شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى

سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 168-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2011-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئىيۇل
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 168-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区水利工程管理和保护办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2011-يىلى 30-ئاپرېل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 168-نومۇرلۇق پەرمانى

2011-يىلى 22-ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 21-يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، بۇنى ئېلان قىلدىم. 2011-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى  نۇربەكرى

2011-يىلى 30-ئاپرېل

1-ماددا بۇ چارە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر ۋە نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگە (سۇ باشلاش تۈگۈنى)، سۇغىرىش (سۇ چىقىرىش) ئۆستىڭى، مۇداپىئە دامبىسى، موتورلۇق (ئېلېكتىرلەشكەن) قۇدۇق، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇغىرىش پونكىتى، سۇ بېرىش (چىقىرىش) تۇرۇبا يولى، كارىز، توسما كۆل، تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا سۇچىلىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گېدرولوگىيەلىك مىقدار ھېسابلاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەۋەلىكىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر ۋە نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىلغار پەن-تېخنىكا، ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە قوللىنىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

5-ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم.

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، زېمىن بايلىقى، قاتناش-تىرانسپورت ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

6-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى توسۇش، شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

7-ماددا مالىيە مەبلىغى بىلەن ياكى مالىيە مەبلىغى ئاساسىدا قۇرۇلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ:

1) ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) ھالقىغان دەريا ئېقىنىدا قۇرۇلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايون قۇرغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون بېكىتكەن مۇھىم ئېقىنغا قۇرۇلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەسىس قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورنى مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە باشقۇرىدۇ؛

2) ناھىيە (شەھەر) ھالقىغان دەريا ئېقىنىدا قۇرۇلغان مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) قۇرغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) ياكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەسىس قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورنى مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە باشقۇرىدۇ؛

3) ناھىيە (شەھەر) تەۋەسىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىتەسىس قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورنى باشقۇرىدۇ، سۇغىرىش رايونىنىڭ ئاخىرىدىكى ئېرىق ۋە يېزىلارنىڭ كىچىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

باشقا مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ سالغۇچى باشقۇرۇشقا ۋە قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلار ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم سۇنى بىر تۇتاش تەڭشەشكە بويسۇنىدۇ.

8-ماددا مالىيە مەبلىغى بىلەن ياكى مالىيە مەبلىغى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغان سۇچىلىق تۈرىنىڭ مۇمكىنلىك دوكلاتىنى تۈزۈش بىلەن بىللە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش لازىم. لايىھە-باشقۇرىدىغان ئورۇن ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، خىزمەت راسخوتىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىشلىتىلىشى، شۇنداقلا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوغداش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.

9-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى لازىم:

1) سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، قوغدىشى، رېمونت قىلىشى ۋە ئاسرىشى؛

2) تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكا ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛

3) سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بويىچە يىللىق تەڭشەش لايىھەسى تۈزۈشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛

4) جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئالاقىدار قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛

5) قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈشى؛

6) قانۇن-نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى لازىم.

10-ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار راسخوتنى تۈرگە ئايرىپ ئۈستىگە ئېلىشى لازىم:

1) كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، زەي چىقىرىش قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار (نوقۇل جامائەت پاراۋانلىقىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار) ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ ئاساسلىق راسخوتى، قۇرۇلۇش رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ؛

2) ھەم كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، زەي چىقىرىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە باشقۇرۇش، ئاسراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ھەم سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش قاتارلىق تىجارەتلىك فۇنكسىيەسى بولغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى (ئوخشىما جامائەت پاراۋانلىقىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن) ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ئاساسلىق خىراجىتىنى ۋە قۇرۇلۇش رېمونت قىلىش، ئاسراش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تىجارەت ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئاساسلىق خىراجىتىنى ۋە قۇرۇلۇش رېمونت قىلىش، ئاسراش خىراجىتىنى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛

3) سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، ئاسراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى (تىجارەتلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار)نىڭ يۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش راسخوتىنى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار ئۈستىگە ئالىدۇ.

جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئوخشىما ئورۇن ۋە سۇچلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان تىجارەتلىك ئورۇننىڭ سۇ تەمىنلەش ھەققى، تىجارەت كىرىمى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئاساسلىق راسخوت مەنبەسى بولۇپ، ئۇنى ئۆزلىرى يىغىپ ئۆزلىرى چىقىم قىلىدۇ.

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، نۇقتىلىق سۇ ئامبىرى، دامبا قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكى، يۈرۈشۈشى ۋە باشقۇرۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى لازىم.

ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈندىلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ساقلانغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنى تەدبىر قوللىنىپ خەۋپنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى لازىم.

12-ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەدبىرنى قوللانسا بولىدۇ:

1) نەق مەيداندا تەكشۈرۈش؛

2) سۇ ساقلاش، سۇ باشقۇرۇشقا (تەقسىملەشكە) دائىر ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، نۇسخىلاش؛

3) سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلاردىن سۇ تەڭشەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش؛

4) باشلانغان (تەقسىملەنگەن) سۇنى نەق مەيداندا كۆزىتىش؛

5) قانۇن-نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.

13-ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋادا سۇ تەقسىمات لايىھەسى ۋە تەڭشەش پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەم يۇقىرى بىر دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرىدۇ.

سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار تەستىقلانغان ۋادا سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسى ۋە تەڭشەش پىلانىغا ئاساسەن، يىللىق سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەڭشەش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئىجرا قىلىشى لازىم.

14-ماددا سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگە (سۇ باشلاش تۈگۈنى) ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ سۇ تەڭشەش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى لازىم. كەلكۈن مەزگىلىدە ۋە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلگەن مەزگىلدە يەنە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەڭشەش بويرۇقىغا بويسۇنۇشى لازىم.

سۇ تەڭشەش-ساقلاش فۇنكسىيەسىگە ئىگە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەڭشەش خىزمىتىدە توك سۇغا بويسۇنۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تۇرمۇش، سۇغىرىش، شۇنداقلا سانائەتنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

سىرغىم شەكلىدىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەڭشەش خىزمىتىدە دەريا بۆلىكىدىكى جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىشىنى تولۇق ئويلىشىشى لازىم.

15-ماددا ئېغىر قۇرغاقچىلىق، چوڭ-چوڭ سۇ بۇلغىنىش ھادىسىلىرى، ئېكولوگىيەلىك جىددىي سۇ تەڭشەش قاتارلىق ئەھۋاللاردا، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇنى جىددىي تەڭشەش لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشى لازىم. بۇنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، تەڭشەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ ھەم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا نۇقتىلىق سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگىنى بىۋاسىتە تەڭشىسە بولىدۇ.

جىددىي تەڭشەش مەزگىلىدە، تەڭشەلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتىغا سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش ۋە سۇ باشلاش (تەقسىملەش) ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىشى لازىم.

16-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋاقتىدا باھالىشى ھەم باھالاش دوكلاتىنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى لازىم. دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالىشى، قىسمەن ياكى بارلىق ئىقتىدارىنى يوقاتقان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى بىكار قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى؛ خەتەرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا قارىتا ۋاقتىدا خەتەرنى تۈگىتىش ۋە پۇختىلاش تەدبىرىنى قوللىنىشى لازىم.

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى زېمىن بايلىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى تەشكىللەپ، بۇ چارىنىڭ قوشۇمچىسىدىكى «سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى»گە ئاساسەن، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىشى لازىم.

ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن «ئايرىش ئۆلچىمى»نى تۈزىتىش ۋە تەڭشەش لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ يولغا قويىدۇ.

18-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يەر ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدۇ. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە زېمىن بايلىقى مەمۇرىي تارمىقىدىن كىنىشكا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى، زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە يەر تىزىملاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولۇشى لازىم.

19-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىدىكى پاسىلغا مۇقىم بەلگىنى ئورنىتىشى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان سۇ ئامبىرى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە چۈشۈرگە قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئېنىق بولغان ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئورنىتىشى لازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى ئىچىدىكى بەلگىنى خالىغانچە يۆتكىشىگە ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ.

