گۈل بۆرەك

گۈل بۆرەك  قوينىڭ بۆرىكى ، قارىمۇچ، پۇرچاق ئۇنى ، سوققان لازا ، سۇڭپىياز ، تېتىتقۇ ، سامساق، جاڭيۇ ، ھۆل خۇاڭخۇا سەي، ئەبجەش ياغ ، ھۆل مور ، ئاچچىقسۇ ، تۇز قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان تائام.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىياللارقوينىڭ بۆرىكى ئالتە تال، قارىمۇچ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، سوققان لازا ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سامساق تۆت چىش، جاڭيۇ ئازراق، ھۆل خۇاڭخۇا سەي ئازراق، ئەبجەش ياغ 500 گرام(خورايدىغىنى 70 گرام) ، ھۆل مور تۆت قۇلاق، ئاچچىقسۇ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. بۆرەكنىڭ سىرتقى پەردىسىنى سويۇۋېتىپ ئوتتۇرىسىنى يېرىپ، تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتە ئۇزۇنچاق يالپاقلاپ توغراپ، قىيپاچ تور شەكلىدە گۈل چىقىرىپ يەنە قەلەمچە توغرىلىدۇ. سۇڭپىياز ئۇزۇنچاق، سامساق نېپىز توغرىلىدۇ.

2. توغرالغان بۆرەككە تېتىتقۇ، تۇز، جاڭيۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، شورپىغا سوققان لازا، قارىمۇچ، تېتىتقۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، بۆرەكنى سېلىپ، توق قىزىل رەڭگە كىرگىچە قورۇپ ئېلىنىدۇ.

4. قازاندا 35 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، خۇاڭخۇا سەي، ھۆل مورلارنى سېلىپ، بوش قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، شورپا پىشقاندا بۆرەكنى سېلىپ ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ، ئازراق پىششىق ياغ، ئازراق ئاچچىقسۇ سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#