چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى

چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى

مىلادىيە1592-يىلى چاۋشيەن ئەلچىسى بېيجىڭغا كېلىپ مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ، ياپونىيە ۋەزىرى فېڭچېن شيۇجىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقى، پايتەخت سېئۇلنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، چاۋشيەن پادىشاھىنىڭ يالۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى يىجۇغا قېچىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، مىڭ سۇلالىسىدىن لەشكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

نامى چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى، چاۋشيەن خاندانلىقى، ياپونىيە ھاكىمىيىتى
خەنزۇچە نامى 万历援朝战争
باشقا ئاتىلىشى ۋەنلى يىللىرىدىكى چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى
ئورنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى
خەنزۇچە باشقا نامى 万历朝鲜之役;壬辰倭乱;文禄・慶長之役

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىمىلادىيە1592-يىلى چاۋشيەن ئەلچىسى بېيجىڭغا كېلىپ مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ، ياپونىيە ۋەزىرى فېڭچېن شيۇجىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقى، پايتەخت سېئۇلنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، چاۋشيەن پادىشاھىنىڭ يالۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى يىجۇغا قېچىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، مىڭ سۇلالىسىدىن لەشكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مىڭ شېنزۇڭ − جۇ يىجۈن چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، سۇڭ يىڭچاڭنى باسقاقلىققا، لى رۇسۇڭنى شەرققە يۈرۈش قىلغۇچى تۇتۇق بەگلىككە تەيىنلەپ، قوشۇن باشلاپ يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. زور كۆلەملىك چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى باشلاندى.

چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىكېيىنكى يىلى جۇڭگو-چاۋشيەن قوشۇنلىرى ئۆزئارا ماسلىشىپ پيوڭياڭغا ھۇجۇم قىلدى. لى رۇسۇڭ پىدائىيلارنى باشلاپ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ياپون قوشۇنلىرى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلدى. جۇڭگو-چاۋشيەن سەركەردە-لەشكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا ياپون قوشۇنى بەرداشلىق بېرەلمەي، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ قاچتى، جۇڭگو-چاۋشيەن قوشۇنلىرى بىرلا ھۇجۇم بىلەن پيوڭياڭنى قايتۇرۇۋېلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. ياپون قوشۇنى پۇسانغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، چاۋشيەن زېمىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قايتۇرۇۋېلىندى.

فېڭچېن شيۇجى جۇڭگو ۋە چاۋشيەن بىلەن يالغاندىن سۈلھى تۈزمەكچى بولغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى چېكىندۈرگۈزۈۋەتتى. مىلادىيە1597-يىلى ئۇ قايتىدىن قوشۇن ئەۋەتىپ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلدى. مىڭ شېنزۇڭ لەشكىرىي پىرقە دىۋانبېگى شىڭ جيېنى قوشۇن باشلاپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. جۇڭگو-چاۋشيەن قوشۇنلىرىنىڭ زەربىسىدە، ياپون قوشۇنى ئېچىنىشلىق تالاپەتكە ئۇچرىدى. 1598-يىلى فېڭچېن شيۇجى كېسەل بولۇپ ئۆلدى، ياپون قوشۇنلىرى تەشۋشكە چۈشۈپ، ئالدىراپ-تېنەپ چېكىندى. جۇڭگو-چاۋشيەن قوشۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، چاۋشيەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز يۈزىدە ياپون قوشۇنىغا توسۇپ زەربە بەردى. دېڭىزدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە چاۋشيەننىڭ مەشھۇر سانغۇنى لى شۇنچېن شەخسەن ئۆزى كېمە ھەيدەپ، دۇمباق چېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەن سېپىگە قىر-چاپ قىلىپ كىردى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ72 ياشلىق پېشقەدەم سەركەردىسى دېڭ زىلۇڭ باشتىن-ئاخىر سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، نۇرغۇن ياپون لەشكىرىنى ئۆلتۈردى.

1592-يىلى 4-ئاي ___ 1593-يىلى 7-ئاي (بىرىنچى قېتىم)، 1597-يىلى 2-ئاي ___ 1598-يىلى 12-ئاي (ئىككىنچى قېتىم).

چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى50 مىڭ ئادەم (مىڭ سۇلالىسى)، چاۋشيەن ھېسابى يوق (بىرىنچى قېتىم) 

ياپونىيە 160 مىڭ ئادەم  (بىرىنچى قېتىم) 

80 مىڭ ئادەم (مىڭ سۇلالىسى)، چاۋشيەن ھېسابى يوق (ئىككىنچى قېتىم) 

ياپونىيە 140 مىڭ ئادەم (ئىككىنچى قېتىم) 




مىڭ سۇلالىسى ئىككى قېتىم يارىلانغانلار ۋە ئۆلگەنلەر جەمئىي تالاپەت 30-60 مىڭ ئادەم يارىلانغان ۋە ئۆلگەن، ياپونىيەنىڭ يارىلانغانلار ۋە ئۆلگەنلەر 100 مىڭ دن ئارتۇق.

چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى جۇڭگو، چاۋشيەننىڭ ئاساسلىق سانغۇنلىرى پىداكارلىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ لەشكەرلەرنىڭ باتۇرلارچە جەڭ قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاخىر ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى جەڭدە ياپونىيىنىڭ900 كېمىسى چۆكتۈرۈۋېتىلىپ، ياپون قوشۇنى تولۇق يوقىتىلدى، دېڭ زىلۇڭ بىلەن لى شۇنچېن جەڭدە مەردلەرچە قۇربان بولدى.

ۋەنلى يىللىرىدىكى چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، جۇڭگو-چاۋشيەن ئارمىيە-خەلقى ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر رىشتە ئورنىتىلدى. جۇڭگو لەشكەرلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، چاۋشيەن خەلقى شىڭ جيې، دېڭ زىلۇڭلار ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياساتتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#