چۈچۈك بۇيا يىلتىزى

چۈچۈك بۇيا يىلتىزى

چۈچۈك بۇيا يىلتىزى بولسا  ئۆسۈملۈك چۈچۈكبۇيىنىڭ يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولىدىن ئىبارەت. ئەسلى ئۆسۈملۈك چۈچۈك بۇيا (Glyeyrhiza uralensis Fisch) دىن ئىبارەت بۇلۇپ، نېرۋا پەيلىرىنى كۈچلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى چۈچۈك بۇيا يىلتىزى
ئەرەبچە نامى ئەسلىسۇس
ئىنگلىزچە Ural Licorice Root
تونۇش ئۆسۈملۈك چۈچۈكبۇيىنىڭ يىلتىزى
تەمى تاتلىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甘草根
پارسچە نامى بىخ مەھەك، مۇلتى
ئوردۇچە نامى مۇلھتى، سېرىق بويا، قارا بويا
جىسمى پۇراقلىق، قاڭسىقراق، كۆپ تېتىسا كۆڭۈلنى ئايلاندۇرىدۇ.
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۈچۈك بۇيا يىلتىزىچۈچۈك بۇيا يىلتىزى بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئۆسۈملۈك بۇلۇپ ، ئۆسۈملۈك چۈچۈكبۇيىنىڭ يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولىدىن ئىبارەت. ئەسلى ئۆسۈملۈك چۈچۈك بۇيا (Glyeyrhiza uralensis Fisch) دىن ئىبارەت. يىلتىزسىمان غولى سېلىندىر شەكىللىك، ئاساسىي يىلتىزى ئۇزۇن، توم، سىرتقى پۇستى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە، يىلتىزىنىڭ سىرتقى پوستى نېپىز، قىزغۇچ، ئىچى سېرىق.پۇراقلىق، قاڭسىقراق، كۆپ تېتىسا كۆڭۈلنى ئايلاندۇرىدۇ. تاتلىق، كـۈزدە كـولاپ ئېـلىـپ غـول تـۈۋى ۋە چاچمـا يـىـلتىزلىرىـنـى تازىلىۋېتىپ، مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ پارچىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ.  

غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى يوشۇرۇش، بەلغەم بوشۇتۇش، يۆتەل پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ماددىلارنى يۇمشۇتۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، يەل ھەيدەش، ئىششىق تارقىتىش، ھېيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، نېرۋا پەيلىرىنى كۈچلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى يوشۇرۇش

ئەكىس تەسىرى

بۆرەك ۋە تالغا زىيان قىلىدۇ.

چۈچۈك بۇيا يىلتىزى1. بۆرەك ئۈستى بەز پوستىلاق ھورمۇنىغا ئوخشاش تەسىرى: چۈچۈك بۇيا رۇببىسى، چۈچۈك بۇيا جەۋھىرىنىڭ كالي تۇزى ياكى ئاممونىي تۇزى، گلېتسروتېنك كىسلاتالىرى ئومۇمەن دىئوكسكورتونىغا ئوخشاش رولى بولۇپ، كۆپ خىل تەجرىبىلەردە ھايۋاناتلارنىڭ سۈيدۈك مىقدارى ۋە ناترىينىڭ چىقىپ كېتىش مىقدارىنى ئازايتىدۇ. كالىينىڭ سىرتقا چىقىشىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. قاندىكى ناترىي ئىئونى (Na+) ئۆرلەيدۇ. قاندىكىK تۆۋەنلەيدۇ. بۆرەك ئۈستى بەز پوستىلاق ماددىسى شارچىسى كىچىكلەيدۇ.

2. ياللۇغلىنىشقا قارشى تەسىرى بار.

3. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا  جۈملىدىن يارىغا ئۈنۈملۈك تەسىرى بار.

4. زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى بار. چۈچۈك بويا قايناتمىسى كۇچىلا جەۋھىرى سترخىننىڭ زەھەرلىك تەسىرى ۋە ئۆلتۈرۈش تەسىرىنى كۆرىنەرلىك ئازاينىدۇ. ئۇنىڭ رۇببىنى ئىشلىتىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ستىرخنىن ئوكۇلىنى ئۇرسا زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.

