يانتاق شېكىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يانتاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 - 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، يازدا شاخلىرىدىن ئاقۇش سېرىق رەڭلىك شىلىمشىق شېكەر شىرىسى ئاجرىلىپ چىقىپ، كىچىك دانىچە بولۇپ قېتىپ قالىدۇ، بۇ يانتاق شېكىرى دېيىلىدۇ. شېكەر يېلىملىرى ۋە ئۇرۇقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يانتاق شېكىرىبۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يانتاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، قاتتىق بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قاتتىق، ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان، يوپۇرماق يۈزى يېشىل، دۈمبىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۇزۇن قاتتىق تىكىنى بولىدۇ. بىرقانچە گۈللىرى تىكەنگە ئوخشاش ئومۇمىي ئوقىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كېپىنەك شەكلىدە، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن، قاسىراقلىق مېۋىسى تەسۋىسىمان بولىدۇ. ئۇرۇقى دۈگىلەك، رەڭگى قارامتۇل بېغىر رەڭ كېلىدۇ. يازدا شاخلىرىدىن ئاقۇش سېرىق رەڭلىك شىلىمشىق شېكەر شىرىسى ئاجرىلىپ چىقىپ، كىچىك دانىچە بولۇپ قېتىپ قالىدۇ، بۇ يانتاق شېكىرى دېيىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شېكەر يېلىملىرى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يازدا رەخت ياكى قەغەزنى تېگىگە يېيىپ، كىچىك تاياق بىلەن يانتاقنىڭ غول شاخلىرىنى قېقىپ، قېتىپ قالغان شېكەر يېلىملىرىنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن يوپۇرماق ۋە باشقا ئارىلاشمىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ ياكى غول شېخىنى ئوتقا قاقلاپ شېكىرىنى چىقىرىپ، ئۇرۇقىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بوز يەر ۋە جاڭگاللاردا، بولۇپمۇ تۇرپان دا كۆپ ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى قۇرۇتۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام يانتاق شېكىرىنى يۇمشاق سوقۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تولغاق، ئىچ سۈرۈش ۋە قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل يانتاق ئۇرۇقىنى ئېزىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. يانتاق شېكىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئاغرىق توختىتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.