20-ماددا تۈرلۈك قۇرۇلۇشلاردىن كېڭەيتىشكە، ئۆزگەرتىشكە ۋە ئەسلىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى چېقىشقا توغرا كەلگەنلىرىدە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش؛ كېڭەيتىشكە، ئۆزگەرتىشكە ۋە چېقىشقا كېتەرلىك خىراجەتنى، شۇنداقلا زىيان تولۇقلىما ھەققىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار قۇرۇلۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش، زەي چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىپ، سۇغىرىش، زەي چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى كېرەكتىن چىقارغان ياكى قىسمەن ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ئورۇن ئۈنۈمى ئوخشاش بولغان قۇرۇلۇشنى قىلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولۇشى ياكى تۆلەم بېرىشى لازىم.

21-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ:

1) ئۆز مەيلىچە ئۆي سېلىش، ئېرىق چېپىش، قۇدۇق كولاش، سۇ پومپىسى جازىسىنى قۇرۇش، ئورەك كولاش، پارتلىتىش، بۇرغىلاش، ئارخېئولوگىيەلىك كولاش، تاش كولاش، قۇم-توپا ئېلىش، قەبرە سېلىش ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىش؛

2) ئۆستەڭ ياكى سۇ ئامبىرى ئىچىدە ماي تۈرىدىكىلەرنى ۋە زەھەرلىك بۇلغىما قاچىلانغان ئىدىش ۋە تىرانسپورت قوراللىرىنى يۇيۇش؛

3) بۇلغىما ۋە تاشلاندۇقلارنى دۆۋىلەپ قويۇش، تۆكۈش ۋە قويۇپ بېرىش؛

4) سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوغداش دائىرىسى ئىچىدە پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، قۇم-شېغىل ۋە توپا ئېلىش قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

22-ماددا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى دامبا ئۈستى، دامبا يولى، توغان ئاتكوسىدىكى يول، چۈشۈرگە كۆۋرۈكى، ئۆستەڭ قىرغىقى ۋە مۇداپىئە دامبىسى ئۈستىگە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنغان بەلگە ئورنىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش-رېمونت قىلىش ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىنى مەنئى قىلىشى لازىم.

دامبا، دامبا يولى، توغان ئاتكوسىدىكى يول، چۈشۈرگە كۆۋرۈكى، ئۆستەڭ قىرغىقى، مۇداپىئە دامبىسىنى قوشۇمچە تاشيول قىلىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەم شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش لازىم. تاشيولدا ئاپتوموبىل قاتنىغاندىن كېيىن، تاشيول باشقۇرۇش ئورنى يول يۈزى (يول ياقىسى)نى باشقۇرۇش، قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ. سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. ياخشى رېمونت قىلىنماسلىق سەۋەبىدىن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتسە، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتوموبىل قاتنىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن، تاشيول باشقۇرۇش ئورنى رېمونت قىلىپ، بىخەتەرلىك خەۋپىنى تۈگىتىشى لازىم.

23-ماددا سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگە (سۇ باشلاش تۈگۈنى) ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن بۇ چارىنىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مىقدارىنى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغانلارنى ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا مەجبۇرىي تەڭشەش تەدبىرى قوللىنىدۇ ھەم قوشۇپ 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

24-ماددا بۇ چارىنىڭ 19-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى بەلگىسىنى خالىغانچە يۆتكىگەن ۋە بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە (شەھەر) دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى بۇيرۇيدۇ ھەم ئۇلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

25-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بۇ چارىنىڭ 22-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دامبا، دامبا يولى، توغان ئاتكوسىدىكى يول، چۈشۈرگە كۆۋرۈكى، ئۆستەڭ قىرى ۋە مۇداپىئە دامبىسىدا خالىغانچە يۈرگەنلەرنى ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم ئۇلارغا 100 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

26-ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ چارىنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى شۇ ئورۇننى تەسىس قىلغان ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارىغا چارە كۆرىدۇ.

