ئالەن كەي

ئالەن كەي

ئالەن كەي 1940-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماسسا چۇسېتتىس شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئالەن بولسا يېقىنقى زامان كومپىيۇتىرىنىڭ باشلامچىسى، ئۇ مەھسۇلات تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە كىشلەرنىڭ كومپيۇتېر غا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتكەن، يېقىنقى زامان پروگرامما تۈزۈش ئىدىيسى شۇنداقلا ھازىرقى PC نىڭ ياراتقۇچىلىرىنڭ بىرى. ھازىر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتى بوكلى شۆبە مەكتىپىنىڭ قوشۇمچە پروفېسسورى. ئىلگىرى شىركىتىنىڭ ئاكادېمىكى، خۇيپۇ شىركىتىنىڭ پېشقەدەم ئاكادېمىكى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئالەن كەي
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1940-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لىدا ئۇنۋېرستىتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 艾伦·凯
يۇرتى ماسسا چۇسېتتىس
كەسپى پىروفېسسور، ئالىم
ئېنگىلىزچە ئىسمى Alan Curtis Kay

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالەن كەيئالەن كەي 1940-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماسسا چۇسېتتىس شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كومپىيوتېر ئالىمى، «كەلگۈسىنى مۆلچەرلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، كەلگۈسىنى يارىتىش»، بۇ بولسا تالانتلىق ئۇستاز ئالەن كەينىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ قىسقا پاراڭلىشىش(Smalltalk) يۆنىلىشىدىكى نىشانلىق پروگرامما تۈزۈش تىلىنىڭ ئىجاتچىلىرىنىڭ بىرى ھەمدە نىشانلىق پروگرامما تۈزۈش يۆنىلىشىدىكى ئىدىيلەرنىڭ ياراتقۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەنە قول كومپىيۇتىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تۈزگۈچىسى ۋە ھازىرقى زامان Windows GUI نىڭ ئەڭ بۇرۇن ئىشلىتىپ سىناپ كۆرگۈچىسى.

ئالەن كەيئۇ بىر ياش ۋاقىتلىرىدا، ئاتا ئانىسى بىلەن بىرگە ئاۋستىرالىيەگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 3 ياش ۋاقىتلىرىدا، خەت ئوقۇيالايدىغان بولۇپ، 6000 پارچىدەك كىتاب ۋە زور مىقداردىكى رەسىم ئەسەرلىرى ساقلانغان چوڭ ئائىلىسىدە بالىلىقىنى ئۆتكۈزگەن، 5 ياش ۋاقتىدا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن چېغىدا، ئاللىبۇرۇن 100 نەچچە پارچە كىتابنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولغانىدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلىم ئېلىشقا بولغان ئىشتىياقى تېخىمۇ كۈچەيگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئالەن پۈتۈن ئائىلىدىكىلىرى بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكىغا قايتىپ بارغان، كۆپ مىقداردا كىتاب ئوقۇغانلىقى ۋە مۇستەقىل پىكىرلىكى ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن مەغرۇرلاندۇرغانىدى.

 ئۇ دائىم: «مەكتەپكە كىرگەن چاغدىلا، مەن 100 نەچچە پارچە كىتاپلارنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولغان، ئۇ چاغلاردا مەن ئاللىبۇرۇن نۇرغۇنلىغان كۆز قاراشلارنى تىكلىگەنىدىم. 1-يىللىقتا ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنتايىن ئاددى ۋە ساختا نەرسىلەر، مۇئەللىملەرمۇ ئادەم ئالدايدۇ. لېكىن، مەكتەپتە بىرلا خىل كۆز قاراش مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ مۇئەللىملەرنىڭ كۆز قارىشى ياكى دەرىسلىكلەردىكى كۆز قاراشلار. ئۇلار ئۆز ئارا زىتلىشىشنى ياقتۇرمايدىغان، كونا نەرسىلەرنى شەرتسىز توغرا دەيدىغان قاراشلار» دەيتتى. بالىلار مائارىپىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئالەنگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېينىكى مەزگىللەردىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىسىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىمۇ بالىلارغا بولغان كۆيۈنىشىدىن كېلىپ چىققان.

