بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى  (Federal Democratic Republic of Bosnia and Herzegovina) قىسقارتىلىپ بوسنىيە-گېرتسوگوۋىنا دىيىلىدۇ. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا جۇمھۇرىيىتى سابىق يۇگۇسلاۋىيە ئوتتۇرا قىسمى، يەنى: كرودىيە، سېربىيە ۋە مونتېنېگرو ئۈچ جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا 波黑
ۋاقىت رايونى (شەرقى1-ۋاقىت رايونى)
دۆلەت تىلى سېربو-خورۋات تىلى
نوپۇسى 3 مىليون 810 مىڭ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 波斯尼亚和黑塞哥维那
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى سارايىۋۇ
سىياسى تۈزۈلمىسى بىۋاسىتە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
نوپۇس زىچلىقى 92 ئادەم/ كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىبوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى  (Federal Democratic Republic of Bosnia and Herzegovina) قىسقارتىلىپ بوسنىيە-گېرتسوگوۋىنا دىيىلىدۇ. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا جۇمھۇرىيىتى سابىق يۇگۇسلاۋىيە ئوتتۇرا قىسمى، يەنى: كرودىيە، سېربىيە ۋە مونتېنېگرو ئۈچ جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. زىمىنى 51 مىڭ 129  كۋادرات كىلومېتىر. بوسنىيىنىڭ 2015-يىللىق نوپۇسى 3 مىليون 810 مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ %48 نى بوسنىيىلىكلەر، %37 نى سېربلار، %17 نى خورۋاتلار ئىگەللەيدۇ. يەنە %5 سىگان، %2 تۈرك ۋە باشقا مىللەتلەر بار. سېربو-خورۋات تىلى دۆلەت تىلى.

دىنى : بوسنىيىلىكلەر دىنى ئېتىقادىغا ئاساسەن مىللەتكە ئايرىلغان بولۇپ، بوسنىيىلىكلەر، تۈركلەر ۋە بىر قىسىم سىگانلار ئىسلام دىنىغا، سېربلار  پروۋسلاۋىيە دىنىغا، خورۋاتلار كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.

 دۆلەت بايرىمى: (1943-يىلى) 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، بوسنىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەت بولغان كۈنى.

ۋاقىت رايونى : ياۋروپا ۋاقتى (شەرقى1-ۋاقىت رايونى) .

پايتەختى : سارايېۋو، ئاھالىسى 650 مىڭ 

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىبوسنىيە زىمىنى ئەسلىدە ئىرىلىيە (ئالبان مىللىتى) لىكلەرنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادى 6-7-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان، 9-ئەسىردە قۇرۇلغان سېرب پادىشاھلىقى ھازىرقى بوسنىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادى12-ئەسىردە قۇرۇلغان بوسنيىە بەگلىگى 1463-يىلى تۈركىيە ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇشتىن بۇرۇن جەنۇبى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان. تۈرك ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان بوسنىيىلىكلەر ئىسلام دىنىغا كىرگەن، 17-ئەسىردىن كېيىن بوسنىيىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلار ئاۋستىرىيە ئىمرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، بىر قىسىم بوسنىيىلىكلەر كاتولىك دىنىغا كىرگەن. 1908-يىلى پۈتكۈل بوسنىيەنى ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى ئىگەللىۋالغان. 1914-يىلى سارايىۋودا بىر سېربنىڭ ئاۋستىرىيە شاھزادىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى بىلەن  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن سارايىۋونىڭ نامى جاھانغا پۇر كەتكەن.بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بوسنىيە سېربو-خورۋات پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقى قۇرۇلۇپ بوسنىيە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 1992-يىلى سابىق يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندا بوسنىيىلىكلەر ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان. سېربلار مۇستەقىل بولۇشقا قارشى تۇرغانلىقتىن بوسنىيەلىكلەر ۋە خورۋاتلار بىرلىشىپ سېربلار بىلەن جاپالىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1995-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ۋە ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ بوسنىيە-خورۋات ۋە سېربىيە دىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل گەۋدە سۈپىتىدە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇش بەدىلىگە مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قالغان.

ئورۇن دائىرىسى

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىبوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا جۇمھۇرىيىتى سابىق يۇگۇسلاۋىيە ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. كرودىيە، سېربىيە ۋە مونتېنېگرو ئۈچ جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرىسىدا. دۆلەت زېمىن كۆلىمى 51129 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ساۋا دەرياسى (دوناي دەرياسى تارماق ئېقىنى) بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا شىمالىي قىسمى بىلەن كرودىيە چېگرىسى دەپ قاراپ كەلگەن.

