قىزىل دەرياسى
قىزىل دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالەن چوققىسىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىدۇ. ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 737 كىلومېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىل دەرياسىقىزىل دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالەن چوققىسىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىدۇ. ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 737 كىلومېتىر، جۇڭگو تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 600 كىلومېتىر. دەريا ئېقىنى غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ كونا شەھەر، قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر، پەيزىۋات، مارالبېشى ناھىيەلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەكەن دەرياسى غا قويۇلىدۇ. سۇغىرىش ئېقىنىدىكى تېرىلغۇ يەر 2 مىليون 150 مىڭ مو، بىنەم 1 مىليون 700 مىڭ مو بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى دىكى 2-چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ. دەريا سۈيى قىزىل ۋە لاي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.
قىزىل دەرياسى مۇز ئېقىنلاردىن ئېرىپ چۈشكەن قار سۈيى ۋە تاغ بۇلاقلىرى، شۇنىڭدەك تەبىئىي يامغۇر سۈيىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان. يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچىشىگە، زىرائەتلەرنى سۇغىرىشقا ماس كېلىدۇ. تۆۋەن ئېقىندا سۇدا ئېرىيدىغان شور ۋە لاتقىلار كۆپەيگەچكە، سۇنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئىچىشىگە باب كەلمەيدۇ. دەريادا بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى بار.
قىزىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 67.1 كۇب مېتىر، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر، سۇ كۆپ كەلگەن يىللاردا 2 مىليارد 282 مىليون كۇب مېتىر، سۇ ئاز كەلگەن يىللاردا 1 مىليارد 765 مىليون كۇب مېتىر. ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىل كەلكۈن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. 7-ئايدىكى كەلكۈن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، يىللىق سۇ مىقدارىنىڭ 60% ىنى ئىگىلەيدۇ. 1966-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئەڭ زور ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 1400 كۇب مېتىرغا يەتكەن. 1930-يىلى 1850 سېكۇنت كۇب مېتىرلىق زور كەلكۈن كەلگەن. ھەريىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن كېلەر يىلىنىڭ 2-ئايلىرىغىچە سۇ ئازىيىدۇ. ئەڭ كىچىك ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 9.60 كۇب مېتىر كېلىدۇ.
قىزىل دەريا ئېقىنىدا 19 ئورۇندا سۇ ئامبىرى، بەش ئورۇندا سۇ ئۆلچەش پونكىتى، ئىككى ئورۇندا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.