ئالەن كەي1961-يىلى يەھۇدى كۆچمەنلەرنى قوغداپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئالەن ئۆزى ئوقۇۋاتقان غەربى ۋېرگىنىيە بەسانىي(Bathany) مۇزىكا ئىنىستىتوتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن دېنۋېرغا كەلگەن، ئۇ چاغلاردا ئىشلىرى ئانچە ئوڭدىن كەلمىگەن. ئۇ ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەندە، كومپىيۇتىردا بىر تۈرلۈك پروگرامما تۈزۈشكە قاتنىشىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغان، مانا بۇ ئىش ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن، ئالەن شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ كومپىيۇتىر ساھەسىدىكى تالانتىنى بايقىغان. كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يۇتا شىتاتىغا بېرىپ، توك ئېلېكتىر ئىنژىنىرلىقىدا ئوقۇغان. ئالەننى يۇتا شىتاتىغا كەلتۈرگەن ئىش ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈزگەن پىروگراممىسىنىڭ سىزمىچىلىق تاختىسى (SketchPad) تىلىنىڭ ئىجاتچىسى ئەلۋىن سۇسەندكە ياراپ قېلىشىدىن ئىدى. داڭلىق ئۇستازنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۆزىنىڭ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى ئارقىسىدا، ئالەن باشقا پروگرامما تۈزۈش تىلىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ئۈلگە قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى مولكۇلا بىئولوگىيە ئىلمىدىن يىتەرلىك ئوزۇق ئېلىپ، «جانلىقلار تۈر سېلىشتۇرمىسى»نەزەرىيىسىنى ياراتتى. ئالەن ئۆزىنىڭ باشقا ئىلمى ماقالىلىرىدە، «مەن قىىياس قىلغان كەلگۈسىدىكى كومپىيۇتىر جانلىقلار گۇرۇپىسىغا ئوخشاش ئىقتىدارنى ھازىرلىيالايدۇ، ھەر بىر ‹ھۈجەيرە›لەر مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغان بولۇپ، ھەمدە باشقا ئىقتىدارلارنى بىرلىكتە تاماملاپ مۇرەككەپ پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ‹ھۈجەيرە›لەر ئۆزئارا قايتا گۇرۇپپىلىنالايدىغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ۋە تاماملىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولغان بولىدۇ.» دېگەن ئىدى.

ئالەن كەي1968-يىلى يازدا، ئالەن ماسسا چۇستتېس شىتاتىدىكى يىنىك سانائەت سۈنئىي ئىقتىدارغا ئىگە تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى Ximopanbo was نى ئۇچرىتىپ نۇسخا شەكىل (Logo) تىلىگە بولغان قىزىقىشى شەكىللىنىپ: «ئەينى چاغدا مەن تەجرىبىخانىدا شىمو ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ بىر توپ بالىغا Logo تىلىنى ئۆگەتكىنىنى كۆرگىنىمدە، كاللامدا جەمىيەتكە بولغان تونۇش ئۇقۇمىدا تەۋرىنىش بولغانىدى. كومپىيۇتىر پىروگراممىسىنى تۈزۈش راستىنلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، يېڭى كەلگۈسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دىگەنىدى. شىمونىڭ تەجرىبىخانىسىدا، ئالەن يەنە ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى قول يازمىنى پەرىقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، ئالەن دوستىغا «مەن قول يازمىنى پەرىقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى كومپىيۇتىردا قوللىنىپ، بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاستىنى خۇددى ھازىرقى گېزىتلەرگە ئوخشاش قىلىپ لاھىيلەپ چىقالايمەن. لېكىن ئۇ ئېلىكتىرلەشكەن بولىدۇ» دىگەنىدى. بۇخىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئالەن ھازىرقى زامان قول كومپىيۇتىرىنى ئەندىزە قىلغان دىينا كىتابىنى (Dyna book) ئويلاپ چىققان.

1969-يىلى، ئالەن يۇتا شىتاتىدىكى لىدا ئۇنۋېرستىتىنىڭ كومپىيۇتىر پەنلىرى بۇيىنچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن سىتانفۇرت ئۇنۋېرستىتىدىكى سۈنئىي ئختىدارغا ئىگە بولغان تەجرىبىخانىدا ئىشلەپ، پىراپپىسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن سىرىت،  ئۇ دائىم قانداق قىلىپ غايەت زور بولغان كومپىيۇتىرنى كىتاب چوڭلىقىدا كىچىكلىتىپ قوللانغىلى بۇلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلاتتى.بۇ خىلPC بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، بالىلار ئۇنى قەغەز ئورنىدىمۇ ئىشلىتەلەيدۇ. ئالەن بۇ خىل يېڭى شەكىلدىكى   PC نى «KiddieKomp» دەپ ئاتايدۇ، بۇ خىل PC بىر خىل تىلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، كىيىن ئالەن دۇنياغا مەشھۇر Smalltalk تىلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. Smalltalk تىلى يەنە ئالەننىڭ «مولكۇلا PC ئىدىيسى» دە ئىپادە قىلىنغان: پروگرامما بىر خىل بىئولوگىيلىك ئېلمىنىتقا ئوخشايدۇ، ئۇچۇرلارنى ئۆز ئارا باغلايدۇ. Smalltalk  كەسپىي ساھەدە «نىشانلىق پروگرامما تۈزۈش سىسىتېمىسىغا يۈزلەنگەن تىل» دېگەن ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

