لېنىۋېتس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لېنىۋېتىس ئائىلىسى (
لېنىۋېتىس ئاساسلىق ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقلىرىغا تارقالغان. ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىسنىڭ قولىنىڭ ۋە پۇتىنىڭ ئوخشاشلا ئۈچ بارمىقى بار، ئىككى بارماقلىق لېنىۋېتىسنىڭ ئارقا پۇتىنىڭ ئۈچ بارمىقى،ئالدى قولىنىڭ ئىككى بارمىقى بار. ھەر ئىككى تۈرنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ سانى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىسنىڭ بويۇن ئۇمرۇتقىسى 9دانە بولۇپ باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ، ئىككى بارمىقى لېنىۋېتىسنىڭ بويۇن ئۇمرۇتقىسى كۆپ ساندىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش 7دانە.
ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىس ۋە ئىككى بارماقلىق لېنىۋېتىسنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقتىن كىشىلەر ئۇلارنى ئىككى ئۇرۇققا بۆلگەن. بۇنىڭدا ھەقىقى لېنىۋېتىس ئائىلىسىدە پەقەت ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىسلا قالغان، ئىككى بارماقلىق لېنىۋېتىس ،ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن چوڭ مېگاتېرلارتۈرىدىكى ھايۋانلار ۋە مېگاتېرلار بىلەن تۇققاندارچىلىقى يىقىن بولغانلىقتىن،ھازىرقى قۇرۇقلۇق مېگاتېرلار ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ كەتكەن.شۇڭا ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىس ئۆز ئالدىغا بىر چوڭ ئۇرۇق ھىسابلىنىدۇ . مېگاتېرلار ۋە مېگاتېر تىپىدىكى باشقا جانلىقلار بىرلىشىپ مېگاتېرلار چوڭ ئۇرۇقىنى ھاسىل قىلىدۇ.
لېنىۋېتس يىل بويى دەرەختە يۇمران دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭ قولى ھەم پۇتىدائىلمەككە ئوخشىشىدىغان تىرنىقى بار. شۇڭا ئۇ دەرەخكە ئېسىلىپ ئۇزاققىچە تۇرالايدۇ. لېنىۋېتس دەرەخكە ئېسىلىپ ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن، دەرەخكە ئېسىلىپ تۇرۇپ دەم ئالىدۇ، ئېسىلىپ تۇرۇپ ئۇخلايدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ دەرەخكە ئېسىقلىق پېتى تۇرىدۇ. ئۇ ئادەتتە ھەرىكەت قىلمىغاچقا، بەدىنىنىڭ سىرتىغا يۈسۈنلەر ئۆسۈپ كەتكەن بولىدۇ، قارىماققا ئۇچىسىغا يېشىل كىيىم كىيىۋالغاندەك كۆرۈنگەچكە، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ.
لېنتىۋېتس بىر ئۇخلىسا ئون نەچچە سائەت ئۇخلايدۇ، ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن ئاستا. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، لېنىۋېتسنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىمۇ ئاجىز. شۇڭا جىددىي ھەرىكەت قىلسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تېز ئۆرلەپ كېتىپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ئورمانلىقلىرى، ۋېنسۇئېلا، گۋىئانا، كولومبىيە، ئېكۋاتور، پېرۇ، برازىلىيە، ھوندۇراس، نىكاراگۇئا، كوستارىكا، پاناما، ۋېنېسۇئېلا، بولىۋىيە، گۋىئانا، سۇرىنام، فرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئانا قاتارلىق رايۇنلارغا كەڭ تارقالغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.