يەر شەكلى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا جەنۇبىي قىسمىدىكى ئادرىئاتىك دېڭىزى 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۈستىدىكى بىر ئېغىز. دېڭىز قىرغىقى لىنىيە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا يەر شەكلى تاغلىق يەرنى ئاساس قىلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 693 مېتىر، كۆپ قىسمى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ئۈچۈن ماگۋارى تېغى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2386 مېتىر.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا تەۋەسىدىكى دەريالار كۆپ بولۇپ ، ئاساسلىقى نىكلېتۋا دەرياسى، بوسنا دەرياسى،ۋۇنا دەرياسى، دېلىنا دەرياسى ۋە ۋارباس دەرياسى قاتارلىقلار. 

كىلماتى

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىشىمالىي مۆتىدىل قۇرۇقلۇق كىلىماتى، جەنۇبىي ئوتتۇرا دېڭىز كىلىماتىغا كىرىدۇ. ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، قىشتا ناھايىتى سوغۇق. ئىللىق ۋە قۇرغاق. 5-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان مەزگىل بوسنىيە-گېرتسېگوۋېناغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى. شۇ جايدىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا قىشتا ناھايىتى سوغۇق، دائىم بوران چىقىپ، يامغۇر كۆپ ياغدۇ.

گېرتسېگوۋىنالىقلار ۋە بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق كىلىماتنى ئاساس قىلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 600-800 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى ئېگىز تاغ كىلىماتنى ئاساس قىلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 1500-2500 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ. پايتەختى سارايىۋۇنىڭ 5-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، ئىيۇلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.

بايلىقى

قېزىلما بايلىقى مول بۇلۇپ، ئاساسلىقى كۆمۈر، مىس، كالىي، قوغۇشۇن، سىماب (Hg)، كۈمۈش، قوڭۇر كۆمۈر، بائۇكسىت توپىسى، سىنك، تاشپاختا، تاشتۇز ۋە كالتسىي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى 3 مىليارد 800 مىليون توننىغا يېتىدۇ. تۇسىلا رايونىنىڭ ئاش تۇزى زاپاس مىقدارى ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ يۇقىرى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا مول سۇ بايلىقى، يوشۇرۇن سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىش مىقدارى 170 مىڭ كىلوۋات. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى پۈتۈن ئۆلكە يەر كۆلىمىنىڭ %46 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %65 يوپۇرماق تاشلايدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، %35 يىڭنە يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈك.[0]

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىپۇلى: دايتون كېلىشىمىدىن كېيىن بوسنىيە ئەسلىدىكى بوسنىيە دىنارى، سېربىيە دىنارى ۋە كىرودىيە كۇناسىنىڭ ئورنىغا بوسنىيە ماركىنى دەسسەتكەن بولۇپ. 2010-يىل بىر ئامېىرىكا دوللىرى = 1.503 بوسنىيە ماركى ئەتراپىدا بولدى.

(2006-يىلى) 1.557 بوسنىيە ماركى =بىر دوللار. 2004-يىلى 1.575بوسنىيە ماركى  =بىر دوللار. 2002-يىلى 2.78 بوسنىيە ماركى =بىر دوللار . بوسنىيە ھازىر ناتو ۋە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇپ، 2015-يىلىغا بارغاندا ياۋوپا ئىتىپاقىغا كىرىپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىبوسنىيە ئەسلىدە سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىكى ماكىدونىيىدىنلا قالسا ئەڭ نامرات جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كىچىك، ئاشلىقتا ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدە بوسنىيە ئىقتىسادى ناھايىتى تېز گۈللىنىپ، دۆلەت زىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئېدىرلىق ۋە تاغ قاپتاللىرىدىن پايدىلىنىپ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى. كان بايلىقلىرىنى قېزىش ۋە چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش نەتىجىسىدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى بوسنىيە ئىقتىسادى يىلدا 5%دىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئەسلىەە كېلىپ ھازىر ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى ھاللىق دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ئىقتىسادى ئېشىشى بىر ئىزىغا چۈشۈپ قالدى 2010-يىلى بوسنىيەنىڭ ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى %0.87 بولدى. دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %14.2، سانائەت %30.8، مۇلازىمەت %55نى ئىگەللىگەن . 2011-يىلى 7-ئايغا قەدەر بوسنىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىمىتى 16مىلىيارد 725 مىليون؛ دوللار بولغان بولۇپ كىشى بېشىغا & 6600 دوللار توغرا كەلگەن. بوسنىيەنىڭ مۇقىم تېلېفون ئابونتى 998 مىڭ، يانفون ئابونتى 3 مىليون 594 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1 مىليون 590 مىڭ 400 بولغان. بوسنىيەنىڭ ئىنتېرنېت تور ئاياقلاشمىسى .ba[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#