمالنى پائالىيىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا چوڭ تەرەت قېتىمى كۆپىيىش ۋە گەندىنىڭ سۇيۇق كېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ئىسھال
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 腹泻
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئىسھالخىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات ئۈچەيگە زىيادە تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئىسسىقلىق كەيپىياتى بىلەن ئۈچەينىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەر ئۈچەيدە تولۇق سۈمۈرۈلمەي، چىقىپ كېتىپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات ئۈچەيدە زىيادە تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ ھۆللۈك ۋە سوغۇق كەيپىياتى بىلەن ئاشقازان ئۈچەيلەرنىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ تۇتقۇچى قۇۋۋەتنىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بىلەن ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى قىسقىرىپ تولۇق سۈمۈرۈلمەي چىقىپ كېتىش نەتىجىسىدە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سەپرا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۈچەيەە كۆپلەپ قويۇلۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ، نەتىجىدە يېمەكلىكلەر تولۇق سۈمۈرۈلگىچە چىقىپ كېتىپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەلغەم خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە ئۆزىنىڭ ھۆل سوغۇق كەيپىياتى بىلەن تۇتقۇچى قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۈچەيدىكى ھەزىم قىلغۇچى بەزلەرنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى قىسقىرىپ تولۇك سۈمۈرۈلمەي چىقىپ كېتىپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، ئۈچەينىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى قىسقىرىپ، تولۇق سۈمۈرۈلمەي چىقىپ كېتىپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ھەزىم بۇزۇلۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى قىسقىرىپ، تولۇق پارچىلانماي ئۈچەيگە چىقىپ كېتىشى ۋە ئۈچەيدە تولۇق سۈمۈرۈلمەي چىقىپ كېتىشى بىلەن ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. ئۈچەي كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق، ئۈچەي كېزىكى، خولرا، ئۈچەي سىلى، بوغما ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، چوڭ ئۈچەي راكى، ھەرخىل مەددە قۇرت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بەز راكى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ماينى پارچىلاش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ماينىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە سۈمۈرۈلمەي چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە مايلىق ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

10.جىگەر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەزى جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى زىيادە كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۈچەيگە قويۇلۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى زىيادە تېزلەشتۈرۈۋېتىشى نەتىجىسىدە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

11.يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇزۇلغان، چىرىگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى ياكى لازا، ئاچچىقسۇغا ئوخشاش غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ئۈچەينىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتى كۈچىيىپ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

12.روھى ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زىيادە چارچاش، ھاياجانلىنىش، قورقۇش، جىددىيلىشىش، قايغۇرۇش، غەم-ئەندىشە قىلىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ئۈچەينىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتى تېزلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.

13.بىر قىسىم دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مەسىلەن: سىماب، ئابدىمىلىك، ھەببۇلمۈلۈك، سەبرى، سانا، خىيارشەنبەر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئىسھالچوڭ تەرەت قېتىمى كۆپىيىدۇ، تەرىتى سۇيۇق كېلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىشقا ئەگىشىپ كۆپ ئۇسسايدۇ، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ، كۆزلىرى ئولتۇرىشىدۇ، تېرىلەر قۇرغاقلىشىدۇ، قىزىيدۇ، قورساق ئاغرىيدۇ، قورساق مۇسكۇللىرى يەڭگىل دەرىجىدە جىددىيلىشىدۇ، ئۈچەي كوركىراش تاۋۇشى كۈچىيىدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، ېئغىر بولغاندا شوك بولۇپ ھوشسىزلىنىدۇ ھەمدە سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1.ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچى سۈرۈشتە چوڭ تەرەتكە تولۇق ھەزىم بولمىغان تاماق بوتقىلىرى ئارىلىشىپ كېلىدۇ. تەرەت قېنىق قوڭۇر رەڭدە، كۆپۈكلۈك بولۇپ شىلىمغا ئوخشايدۇ. كۈچلۈك سېسىق پۇرايدۇ.

2. ئۈچەي مەنبەلىك ئىچى سۈۈشتە ئىنچىكە ئۈچەي كېسەللىكلىرىدە سۇغا ئوخشاش ئىچى سۈرۈش كۆرۈلىدۇ. ئۈچەي يوللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىكى خۇلىرادا گۈرۈچ يۇغان سۇدەك كېلىدۇ. تولغاقتا شىلىمشىق قان ئارىلاپ تەرەت كېلىدۇ.

