جېڭ چېڭگۇڭ

جېڭ چېڭگۇڭ (1624-1662-يىللار) ئېلىمىز تارىخىدىكى داڭلىق مىللىي قەھرىمان. ئەسلىي ئىسمى فۇسۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نەنئەن دېگەن يېرىدىن. (1624-1662-يىللار) ئېلىمىز تارىخىدىكى داڭلىق مىللىي قەھرىمان. ئەسلىي ئىسمى فۇسۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نەنئەن دېگەن يېرىدىن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جېڭ چېڭگۇڭ
خەنزۇچە ئىسمى 郑森
باشقا نامى 郑成功、福松、郑大木、赐姓朱、郑延平، ئەل بوۋىسى
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى ھەربىي ئالىم، سىياسىئون، مىللىي قەھرىمان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1624-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1662-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەن ئۆلكىسى
ئەسلىي ئىسمى فۇسۇڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 جېڭ چېڭگۇڭ (1624-1662-يىللار) ئېلىمىز تارىخىدىكى داڭلىق مىللىي قەھرىمان. ئەسلىي ئىسمى فۇسۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نەنئەن دېگەن يېرىدىن. (1624-1662-يىللار) ئېلىمىز تارىخىدىكى داڭلىق مىللىي قەھرىمان. ئەسلىي ئىسمى فۇسۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نەنئەن دېگەن يېرىدىن. 1645-يىلى، جەنۇبىي مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ ۋاڭنىڭ فۇجۇدا ھاكىمىيەت قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەتنى ئەمىن تاپتۇرغۇچى بەگ دېگەن نامغا ئېرىشكەن. تاڭ ۋاڭ ئۇنىڭغا جۇ دېگەن فامىلىنى ئىنئام قىلىپ، ئىسمىنى چېڭگۇڭغا ئۆزگەرتكەن، كىشىلەر ئۇنى يەنە «ئەل بوۋىسى» دەپمۇ ئاتىغان. 

شۈنجىنىڭ 3-يىلى (1646-يىلى) چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى فۇجيەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، جېڭ چېڭگۇڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئاتىسى جېڭ جىلۇڭنى تەسلىم بولماسلىققا دەۋەت قىلغان، لېكىن جېڭ جىلۇڭ بۇ دەۋەتكە قوشۇلمىغان، ئاقىۋەتتە ئۆلتۈرۈلگەن. جېڭ چېڭگۇڭ ئاتىسى بىلەن قارىمۇقارشى يولدا مېڭىپ، ئەسكەر توپلاپ چىڭ سۇلالىسى گە قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆزىنى جازا يۈرۈش قىلغۇچى ئەمىرۇل ئومرا دەپ ئاتاپ، شيامىن، جىنمېننى بازا قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا توختىماي زەربە بەرگەن. 1659-يىلى، ئۇ جاڭ خۇاڭيەن بىلەن قوشۇنىنى بىرلەشتۈرۈپ شىمالغا يۈرۈش قىلغان، چۇڭمىڭدىن دەريا بويلاپ غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، جېنجياڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق نۇرغۇن ئايماق، ناھىيىلەرنى ھۇجۇم بىلەن ئىگىلەپ، ئۇرۇش ئوتىنى نەنجىڭ شەھىرىگىچە كېڭەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى زىلزىلىگە سالغان. چىڭ ھۆكۈمىتى ئاساسلىق ئەسكىرىي كۈچنى يۆتكەپ، جېڭ چېڭگۇڭنىڭ قوشۇنىغا مۇھاسىرىگە ئېلىپ ھۇجۇم قىلغان، جېڭ چېڭگۇڭنىڭ قوشۇنى ناھايىتى زور زىيانغا ئۇچراپ، دېڭىز بويىغا چېكىنگەن. جېڭ چېڭگۇڭ كىچىك دائىرىنى ئىگىلەپ ئۇرۇش قىلسا بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر ئارىلى تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن. 

1661-يىلى جېڭ چېڭگۇڭ 350 دىن ئارتۇق ئۇرۇش كېمىسى، 250 مىڭدىن ئارتۇق لەشكەرنى باشلاپ، جىنمىندىن يولغا چىقىپ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈپ تەيۋەن قۇرۇقلۇقىغا چىققاندا، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. جېڭ چېڭگۇڭ قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تايانچ پونكىتى چىچيەن راۋىقىنى مۇھاسىرىگە ئالغان، تۇرغاق سانغۇن ماۋنەن شىدىڭ ۋاڭ چېڭ (ھازىرقى تەيۋەننىڭ تەينەن دېگەن يېرى) نى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان مۇستەملىكە ۋالىيسى كۈييىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. كۈييى يەل مىلتىق بىلەن قوراللانغان نەچچە يۈز لەشكەرنى ياردەمگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما جېڭ چېڭگۇڭ قوشۇنلىرىنىڭ قىلىچ، نەيزىلىرى بىلەن ھەممىسى يوقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن ماۋنەن شىدىڭ ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشنى توختىتىپ، لەشكەر چىقىرىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن بولسىمۇ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جېڭ چېڭگۇڭغا تەسلىم بولغان. كۈييى ئەگەر جېڭ چېڭگۇڭ قوشۇنىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان بولسا 100 مىڭ سەر كۈمۈش ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جېڭ چېڭگۇڭ بۇنى كەسكىن رەت قىلغان، ئۇ گوللاندىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشىدا ھەمدە قوشۇن باشلاپ ۋاڭ چېڭنى مۇھاسىرىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرغان. بۇ چاغدا گوللاندىيە ياۋادىن ئۇرۇش كېمىسىنى تەيۋەنگە ياردەمگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، جېڭ چېڭگۇڭنىڭ كېمىلىرى ئۇلارنى قورشاپ زەربە بېرىپ يوقاتقان. يىل ئاخىرىدا، كۈييى جېڭ چېڭگۇڭغا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ، قېپقالغان لەشكەرلىرىنى ئېلىپ تەيۋەندىن چىقىپ كەتكەن. جېڭ چېڭگۇڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى تەيۋەندىن قوغلاپ چىقىرىش داۋامىدا 1600 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى 38 يىل بېسىۋالغان تەيۋەننى يېڭىۋاشتىن قايتۇرۇۋالغان. بۇ مىللىي قەھرىمان تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىپ بەش ئايدىن كېيىن كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#