1972-يىلى، ئالەن شىلپالورتو تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلىگەن. ئۇ شۇ چاغلاردا Smalltalk تىلىنى بالىلار مائارىپىگە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشنى باشلىغان. تەتقىقات مەركىزى نۇرغۇنلىغان بالىلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى كومپىيۇتىردا ئۆگۈنۈش قىلدۇرغان، ئۆگۈنۈش جەريانىدا، بالىلارنىڭ ھەرخىل ئىپادىلىرىنى خاتىرلىۋېلىپ، تەتقىاتنى ئانالىز قىلىشقا خام ماتىرىيال قىلغان. ئالەن ئاخىرى بالىلارنىڭ يېزىققا قارىغاندا، رەسىم ۋە ئاۋاز ئارقىلق PC نى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىرى رەسىملەشتۈرۈش لاھىسىنى بۇ خىلIT تېخنىكىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان. لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى، ئالەننىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى Dynabook قەتئىي بارلىققا كەلمىگەن، چۈنكى شىلپالورتو تەتقىقات مەركىزىدىكى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ماتىرىيال مەنبەلىرىنى بىر تۇتامى يوق ئىشلارغا ئىشلىتىشنى خالىمايتتى.

1979-يىلغا كەلگەندە، Steve Jobs ،Jeff Luo Jinse ھەمدە باشقا ئالما شىركىتىدىكى ئجاتچىلار شىلپالورتو تەتقىقات مەركىزىدە ئىكىسكۇرسىيدە بولغاندا، ئالەن بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنىڭ بىر يەردىن چىققانلىقىنى بايقىغان؛ ئەينى چاغدا ئالما شىركىتى، يېڭىچە  بىر خىل رەسىملىك ئابونت تەكشىلىكىنى لايىھىلەۋاتقان بولۇپ، Jobs خۇشال بولغىنىدىن خىزمەتدېشىغا :«Smalltalk تىلى جانلىق، ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئىكەن، ئالەن مەن ئىزلەۋاتقان گۆھەر ئىكەن» دىگەن ۋە ئالەننىڭ بۇ ئىدىيىسىنى كەڭ ئۇمۇملاشتۇرغان. شۇڭا مەيلى رەسىملەشتۈرۈلگەن Windows مەشغۇلات سىستىمىسى بولسۇن، ياكى ئالما ۋە بارلىق رەسىملەشتۈرۈلگەنLinux مەشغۇلات ساھەسىدە بولسۇن ھەممىسىدە ئالەن ئەينى چاغدا ئالدىنئالا ئويلاپ چىققان ئىددىيلىرىنىڭ داۋامى ئىدى. 

1984-يىلى، ئالەن ئالما شىركىتىگە كىردى، بۇ ئۇنى يىتەرلىك ۋاقىت ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرشىغا تۈرتكە بولغانىدى. ئۇ شۇ يىلى، گىرافىك تەكشىلىكىنى مەركەز قىلغان، بازاردا كەڭ دائىردە قوبۇل قىلىندىغان كومپىيۇتىر مايكىنتوشنى(Macintosh) بارلىققا كەلتۈرگەن. كىيىنكى يىللاردا، لوس ئانجىلىستا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى جايلاردا پايپىتەك بولۇپ يۈرۈپ، دەرىس ئۆتۈش بىلەن بىرگە يەنە، ماسساچۇسېتتىس يىنىك سانائەت ئۇنىۋېرستىتىدە، ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان، ۋاقىت ئارىلىقلىرىدا ئالما شىركىتى ئۈچۈن ئىشلىگەن. لېكىن ئۇ كۆپ ۋاقىتلاردا، كالفورنىيدىكى ئۆزى تەسىس قىلغان مەكتەپتە،  كومپىيۇتىر دەرسى ئۆتكەن.

ئالەن كەيشۇنىڭ بىلەن 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى Smalltalk نىڭ ئىجاتچىسى ئالەن كەي بىرىنجى بولۇپ كومپىيۇتىر ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى بولغان «تۇرىڭ مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#