3.ئاشقازان ئاستى بېزى مەنبەلىك ئىچى سۈرۈشتە ئىچى سۈرۈش بىلەن بىرگە چوڭ تەرەت مايلىق كېلىدۇ.

4. نېرۋا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈشتە، پاسسىپ رھوىي كەيپىيات ئامىللىرىغا يولۇققاندىن كېيىنلا ئىچى سۈرۈش كۆرۈلىدۇ.

5. غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈشتە، ئىچى سۈرۈش بىلەن بىرگە قۇسۇش كۆرۈلىدۇ. تەرەت سۇيۇق يېشىل رەڭدە بولۇش بىلەن بىرگە، مەقئەت ئەتراپى قىچىشىش، سۈيدۈك ئازىيىش، كۆپ ئۇسساش، قىزىش، توڭۇپ تىترەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىلەر قورساق ئېسىلىش، چىرايى تاتىرىش، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇش كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا بەدەن سۇسىزلىنىپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈشتە، ئاغزىدىن شالا ئېقىش، كۆپىنچە ئەتىگەندە سېسىق پۇراقلىق، كۆپۈكلۈك ئاق ياكى كۆكۈش رەڭلىك ئىچى سۈرۈش، ئۇرۇقلاش، چىرايى تاتىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

تىپىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن

چوڭ تەرەت قېتىمى كۆپ، تەرەت سۇيۇق بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش ۋە قايسى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا ئالاقىدار ئالمەتلەر قوشۇلۇپ كېلىش ئالاھىدىلىكى بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ھەرخىل ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، ئاشقازان ئاستى بەز كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغانلىق ۋە زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق مۇھىتتا تۇرغانلىق ھەم زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغانلىق، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرىغا يولۇققانلىق تارىخى بولىدۇ.

 قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن

چوڭ تەرەتنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە قان كۆرۈلىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچى سۈرۈشتە ماي فېرمېنتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئۈچەي يوللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، چوڭ تەرەتتىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە، كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار تېپىلىدۇ.

1.مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىكلىرىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. سۇيۇقلۇق تولۇقلاش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا سوۋۇتۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ئەينۇلا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، جاۋارىش سۇماق كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

60 گرام، تەمرى ھىندىنى 500 مىللىلىتىر قايناق سۇغا 10 سائەت چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ، تېرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە 80 مىللىلىتىر بېھى شەربىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30~20 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قورۇلغان سېمىزئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى بەش گرامدىن، تاباشىر ئىككى گرام، ئانار شەربىتى 30 مىللىلىتىر، ئەرقى گۈل مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تاباشىرنى ئەرقى گۈلدە ئېزىپ، باشقا دورىلارنى ئەرقى گۈلدە قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

 مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسپىغۇلنىڭ لۇئابىنى چىقىرىپ ئىچىشكە بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

خىلىتىسز ھۆل سوغۇق كەيىپيات تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قىزىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

مەستىكى يېغى، قەلەمپۇر يېغى، دارچىن يېغى قاتارلىقلار بىلەن قورساق قىسمى ياغلىنىدۇ.

سۇمبۇل، ئەفسەنتىن، گۈلدارچىن، ئۇدسەلىپ، سەبرى يەتتە گرامدىن، زەپەردىن ئۈچ گرام ئېلىپ، بېھى سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، زىماد تەييارلاپ قورساق قىسمىغا چېپىلىدۇ.