ياسالمىسىنى ئىچسە ياكى قان تومۇرغا ئوكۇل قىلسا پىرازىلون تۈرىدىكى (Sulpirin) نىڭ ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئۆلۈم پەيدا قىلىدىغان زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چۈچۈك بۇيا ھېستامـىـن، خلـورال ھـدرات، ئورېتـن كودىئېـن، ئارىسنـو بىنزول، خىلورىدسىماپ قاتارلىقلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.

5. ماي ماددىسىنىڭ ئالمىشىشىغا نىسبەتەن تەسىرى:

6.چۈچۈكبويا قان زەردابىدىكى خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.

7. تەجرىبە خاراكتېرلىك سېرىقلىققا قارشى تەسىرى بار.

8. يۆتەل توختىتىش تەسىرى بار.

9. چۈچۈك بويىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ياللۇغلانغان كاناينىڭ شىللىق پەردىلىرىنى يېپىپ، ئۇنىڭغا بولغان غىدىقلاشنى ئازايتىدۇ. شۇ ئارقىلىق يۆتەل توختىتىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

10. ئاغرىق پەسەيتىش، تارتىشىشقا قارشى تەسىرى بار.

11. سۈيدۈك ئاجرىتىش ، كۆپىيىش سىستېمىسىغا قارىتا تەسىرى: چۈچۈك بۇيا جەۋھىرى، چۈچۈك بۇيا كىسلاتا، كالىتسىي تۇزى كۆك قان تومۇرغا كىرگۈزۈلگە سۈيدۈك ھەيدەشنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما كالىي ئاتسېتىقا تەسىرى يوق، چۈچۈك بۇيا ياسالمىسىنىڭ ئاياللار ھورمۇنىغا ئوخشاش رولى بار. 50 گرامى 0.1 مىللىلىتىر ئىستېرا دىئولىنىڭ ئۈنۈمىگە تەڭ.

12. ئۆسمىگە قارشى تەسىرى بار.

تەركىبىدە ئاتىسدوم گىلتسېررۇم (Glyerrhizic acid) گىلتسېرىن (Glyeerrhizine)، سۇدىكى ئېرىتمىسىدە ئاتىسدوم ئورالىنكوم (Uralenie acid) بار.

چۈچۈك بۇيا يىلتىزى1. چۈچۈك بۇيا، پىرسياۋشان، زۇپا10 گرامدىن ، ئاق سەندەل7 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. چۈچۈك بۇيا يىلتىزىنىڭ پوستىنى قىرىۋېتىپ شۈمۈپ بەرسە يۆتەل پەسەيتىدۇ.

3. چۈچۈك بۇيا يىلتىزى، ئاق سەندەل، زوپا، پىرسياۋشان قاتارلىق دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دەملەپ ئىچسە يۇقۇملۇق زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. چۈچۈك بويىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا تىرناق تۈۋىنىڭ يېرىلىش، ئىششىقىغا (سۆزنەك) كە مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. چۈچۈك بۇيا يىلتىزىنى سوقۇپ تالقان قىلىپ قايناقسۇ بىلەن مەلھەم تەييارلاپ چاپسا دائىرلىك چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ

دورىلىق ئورنى

يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولى

مىقدارى

مىقدارى3-7 گرامغىچە.

ساقلاش

قۇرغاق ئورۇندا ساقلايمىز. 

تۈزەتكۈچىسى

بۆرەككە كەتىرا، تالغا قىزىلگۈل

ئورۇنباسارى

 كەتىرا، رۇببسۇس

جاۋارش بىخسۇس، لوئوقى سەرپىستان شەربىتى زوپا.[

كاناي ياللۇغى، زىققا، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، زۇكام، نەزلە، ئاۋاز پۈتۈش، جىگەر كېسەللىكى، سۆزنەك، يارا، قىچىشقاق، پالەچ كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=139

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#