ناسكادىكى غايەت زور رەسىملەر

ناسكادىكى غايەت زور رەسىملەر
ناسكادىكى غايەت زور رەسىملەر پېرودىكى لىما شەھىرىنىڭ جەنوبىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان بۇلۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500-يىللار ياسالغان

 ناسكا مەدىنيىتىنىڭ ئىزلىرى، بۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە زور رەسىملەر ھازىرغىچە ئېچىلمىغان سىر بولۇپ كەلمەكتە.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ناسكا غايەت زور رەسىملىرى پېرودىكى لىما شەھىرىنىڭ جەنوبىغا 400 كىلومېتىر كېلىدىغان پېرو دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان. جەمئىي 480 كۋادىرات كىلومېتىر جاينى ئىگىلەيدۇ. بۇ جاي ئىلگىرى ناسكا ئىندىئانلىرىنىڭ ماكانى بولۇپ ، بۇ جايدا ناھايىتى مۇھىم بولغان مەدىنيەت يارىتىلغان. 15-ئەسىردە ئىنكا ئىمپىرىيەسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان. كېيىن ئىسپانىيە لىكلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن بۇ مەدىنيەت يوقالغان.

ناسكا دەرياسى بويلىرىدا ھازىرغىچە ساقلانغان ئۇچلۇق مۇنار شەكىللىك ئىبادەتخانا خارابىيلىقدىن ئالتىسى بار. بۇندىن باشقا بۇ مەدىنيەتنىڭ ئىزنالىرى ناھايىتى ئاز ساقلانغان. كەڭ كەتكەن دەشت_چۆلدە زادى كىملەردۇر ناسكا دەرياسى جىلغىسىدىكى پامپا ئىنخانىئوفان چۆلىگە غايەت زور ھەرخىل شەكىللەرنى سىزغان. ئۇرۇنلىقى 59.54 كىلومېتىر، كەڭلىكى 1.6 كىلومېتىر كېلىدىغان تار جىلغىدا چېچىلىپ ياتقان داتلاشقان تۆمۈر ئۇۋاقلىرىدەك ئۇۋاق نەرسىلەر بولۇپ بۇلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى غەلىتە سىزىقلارنى ھاسىل قىلغان. بۇ سىزىقلارنىڭ بەزىلىرى تۇز، بەزىلىرى ئۆز ئارا گىرەلشىپ كەتكەن بولۇپ،تاغ چوققىلىرىغىچە سوزۇلغان، لېكىن سەۋەپسىزلا ئۇزۇلۇپ قالغان. بۇ توغىرسىدا ئەڭ دەسلەپكى قاراش-قەدىمقى ئىنكا ئىمپىرىيەسى ئاچقان يول بولۇپ، «ئىنكا خان يولى »دەپ ئاتالغان. بىراق ئىنكالار باش-ئايىقى يوق بۇ يوللارنى ئېچىپ نېمە قىلغان. بۇ گىرەلىشىپ كەتكەن يوللار ھەرگىزمۇ تېجەشلىك قىلىپ ياسالمىغان. بۇ ئىنكالار ياسىغان يوللارنىڭ ياساش پىرىنسپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. 

كېيىن كىشىلەر بۇ سىزىقلار ئەسلى نۇرغۇن شەكىللەردىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلگەن.بۇ غايەت زور رەسىملەردە تۇز سىزىق ۋە باشقا گىئومېتىرىيەلىك سىزىقلار، نۇرغۇن ئۇچار-قانات، ھايۋانلارنىڭ شەكىللىرى بار.ئاسماندىن پەسكە قارىغاندا ئاندىن بۇ سىزىقلارنىڭ ھەرخىل جانىۋارلارنىڭ رەسىمى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇلاردىن نۇرغۇن ھايۋانلارنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن: 50 مېتىر چوڭلۇقتىكى ئۆمۈچۈك، قانىتىنىڭ كەڭلىكى 120 مېتىر كېلىدىغان ھەرە قۇش، 1280مېتىر كېلىدىغان كەسلەنچۈك، يەنە 100مېتىر كېلىدىغان مايمۇن قاتارلىقلار. بۇ سىرلىق رەسىملەر جەمئىي 500 كۋادىرات كىلومېتىر جاينى ئىگىلەپ ياتىدۇ. بۇ رەسىملەرنى ئۈستۈنكى قاتلامدىكى قاتتىق شېغىلنى يۆتكەپ، ئاستىدىكى سۇس سېرىق رەڭلىك توپ قاتلىمىنى چىقىرىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن. بۇ سىرلىق رەسىملەر مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 500-يىلدىن مىلادىيە 500-يىللارغىچە ياسالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئارخىئولوگىيە ساھەسدىكى ئېچىلمىغان سىر بۇلۇپ كەلمەكتە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#