زەنجىۋىل مۇرابباسى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن، سەۋزە مۇرابباسى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن، جاۋارىش كۇمۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئۇد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئەگەر بەدەن قۇۋۋىتى يار بەرسە خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ مۇسھىلىنى بېرىپ، زەنگار سەپرا خىلىتى ۋە ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئەگەر مۇنزىچ بېرىش مۇۋاپىق بولمىسا، 10 مىللىلىتىر ئەرقى گۈلگە 48 گرام سېرىق ھېلىلە تالقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، زەنگار سەپرا خىلىتى ۋە ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئارتۇق بەلغەم خىلىتىنى تازىلش مەقسىتىدە 30 مىللىلىتىر ئابدىملىلىك يېغىنى ئىستېمال قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئارتۇق بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئابدىمىلىك يېغىدىن 12 مىللىلىتىر، خەشخاش شەربىتىدىن 25 مىللىلىتىر، ئارپىبەدىيان 48 گرام ئېلىپ، ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈچ، تۆت قېتىم بېرىش ئارقىلىق شورلۇق بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

سۇيۇقلۇق تولۇقلاش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

سۇيۇقلۇق تولۇقلاش مەقسىتىدە ئەرقى گۈل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ ياكى قايناق سۇغا مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇز قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

10 گرام تاباشىرنى سوقۇپ، 60 مىللىلىتىر ھەببۇلئاس شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

زەھىرى مۆھرى، تاباشىر، ئەرەب يېلىمى، گىل مەختۇم ئىككى گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ تالقانلاپ، قايناق سۇ بىلەن ياكى بېھى مۇرابباسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سېمىزئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى بەش گرامدىن، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، تاباشىرلارنى سەككىز گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرقى گۈلگە چىلاپ، قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىرنى 30 مىللىلىتىر ئانار شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتى ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش ئۈچۈن قارا ھېلىلە، خەشخاش پوستى، بەدىيان 12 گرامدىن، جىگدە تالقىنى 24 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە تالقانلاپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرام ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتى ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش ئۈچۈن قارا ھېلىلە، بەدىيان، زەنجىۋىل، خەشخاش پوستى ئالتە گرامدىن، كالا يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دورىلارنى كالا يىغىدا قۇرۇپ، تالقانلاپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامنى خەشخاش شەربىتىدىن 25 مىللىلىتىر بىلەن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش ئۈچۈن قورۇلغان سېمىزئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى بەش گرامدىن، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى ئالتە گرام، تاباشىر، ئېچىلغان قىزىلگۈل ئوتتۇرىسىدىكى سېرىق چېچىكى ئىككى گرامدىن، رەيھان ئۇرۇقى بەش گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقدادىكى ئەرقى گۈلگە چىلاپ، قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىرنى 25مىللىلىتىر ئانار شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سېمىزئوت ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، لاچىندانە، زىرە ئىككى گرام، ئەرقى گۈل 100مىللىلىتىر، ئەرقى شوخلا 100مىللىلىتىر ئېلىپ، ئۇرۇق دورىلارنى ئەرەقلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

10 گرام پاقىيوپۇرمىقىنى 50 مىللىلىتىر ئانار شەربىتىگە چىلاپ، كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قورۇلغان سېمىز ئوت ئۇرۇقى، تاباشىر، گىل ئەرمىنى، ئانار گۈلى، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 21 گرامدىن، قىزىلگۈل، نىشاستە، خونىسياۋشان، ھەببۇلئاس ئالتە گرامدىن، كۈندۈر ئۈچ گرام، ئەفتىمۇن ئىككى گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئىككى گرامنى 50 مىللىلىتىر خەشخاش شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

كاسىنە توققۇز گرام، مەستىكى، قارا زىرە، قۇرۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، لاچىندانە، پىستە مېغىزى، تۇرۇنجى پوستى، ئانار ئۇرۇقى، ئامىلە پوستى، قىزىلگۈل غۇنچىسى يەتتە گرامدىن، ئۇدھىندى، ئۈزۈم ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، تاباشىر، كەھرىۋا، ئىچىلغان قىزىلگۈلنىڭ سېرىق چېچىكى ئۈچ گرامدىن تالقانلاپ، ھەر قېتىمدا تۆت گرامنى ئەرقى لاچىندانە ياكى 100 مىللىلىتىر تۆمۈر داغمال سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش ئۈچۈن بەدىيان، پىننە، مەستىكى رۇمى، زەنجىۋىل، لاچىندانە، كاسىنە 10 گرامدىن ئېلىپ، تالقانلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا بەش گرامدىن بېرىلىدۇ.

