مۈرە بۇغۇمىنىڭ ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مۈرە بۇغۇمىنىڭ تۈزۈلۈشى
مۈرە بۇغۇمىنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىئادەم مۈرە بۇغۇمى يۇقۇرى بىلەك سۆڭەك بېشى بىلەن تاغاق سۆڭىكىنىڭ بۇغۇم جامدىن تۈزۈلگەن. بۇغۇم جامنىڭ ئەتراپىدا تالالىق كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن بۇغۇم لېۋى بار. بۇغۇمخالتىسى نىپىز ھەم بوش بولۇپ، بۇغۇم جامى ۋە يۇقىرى بىلەك سۆڭەك ئاناتوميىلىك بوينىغا يىپىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يۇقۇرى قىسىمى قېلىنلاپ، تۇمشۇقسىمان ئۆسۈك-يۇقىرىبىلەك تارىمۇشىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئالدى تەرىپى قېلىنلاپ تۇمشۇق چوققا تارىمۇشىنى ھاسىل قىلىدۇ.
مۈرە بۇغۇمنىڭ ئەتراپدىكى مۇسكۈللار
مۈرە بۇغۇمنىڭ ئەتراپىدا ئۈچ بۈرجەك مۇسكۈلى ئالدى تەرەپ، تاشقى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن مۈرە بۇغۇمنى ئوراپ تۇرىدۇ. قىر ئاستى مۇسكۈلى، قىر ئۈستى مۇسكۈلى، كىچىك يۇمۇلاق مۇسكۈلى ۋە تاغاقئاستى مۇسكۈللىرىنىڭ مۇسكۇل پېيى بىرىلىكتە پەي تاختىسىنى شەكىلەندۇرۈپ، مۈرە بۇغۇمنىڭ ئۈستى، كەينى ۋە ئالدى تەرەپتىن ئوراپ، بۇغۇم خالتىسغا يىپىشىپ، پەي ئۇچىنى شەكىلەندۇرىدۇ.
قولتۇق ئويمىنى
قولتۇق ئويمىنى مۈرە بۇغۇمنىڭ ئاستى تەرىپىدەبولۇپ، مۇرە بۇغۇمنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ ئويمانىڭ ئالدىتەرىپى كۆكرەك چوڭ مۇسكۇلى، كىچىك مۇسكۇلى، ئوقۇرەك سۆڭەك ئاستى مۇسكۇلى ۋە ئۇلارنىڭ پەي پەردىسىدىن تۈزۈلگەن. كەينى تەرىپى بولسا تاغاق ئاستى مۇسكۇلى، چوڭيۇمۇلاق مۇسكۇلى، دۈمبە كەڭ مۇسكۇلى ۋە تاغاق سۆڭۈكىدىن تۈزۈلگەن، سىرتقى تەرىپى بولسا يۇقىرى بىلەك سۆڭىكى تۈگۈن ئارلىق ئېرىقى، ئىچىكى تەرىپى بولسا يۇقىرى بىلەك ئىككى باشلىق مۇسكۇلى ۋە تۇمشۇقسىمان ئۆسۈك-يۇقىرى بىلەك مۇسكۇلى پېيىدىن تۈزۈلگەن. قولتۇق ئويمىنىدا قولتۇق ئارتېرىيىسى، ۋېناسى ۋە ئۇلارنىڭ تارماقلىرى، يۇقىرى بىلەك نېرۋا چىگىچى ۋە تارماقلىرى، قولتۇق لىمفا تۈگۈنى ۋە ياغتۇقۇلمىلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.