بالىلاردىكى قىڭغىر بويۇن كېسلى

قىڭغىر بويۇن كېسلى

بالىلارنىڭ بوينى مايماق ئۆسۈپ قېلىشى تېبابەتتە قىڭغىر بويۇن دېيىلىدۇ، ئادەتتە مايماق بويۇن دېيىلىدۇ. 

جۇڭيى تىبابىتى نامى قىڭغىر بويۇن كېسلى
كېسەللىك ئورنى بويۇن
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بوۋاقلار ۋە بالىلار
باشقا نامى مايماق بويۇن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىڭغىر بويۇن كېسلىئاساسلىق ئىپادىسى بالىلارنىڭ بېشى بىر تەرەپكە ئاغقان، ئېڭەك قارشى تەرەپكە قارىغان بولۇپ، بويۇننىڭ بىر تەرىپىدە بىر قاتتىق ئىششىق بارلىقىنى سىيلاپ بىلگىلى بولىدۇ. كېسەللىك كۆرۈلگەن تەرەپتىكى باش قىسمى ئۇزۇن مەزگىل تارتىلىشقا ئۇچرىغانلىقتىن ئۆسۈشى قارشى تەرەپكە قارىغاندا ئاستا بولۇپ، يۈزدە شەكىل ئۆزگەرتىش پەيدا قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئۇدۇل كەلمەيدۇ.

 قىڭغىر بويۇننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر نۇرغۇن بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىقى تۇغما مۇسكۇل خاراكتېرلىك قىڭغىر بويۇندىن ئىبارەت. بالىلارنىڭ بالىياتقۇدىكى ھامىلە ئورنى توغرا بولماسلىق، باش قىسمى ئۇزۇن مەزگىل توغرا بولمىغان ئورۇندا تۇرۇپ، بىر تەرەپ بويۇن مۇسكۇلىدا قان يېتىشمەسلىك، نورمال يېتىلمەسلىك، مۇسكۇل تالالىشىشتىن قىسقىراپ قېتىش قاتارلىقلاردىن باشنى بىر تەرەپكە تارتىپ قىڭغىر بويۇننى شەكىللەندۈرىدۇ. ئايرىملىرىنى قىيىن تۇغۇتتىكى زەخىملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

قىڭغىر بويۇن كېسلى قىڭغىر بويۇننى داۋالاشتا، يېنىكلىرىنى قول تېخنىكىسى بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ. ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن دەرھال داۋالاشقا كىرىشىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەرلىك ئورۇننى يەڭگىل ئۇۋۇلاپ، قىسقىراپ كەتكەن بىر تەرەپنى سوزۇش، بىر ياشتىن كېيىن قول تېخنىكىسى بىلەن قانائەتلەنگۈدەك تۈزلەنمىسە، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىل تۈزلەش مەشىقىنى ماسلاشتۇرۇش، بالىلارغا سۈت ئېمىتكەندە، ئۇخلىغاندا باش قىسمىنى نورمال ئورۇنغا قويۇپ، ياستۇقنى ياخشى قويۇپ بېرىش. ئادەتتە ئويۇنچۇق بىلەن گىرىپتار بولغۇچى بالىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىپ قىياپىتىنى توغرىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، بولمىسا گىرىپتار بولغۇچى بالا يارا ئېغىزى ماس كەلمەسلىك ياكى ئادەتلىنىپ قالغان قىياپەتتە بوينىنى مايماق قىلىۋېلىپ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قىڭغىر بويۇننىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

بوۋاقلاردىكى يەنە بىر خىل ياخشى خاراكتېرلىك بوۋاقلاردىكى تۇتقاقلىق قىڭغىر بويۇننىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، كۆپىنچىسى 2 ~ 8 ئايلىق ۋاقتىدا كېسەل باشلىنىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى: پات-پات تۇتۇپ قالىدىغان قىڭغىر بويۇن، ھەر قېتىم قوزغىلىش ۋاقتى ئون مىنۇتتىن نەچچە كۈنگىچە بولۇپ، سول ياكى ئوڭ تەرەپ تۇراقسىز بولىدۇ، بۇ كېسەلنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە بىر ياشتىن بەش ياشقىچە(ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى ياشتىن ئىلگىرى) ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#