زاماندىن ھالقىغان رىشتە

«زاماندىن ھالقىغان رىشتە»بولسا لىن يۈ فېن رېژىسسورلىق قىلغان ، ياڭ مى ، جاۋ يوۋ تىڭ باشلاپ  باش رول ئالغان، جاڭ جى ياۋ، دىلرەبا، گاۋ ۋېي گۇاڭ ، خۇاڭ مېڭ يىڭ ، جاڭ بىن بىن ، جۇ شۈدەن مۇقەددەس قاتارلىقلار  ئاساسسلىق رول ئالغان، فىلىمدە چىڭ چىئۇۋ تۈلكە سۇلتانىنىڭ كەنجى قىزى  بەي چىئەن بىلەن ئەرش ۋەلىئەھتى يې خۇانىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن .

بۇ فىلىم 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ  جې جىئاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا كېيىن كۆزنەك ئېكرانىدا قويۇلغان .

ئۇيغۇرچە نامى زاماندىن ھالقىغان رىشتە
باش رولچى ياڭ مى ، جاۋ يوۋ تىڭ
قىسىم سانى 58
قويۇلغان ۋاقتى 2017.1.30
ئىشلەنگەن ئورۇن جوڭگو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 三生三世十里桃花
تۈرى مۇھەببەت \ ئەپسانە-رىۋايەت
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2016-يىلى
دىئالوگ تىلى خنزۇچى \ئۇيغۇرچە
تۇنجى كۆرسەتكەن قانال جې جىئاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاناتلىقلار پىرى چىڭ ساڭ ئىلاھلارغا جەڭ ئېلان قىلغاندا ، ئىلاھلار ئېغىر بەدەل تۆلەپ چىڭ ساڭنى دۈنخۇاڭ دۈكىگە پەچەتلەيدۇ. شۇ يىل دەل ئەرش ۋەلىئەھتى يې خۇانىڭ تەۋەللۇت يىلى . يەتتە يۈز مىڭ يىلدىن كېيىن  چىڭ ساڭ بەنىدنى بۇزۇپ چىققاندا ، چىڭ چىئۇۋ تۈلكە سۇلتانىنىڭ كەنجى قىزى  بەي چىئەن ئۇنى قايتا بەند قىلىدۇ، مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك چىراي ، سېھرىي كارامىتىدىن ئايرىلىپ ئادىمىزات دۇنياسىغا كېلىپ قالىدۇ . كېيىن يې خۇا بىلەن تونۇشۇپ ، كۆڭۈل بېرىشىپ بىرلىكتە ئەرىشكە چىقىدۇ . ئەرش ئوردىسىدا ، يې خۇاغا ئاشىق-بىقارا  بولغان سۇ جىن نەچچە نۆۋەت سۇ جىننى قەسلىمەچكى بولىدۇ . بەي چىئەننىڭ يې خۇانى رەھىمسىز سوغۇق قان دەپ چۈشۈنۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغاندىن كېيىن ، ھىيلە -مىكىر بىلەن بەي چىئەننىڭ كۆزىنى ئويدۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ زەخىملەن كۆزىگە ئالماشتۇرىدۇ. بەي چىئەن يې خۇانى ئۆزىنى سۆيمەيدۇ دەپ بىلىپ ، جازا سۇپىسىدىن سەكرەپ ، چىڭ ساڭنىڭ بەنىدىدىن قۇتۇلۇپ بارلىق  ئەسلىمىلىرى ئېسىگە كېلىپ ، ئازابلىق ئەسلىمىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھېسسىزلىق سۈيى ئىچىپ ، ھەممىنى ئۇنتىدۇ .

