نېلسون ماندېلا

نېلسون ماندېلا

نېلسون ماندېلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا نىڭ ترانسكېي رايونىدا تۇغۇلغان. جەنۇبىي ئافرىقا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات باكلاۋور ۋە ۋىتۋاتېرسراند ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە. ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيى ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رەئىسى بولغان. 1994-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان، تۇنجى قارا تەنلىك زۇڭتۇڭى بولغان، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى نېلسون ماندېلا
باشقا نامى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت ئاتىسى
يۇرتى ترانسكېي رايونى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى جىنشەن ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 纳尔逊·罗利赫拉赫拉·曼德拉
دۆلەت تەۋەلىكى جەنۇبىي ئافرىقا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى
كەسپى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى
چەتئەلچە ئىسمى Nelson Rolihlahla Mandela

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نېلسون ماندېلانېلسون ماندېلا 20-ئەسىرگە مۆھۈرىنى باسقان مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى.

ئۇ، تەن رەڭگى ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىر دۆلەتتە دۇنياغا كەلدى ۋە بىر ئۆمۈر ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان.

تولۇق ئىسمى نېلسون رولىھلاھلا ماندېلا بولغان مىسلىسىز لىدەر، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىرانسكېي رايونىدا تېمبۇ قەبىلىسى رەئىسىنىڭ ئوغلى سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەن.

كىچىك يېشىدىلا ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن دىققەت قوزغىغان ماندېلا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە سىياسەتكە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان.

نېلسون ماندېلاقىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولغان.

ئۇنىۋېرسىتېتتا قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان. ھۆكۈمەتكە قارشى ماقالە يازغانلىقى ۋە نامايىشلارغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتتىن قوغلانغان. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارتىۋېلىنغان.

ئەركىنلىك جەڭچىسى ماندېلا، تىرانسكېيدىن ئايرىلىپ تىرانسۋائالغا كەتكەن. بۇ يەردە بىر مەزگىل ئالماس كانلىرىدا مۇھاپىزەتچى بولۇپ ئىشلىگەن.

بۇ مەزگىلدە، يېرىم قالغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشىنى مەكتۇپ ئارقىلىق داۋاملاشتۇرغان.

1942-يىلى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك ئادۋۇكاتى بولغان.

جوھانېسبۇرگنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدە ئادۋۇكاتلىق قىلغان مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن ئىرقچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس مۇستەملىكىچىلىك پىلانلىرى، ماندېلانىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

1944-يىلى يەرلىك خەلق تەرىپىدىن ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مىللىي پارتىيە، 1948-يىلى ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان چاغدا، ئەڭ كۆپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن بىرى بولغان.

شۇ يىلى ماندېلا ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپلىقىغا، 1950-يىلى باشلىقلىقىغا سايلانغان.

ماندېلا، 1961-يىلى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىنى قۇرغان.

نېلسون ماندېلا1962-يىلى چەتئەلنىڭ «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە چەتئەلگە چىققان. ئەنگىلىيە ۋە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئايلاندى. بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ قورال-ياراغ ۋە پۇل جەھەتتىن ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن. دۆلىتىگە قايتىشىدا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، رۇخسەتسىز چەتئەلگە چىقىپ كېلىش، خەلقنى كۈشكۈرتۈش، بۇزغۇنچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەمدە سۈيىقەست پىلانلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ماندېلا، روبىن ئايلىند ئارىلىدىكى تۈرمىدە يېتىۋاتقاندا، ساقچىلار 1963-يىلى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەر ئاستى مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىغا ئائىت بىر قاتار ھۆججەتلەر بىلەن ھەرىكەت پىلانلىرىنى قولغا كىرگۈزگەن.

ماندېلا ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى سوتقا تارتىلغاندىن كېيىن، «جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش تاشلاش ئۈچۈن مەخپى پىلان تۈزۈش ۋە قانۇنىي ئورگانلارغا قارشى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

شۇندىن تارتىپ نېلسون ماندېلا، ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغان ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان.

نېلسون ماندېلا«دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر مەھكۇم» دەپ ئاتالغان ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرىشىنى پۈتكۈل دۇنيادا قانات يايدۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن دۇنياۋى قەھرىمانغا ئايلانغان ماندېلا، 1990-يىلى 11-فېۋرال كۈنى كېيپ تاۋن تۈرمىسىدىن چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن.

ماندېلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن چاغدا 71 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. پەقەت قارا تەنلىكلەرلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ماندېلانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كەتكەن.

ماندېلا رەھبەرلىكىدىكى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرىشى، 1992-يىلى 18-مارت كۈنى مېۋە بېرىشكە باشلىغان؛ خەلق رايىنى سىناشتا، قارا تەنلىكلەرگە تەڭ ھوقۇقلۇق پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش نىشان قىلىنغان ۋە پىرېزىدېنت دې كىلېرك تەرىپىدىن پىلانلانغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قوبۇل قىلىنغان.

نېلسون ماندېلادائىم، «كۈرەش مېنىڭ ھاياتىم بولۇپ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە قارا تەنلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىمەن» دەيدىغان ماندېلا، 1994-يىلى 10-ماي كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك پىرېزىدېنتى بولغان.

پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، يېڭى بىر ئاساسىي قانۇن ھازىرلاتقان ماندېلا، قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان «ھەقىقەتچىلىك ۋە مۇرەسسەلىشىش كومىتېتى»نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق دۆلىتىدە ئىلگىرى يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

جەنۇبىي ئافرىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نوپۇزلۇق بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان ماندېلا، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىغان.

ئافرىقا خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەركىنلىك جەڭچىسى ماندېلا، 40 يىل ئىچىدە 250 تىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەرلىك تىللىرىدىن بىرى بولغان زوسا تىلىدا «مىللەتنىڭ ئاتىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان مادىبا تەخەللۇسى بىلەن ئاتىلىدىغان ماندېلا، ھازىرقى زامان سىياسىيونلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى سۈپىتىدە تارىختىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان.

نېلسون ماندېلا2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، ماندېلا ئۆپكىسى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن پرېتورىيا دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان. 

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، سابىق زۇڭتۇڭ ماندېلانىڭ ئاللىقاچان دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى، يوھانىسبورگتىكى ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، سالامەتلىك ئەھۋالى تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان.

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى (جەنۇبىي ئافرىقا ۋاقتى 5-كۈنى) ماندېلا يوھانىسبورگتا تۇرۇشلۇق ئۆيىدە 95 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. جەنۇبىي ئافرىقا ماندېلا ئۈچۈن دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەن. 

 [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#