شۇيزۇ مىللىتى

شۇيزۇ مىللىتى

شۇيزۇلار ئۆزلىرىنى «دېڭىز سۈيى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ «سۇ ئادىمى» دېگەنلىك بولىدۇ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە شۇيزۇ مىللىتى دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى شۇيزۇ مىللىتى
نوپۇسى 40.7 تۈمەن (2000)
خەنزۇچە نامى 水族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۇيزۇ مىللىتىشۇيزۇلار ئۆزلىرىنى «دېڭىز سۈيى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ «سۇ ئادىمى» دېگەنلىك بولىدۇ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە شۇيزۇ مىللىتى دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئاساسلىق گۇيجۇ ئۆلكىسى بۇيى-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سەندۇ شۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 

شۇيزۇ ئەر-ئاياللىرى يېشىل، كۆك رەڭلىك كىيىم كىيىشنى ياقتۇرىدۇ، ئەرلەر پېشى ئۇزۇن چاپان، قىسقا كۆڭلەك كىيىپ، بېشىغا يېشىل رەخت يۆگىۋالىدۇ. ئاياللار ئۈستىگە چوڭ پەشلىك، ياقىسىز، يېرىم ئۇزۇن چاپان كىيىدۇ، مەيدىسىگە تۆمۈر تىكەن گۈلى چېكىلگەن پىندىك ئورىۋېلىپ، يېشىل رەختتىن ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ. ئاياللارنىڭ چاپىنى، ئىشتىنىنىڭ چېتىگە گۈل چېكىلىدۇ. شۇيزۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى گۈرۈچ بولۇپ، يېپىشقاق گۈرۈچ تامىقى، بېلىق يېيىشنى ۋە ئاق ھاراق، تاتلىق ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. 

سۇ كالېندارى شۇيزۇ مىللىتىنىڭ خاس كالېندارى، ياز پەسلىدىكى 9-ئاي يىل بېشى قىلىنىدۇ. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان تۆت خەي(亥) كۈنى «دۇەن خې» بايرىمى كۈنى بولىدۇ، شۇيزۇ تىلىدا «جىيې دۇەن» دېيىلىدۇ، بۇ شۇيزۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى، خەنزۇلارنىڭ چاغان بايرىمى بىلەن ئوخشاش. بايرام مەزگىلىدە، سالاپەتلىك كىيىنگەن ئەر-ئايال، قېرى-ياشلار ھەر تەرەپتىن «دۇەنپو» غا يىغىلىپ، ئات بەيگىسى ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى كۆرىدۇ. ھەممە كەنتلەردە مىس دۇمباقلار چېلىنىپ، قومۇش نەيلەر ياڭراپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ. 

شۇيزۇ مىللىتىشۇيزۇلار ئۆتمۈشتە كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلغان، ھەممە مەۋجۇداتلاردا روھ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، «ليۇيىگۇڭ» ، «ليۇجاگۇڭ» نى رەسمىي ئىلاھ دەپ قاراپ ئۇلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۇلار «شۇيشۇ يېزىقى» نى ئىجاد قىلغۇچىلار ئىكەن. «شۇيشۇ يېزىقى» شۇيزۇ مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي يېزىقى، تەخمىنەن 300 نەچچە خەت بولۇپ، كۆپ ھاللاردا دىنىي پائالىيەتلەردە ئىشلىتىلىدىكەن.

شۇيزۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار، خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ.

 شېئىر ۋە ناخشا ئارقىلىق ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ئامراق. مىس دۇمباق شۇيزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابى. مىس دۇمباق ئۇسسۇلى ۋە قومۇش نەي ئۇسسۇلى كەڭ شۇيزۇ خەلقى ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇل ھېسابلىنىدۇ. 

 ئۆتمۈشتە، ياشلار توي قىلغاندا، يىگىت توي قىلمىغان بىرقانچە ئوغۇل-قىزنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن قىز كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتىدىكەن، قىز قولىغا كۈنلۈك تۇتۇپ ئېرىنىڭ ئۆيىگە پىيادە كېلىپ، شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى يەنە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىدىكەن، ئادەتتە يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ تۇرىدىكەن. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ئۆلگۈچىگە تەزىيە بىلدۈرۈش ئۆيى تەسىس قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، مال ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن مۇۋاپىق كۈننى تاللاپ دەپنە قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#