يۈز يىلدىن كېيىن ئۇلار شەرقىي دېڭىزدا قايتا ئۇچرىشىدۇ ، بەي چىئەننى تونۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە  قايتىدىن نۇرغۇن ھېكايەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ .بۇرۇنقى بارلىق نەپرەت -ئاداۋەتلەرنى ئەسكە ئالغان بەي چىئەن بۇ ئەلەمگە چىدىماي ، سۇ جىندىن ئۆز كۆزىنى قايتۇرىۋالىدۇ ، لېكىن يەنە بىر قېتىم سۇ  جىننىڭ ھىيلە - مىكرى بىلەن يې خۇانى خاتا چۈشۈنىپ قېلىپ ، ئۇنى كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ . دەل مۇشۇ پەيىتتە چىڭ ساڭ بەنىدتىن  قۇتۇلۇپ ، قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ .يې خۇا چۈشەندۈرۈشكە ئۈلگەرمەيلا ، ئۆزى چىڭ ساڭنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىنى بەدەل قىلىپ ، چىڭ ساڭنى  دوڭخۇاڭ كولدۇرمىسىغا بەند قىلىدۇ . يې خۇانىڭ روھى تۈتۈنگە ئايلىنىپ كېتىشتەك ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالمىغان بەي چىئەن ئۆزىنى ئەيىپلەپ  تولىمۇ ئازاپلىنىپ كېتىدۇ . تەلەيگە ، ئۈچ يىلدىن كېيىن يې خۇا قايتىپ كېلىپ ھەممە ھېكايىلەر داۋاملىشىدۇ ...

بەي چىئەن سى يىن سۇ سۇ 

ياڭ مى رولدا 

چىڭ چىئۇۋ تۈلكە سۇلتانىنىڭ كەنجى قىزى  بەي چىئەن بىلەن ئەرش ۋەلىئەھتى يې خۇانىڭ چېيى ئىچكۈزىلگەن بولۇپ  ،  مو يۈەن جوڭ ئىلاھىنىڭ  ساگىرتى . تۆت دېڭىز سەككىز چۆللىكتىكى ئەڭ گۈزول ئايال ئىلاھە ، مەيگە ئامراق ،  دائىم يولدىن ئېزىپ قالىدۇ ، سوۋغا سوۋغا قىلىشنى ئۇقمايدۇ . مۈشكۈلاتتىن ئۆتۈش ئۈچۈن  ئاددىي پۇقرا بولۇپ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە ئۇچرايدۇ ، ھەم ئۈچ ئۆمۈرلۈك مۈشكۈلاتلارنى  باشتىن كەچۈرىدۇ .

يې خۇا    \جاۋ گې

جاۋ يوۋ تىڭ رولدا 
چىڭ چىئۇۋ تۈلكە سۇلتانىنىڭ كەنجى قىزى  بەي چىئەن بىلەن ئەرش ۋەلىئەھتى يې خۇانىڭ چېيى ئىچكۈزىلگەن بولۇپ ، يې خۇا ئېغىر بېسىق ،  قارا رەڭلىك كىيىمنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ . 200مىڭ يېشىدىلا  ئەۋلىيا بولۇپ  ، ئۆز كۈچى بىلەن ھەممە ئىشنى كۆتۈرىدۇ ، مۇھەببىتىگە سادىق ، قانچىلىك ۋاقىتنىڭ  ئۆتىشىدىن قەتتىي نەزەر پەقەت بەي چىئەننىلا ياخشى كۆرىدۇ .

مو يۈەن 

جاۋ يوۋ تىڭ رولدا 

ئەۋلىيا ئاتىنىڭ كەنجى ئوغلى ، ئالەمدىكى تەڭداشسىز جەڭ ئىلاھى ، يې خۇانىڭ ئاكىسى  ، سى يىننىڭ ئۇستازى ، كۈن لۈن قەسرىنىڭ ئىگىسى ، سى يىنغا بولغان مېھرى بار . 

قاناتلىقلار بىلەن بولغان بىر قېتىملىق جەڭدە خەلقى ئالەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن  چىڭ ساڭنى  دوڭ خۇاڭ كولدۇرمىسىغا بەند قىلىپ ، روھى تۈتۈنگە ئايلانغان . 

