ئەرلەر كىيىملىرى

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر ساقال-بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمەيدۇ. بېلىگە قىزىل ياكى گۈللۈك پوتا باغلاپ، يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن بۇرۇتىنى ياسىتىپ «چاشقان بۇرۇت» قويىدۇ. ئەمما ساقال قويمايدۇ. ئۆتۈك كىيىدۇ. 


ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەرلەر كىيىملىرى
خەنزۇچە ئىسمى 男装

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر ساقال-بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمەيدۇ. بېلىگە قىزىل ياكى گۈللۈك پوتا باغلاپ، يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. 

توي قىلغاندىن كېيىن بۇرۇتىنى ياسىتىپ «چاشقان بۇرۇت» قويىدۇ. ئەمما ساقال قويمايدۇ. ئۆتۈك كىيىدۇ. 

خوتۇننى قويۇۋەتكەن بويتاق يىگىتلەر بېلىگە سېرىق پوتا باغلايدۇ. بۇ بويتاق ئىكەنلىكىنىڭ ئىشارىتى.

ئادەتتە بالىلىق بولغان ئەرلەر كىچىك «كەكە ساقال» (بودەك ساقالمۇ دېيىلىدۇ) قويۇۋالىدۇ. نەۋرىلىك بولغاندا بۇرۇتى بىلەن ساقىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان «نۇقتىلىق ساقال» قويىدۇ ھە داقال(ئاستىن كالپۇك تۈكى) نى قويۇۋېتىدۇ. بېشىغا بادام دوپپا ياكى باشقا خىلدىكى گۈللۈك دوپپا كىيىدۇ. 

ياشانغان ئەرلەر چوڭ ساقال قويۇپ، گۈللۈك دوپپا كىيمەي قارا ياكى يېشىل سىدام دوپپا كىيىدۇ. تەقۋادارلىرى بولسا بېشىغا سەللە ئورايدۇ، ئۇزۇن تون چاپان كىيىدۇ.

ئومۇمەن قىرىق ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئۆزىگە لايىق ساقال قويمىسا ئامما ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قالىدۇ. «سۆز كۆركى-ماقال، ئەر كۆركى-ساقال» دېگەن تەمسىل مۇشۇ ھالەتكە قارىتىلغان. 

يۇقىرىدىكى بەلگىلەرگە قاراپ ئەرلەرنىڭ ياش ئۆلچىمى، تۇرمۇش ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#