سۇفوپى كوكنار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سوفوپى كوكنار نۇسخىسى: كەندىرنىڭ قورۇلغان يوپۇرمىقى تۆت گرام، ئۇزۇنچاق پىلپىل، زەنجىۋىل ئىككى گرامدىن، قورۇلغان كوكنار پوستى 10 گرام، قورۇلغان ئانار ئۇرۇقى، مەستىكى رۇمى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ئالتە گرامدىن، ئەرەب يېلىمى 1.5 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە سۇفۇپ تەييارلىنىدۇ.

ھەببىي قابىز كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ھەببىي قابىز نۇسخىسى: ئەپيۇن، كەتىرا، يۇلغۇن مېۋىسى، بېدە ئۇرۇقى، ئاقاقىيا، قىزىلگۈل، ھەببۇلئاس ئىككى گرامدىن ئېلىپ، ئەرەب يېلىمىنىڭ ئېرىتىلگەن سۈيى بىلەن ماش چوڭلىقىدا ھەب تەييارلىنىدۇ.

مەجۇنى سەنگى دانە مۇرۇغ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

مەجۈنى سەنگى دانە مورۇغ نۇسخىسى: قانىسە، تاباشىر توققۇز گرامدىن، پىننە، تۇرۇنجى پوستى، پىستە مېغىزى پوستى، قىزىلگۈل، مەستىكى رۇمى، سەئىدى كۇفى، سۇمبۇل، سازەج ھىندى بەش گرامدىن، ئۇد ھىندى، زىرىق ئالتە گرامدىن، قەرنەفىل ئۈچ گرام، قارىمۇچ تۆت گرام ئېلىپ، تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئانار شەربىتى، قەنت ۋە دورا تالقانلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

سۇفۇپى زەرنەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سۇفۇپى زەرنەپ نۇسخىسى: كالا يىغىدا قۇرۇلغان قارا ھېلىلە، قۇرۇلغان بەدىيان، قۇرۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، كوكنار پوستى، بېھى ئۇرۇقى،قوۋزاق دارچىن، قارىغاي يېلىمى، جۆيۈز، سەئىدى كۇفى، ئىسپىغۇل ئالتە گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە سۇفۇپ تەييارلىنىدۇ.

ھەببى قابىز كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ھەببى قابىز نۇسخىسى: قارا ھېلىلە، ئەرەب يېلىمى، ئۈزۈم ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، موزا، جۇۋىنا، ئانارگۈلى، بوزۇرغا، ئامىلە، خەشخاش 10گرامدىن ئېلىپ، قارا ھېلىلە سېرىق مايدا قۇرۇلىدۇ. موزا قۇرۇپ سارغايتىلىدۇ. دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن نوقۇت چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلىنىدۇ.

سۇفوپى قابىز كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا يەتتە گرامنى مۇۋاپىق مىقداردىكى خەشخاش شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئېچىشكە بېرىلىدۇ.

سوفوى قابىز نۇسخىسى

 ئىسپىغۇل، رەيھان ئۇرۇقى، قىچا ئۇرۇقى، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، گاۋزىبان، ئەرەب يېلىمى، گىل ئەرمىنى، خەشخاش ئۇرۇقى 10 گرامدىن قائىدە بويىچە سۇفوپ تەييارلىنىدۇ.

قۇرسى تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش دانىنى 30 مىللىلىتىر ھەببۇلئاس شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ.

سۇفوپى تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن بەش گرامنى 30 مىللىلىتىر خەشخاش شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قۇرسى تاباشىر قابىز كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامنى 30 مىللىلىتىر خەشخاش شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قۇرسى ئىسھال كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~2 دانىدىن، جاۋارىش سەپەر جىلى قابىزىكۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش زىرشىك كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 8 گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش سۇماق كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئۇد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئەنجىباھار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ھەببۇلئاس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قۇرسى ئىسھال نۇسخىسى

 تاباشىر 30 گرام، قىزىلگۈل 30 گرام، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى 15 گرامدىن، ئانارگۈلى، سەمغى ئەرەبى بەش گرامدىن ئېلىپ، تالقانلاپ، سېمىز ئوت ئۇرۇقى لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، 0.5 گراملىقتىن قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك، يەللىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان، پاكىز، تازىلىقى ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، زىيادە يىرىك تاماقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=820

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#