جې يەن 

 جاڭ جى ياۋ رولدا
دۇنيا پەيدا بولغاندىكى تۇنجى سۇمرۇق ، ھەممىدىن ئۆزىنى تارتىپ ، خىلۋەتكە چېكىنىپ ،  ئىشلاردىن سوراقسىز يۈرىدۇ ، ھەرقانداق ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئەمەستۇر ، پەقەت شاپتولزارلىقتا  ئۆزىنىڭ كىچىك دۇنياسىنى ساقلاپ تۇرىدۇ . مەي ئېچىتىشنى ئۇقىدۇ ، تىبابەتتە كامالەتكە يەتكەن ،  تۆت دېڭىز سەككىز دەريادا ئورنى ئالاھىدە يۇقىرى سۇمرۇق .






فېڭ جىئۇ 

دىلرەبا رولدا
تۆت دېڭىز سەككىز چۆللىكتىكى بىردىنبىر توققۇز قىزىل قۇيرۇقلۇق تۈلكە . زېرەك، چېچەن ، قورۇقماس ، دادىل ، نىجاتكارىغا  نىيەت باغلىغان ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگەن . بارلىق ساداقىتى بىلەن يەتكىلى بولماس   مۇھەببەتكە ئەقىدە باغلىغان .قاش ئارىلىقىدا سۇمرۇق گۈلى شەكلىدىكى ھامىلە مېڭى بار .  چىرايلىق ، ئوماق ، شوخ ، جانلىق قىزىل تۈلكە.



چىڭ ساڭ 

لىئەن يى مىڭ رولدا

قاناتلىقلار پىرى ، لى جىڭنىڭ ئاتىسى ، قاناتلىقلار يېغىلىقىدىن كېيىن ،  دوڭ خۇاڭ كولدۇرمىسىغا بەنىد قىلىنىدۇ ، كېيىن بەنىدتىن قۇتۇلۇپ چىقاي دېگەندە  بەي چىئەن ئۇنى  يەنە بىر قېتىم بەند قىلىدۇ . زېمىنغا خوجا بولۇش  نىيىتىدىن يانمىغان چىڭ ساڭ ئۈچىنچى قېتىم بەنىدتىن قۇتۇلۇپ چىققاندا ، ۋەلىئەھتى يې خۇا  تەرىپىدىن روھى تۈتۈنگە ئايلاندۇرىلىدۇ . 





دوڭ خۇا

گاۋ ۋېي گۇاڭ رولدا

ئاتا-ئانىسى يوق ، كۆك دېڭىز كۆك تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان. تۆت دېڭىز سەككىز چۆللىكنىڭ  ئامانلىقى ئۈچۈن ئۆز نىكاھىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ، يالغۇزلىق بىلەن ھەمراھ بولۇشنى قارار  قىلغان . ھەتتا ئەرىش سۇلتانىمۇ ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ .



سۇ جىن

خۇاڭ مېڭ يىڭ رولدا 

يې خۇانىڭ توقىلى ، ئەسلى ئەرىش سۇلتانىنىڭ توقىلى ئىدى . سۇ جىن جەمەتى ئەرىش ئۈچۈن قۇربان  بولۇپ  مۇشۇ  بىرلا ئەۋلادى قالغان . ئەرىش سۇلتانى ئۇنى مەلىكە دەپ جاكارلىغان . بەكمۇ ھىيلىگەر  كىچىكىدىنلا يې خۇاغا ئاشىق بىقارار بولۇپ يۈرگەن بولسىمۇ لېكىن يې خۇانىڭ ياخشى كۆرىشىگە  ئېرىشەلمىگەن . يې خۇاغا ئېرىشىش ئۈچۈن ، سۇسۇنى قەسلەشتىن يانماي ، ھىيلە -مىكىر بىلەن سۇسۇنىڭ كۆزىنى ئويدۇرىۋالغان . لېكىن سۇسۇنىڭ دەل بەي چىئەنلىكىنى ئۇقمىغان .





لى جىڭ

جاڭ بىن بىن رولدا

بەي چىئەن سى يىن نامى بىلەن ئەر سىياقىدا كۈن لۈن قەسرىدە مو يۈەنگە شاگىرت بولىۋاتقان  چاغلاردا سى يىننى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ، بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالماي ، بەي چىئەنگە  ئوخشايدىغان  شۈەن نۈنى ئەمرىگە ئالغان ، كېيىن ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگىنىنىڭ دەل بەي چىئەن  ئىكەنلىكىنى ئۇققان چاغدا ، بەي چىئەن بۇرۇنلا يې خۇانى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى .


 بەي جېن 

يۈ مېڭ لوڭ رولدا 

تۈلكە سۇلتانىنىڭ ئوغلى ، نىشانى بولسا جې يەن بىلەن بىللە يۈرۈش ، بەي چىئەننىڭ ئامانلىقنى  قوغداش . بەي چىئەننىڭ پاسىبانى ، ئۆزى بولسا ئوچۇق -يورۇق .








شۇەن نۈ

جۇ شۈ دەن رولدا 

بەي چىئەننىڭ چوڭ يەڭگىسىنىڭ سىڭلىسى ، لى جىڭنىڭ ئايالى . بەي چىئەننىڭ گۈزەللىكىگە ھەسەت  قىلىپ ، بەي چىئەندىن ئۆزىنى بەي چىئەنگە ئوخشاش گۈزەل قىلىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەنىدى . شۇ  سەۋەبلىك  ئۇ بەي چىئەنگە ئوخشايدىغان چىرايى بىلەن لى جىڭنىڭ ئەمرىگە چىقىدۇ . كېيىن قاناتلىقلارغا  ياردەملىشىپ ئەرىشكە ئاسىيلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ، ئەرىشتىن ھەيدىلىدۇ . بەك كۆپ  گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈك بوۋاق تۇغۇپ ، بۇ بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئا لى بىلەن مو يۈەننىڭ تېنىنى  ئوغرىلاپ قاچىدۇ . يې خۇا بۇلاردىن غەزەپلىنىپ  ئۇنىڭ بەي چىئەنگە ئوخشايدىغان رۇخسارىنى تارتىۋالىدۇ . بەك بەتنىيەت بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇ ئەسلىدىكىدىنمۇ بەتبەشىرە ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ . 

ئالى 

جاڭ يى خەن رولدا 

بەي چىئەن سۇ سۇ سىياقىدا مۈشكۈلاتتىن ئۆتىۋاتقاندا ، يې خۇا بىلەن بولغان پەرزەنتى . 









يەن جى 

مۇقەددەس رولدا 

قاناتلىقلار مەلىكىسى ، لى جىڭنىڭ سىڭلىسى ، مو يۈەننىڭ ئون ئالتىنچى شاگىرتى زى لەن  بىلەن ياخشى كۆرىشىپ قالىدۇ . لېكىن سالايىتى سەۋەبلىك بىللە بولمايدۇ . 





 رول  ئارتىس
 بەي چىئەن  ياڭ مى
 جاۋ يوۋ تىڭ  مو يۈەن \ يې خۇا \ جاۋ گې
 جې يەن  جاڭ جى ياۋ
 بەي فېڭ جىئۇ  دىلرەبا
 دوڭ خۇا گاۋ ۋېي گۇاڭ 
 سۇ جىن  خۇاڭ مېڭ يىڭ 
 لى جىڭ  جاڭ بىن بىن
 شۈەن نۈ  جۇ شۈدەن
 يەن جى مۇقەددەس 
 لىئەن يى مىڭ  چىڭ ساڭ 
 بەي جېن  يۈ مېڭ لوڭ 
 زى لەن  لىيۇ رۇي لىن
 سى مىڭ  ۋاڭ شىئاۋ
 ئەرىش سۇلتانى  جىئاڭ كەي 
 ياۋ گۇاڭ  لى شىن يى
 لې شۈ  لىيۇ شىئاۋ يې
 شىئاۋ شىن  ئەن يۆ شى
 دىيې فېڭ  لەي يى 
 مى گۇ  لىيۇ يوۋ خاۋ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    83.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    16.7%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#