27-ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغانلارغا مەسئۇل تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

28-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشقا تېگىشلىكلىرى ئالاقىدار قانۇن-نىزام، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

29-ماددا بۇ چارە 2011-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى

.1 سۇ ئامبىرىنىڭ باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى

1) تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرى: يۇقىرى ئېقىننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئۆلچەپ بېكىتىلگەن تۇراقلىق سۇ ئورنى سىزىقىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ، چوڭىنىڭ 100 مېتىردىن 150 مېتىرغىچە، ئوتتۇراھالىنىڭ 80 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە، كىچىكىنىڭ ئون مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ؛ تۆۋەنكى ئېقىننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى دامبا تۈۋى سىزىقىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ: چوڭىنىڭ 800 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە، ئوتتۇراھالىنىڭ 600 مېتىردىن 800 مېتىرغىچە، كىچىكىنىڭ 50 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە بولىدۇ؛ ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى دامبا يەلكىسى ياكى دامبا ئارقىسىنىڭ يانتۇلۇق باغرىدىن باشلاپ سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ: چوڭىنىڭ 300 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە، ئوتتۇراھالىنىڭ 200 مېتىردىن 300 مېتىرغىچە، كىچىكىنىڭ 50 مېتىردىن 300 مېتىرغىچە بولىدۇ. قوغداش دائىرىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ: چوڭىنىڭ 500 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە، ئوتتۇراھالىنىڭ 200 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە، كىچىكىنىڭ 50 مېتىردىن 200 مېتىرغىچە بولىدۇ.

   2) تاغلىق رايون سۇ ئامبىرى: يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسىدە تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرىنىڭ ئۆلچىمى قوللىنىلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى بىرىنچى تەبىئىي سۇ بۆلگۈچ چوققا ئىچىدىكى رايون بولۇپ، قوغداش دائىرىسى بىرىنچى تەبىئىي سۇ بۆلگۈچ چوققىدىن سىرتقا قاراپ 50 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە بولغان دائىرىنى كۆرسىتىدۇ. نۇقتىلىق سۇ ئامبىرىدا دائىرىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشكە ياكى 1-دەرىجىلىك ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

3) سۇ ئامبىرىدا كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش، سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھە، شۇنداقلا سۇ يەتكۈزۈش بەلبېغى (تۇرۇبا) يولىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئۇلارنىڭ ئاساسىي پاسىلىدىن باشلاپ سىرتقا قاراپ 100 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە بېكىتىلىدۇ، قوغداش دائىرىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ 100 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە بولغان دائىرىدە بېكىتىلىدۇ. خەتەردىن قۇتقۇزۇشتا توپا ئېلىنىدىغان يەر، رېمونت مەيدانى ۋە سۇ ئامبىرى مەخسۇس يولى ئەمەلىي ئىگىلىگەن يەرگە قاراپ باشقۇرۇش دائىرىسى بېكىتىلىدۇ ياكى ئون مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىق قوغداش دائىرىسى قىلىپ بېكىتىلسە بولىدۇ

4) توسما كۆلنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسى تۈزلەڭلىكتىكى كىچىك سۇ ئامبىرى ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ.

2. سۇ باشلاش تۈگۈنىنى باشقۇرۇش دائىرىسى توغان (كەلكۈن چۈشۈرگىسى)، سۇ كىرىش ئېغىزى، شېغىل ئېقىتىش چۈشۈرگىسى، شۇنداقلا ئىككى قىرغاقتىكى قۇرۇلۇشنى قوغداش دامبىسى، باشقۇرۇش ئۆيى، رېمونت قىلىدىغان-قوغدايدىغان مەيدان قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 100 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە بولغان دائىرە ئىچىدىكى كۆلەمنى كۆرسىتىدۇ، باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ 50 مېتىردىن 200 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىق قوغداش دائىرىسى قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

3. ئۆستەڭنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسى لايىھەدىكى ئېقىن مىقدارى ۋە ئۆستەڭ كۆلىمىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. باشقۇرۇش دائىرىسى، ئۆستەڭ قېزىلغان تەرەپنىڭ لىنىيەسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، تولدۇرۇلغان تەرەپنىڭ ئۆستەڭ دامبىسى سىرتى يانتۇلۇق باغرى سىزىقىدىن باشلاپ ھەم تاغقا يانداش ئېرىق قېزىلغان لىنىيەدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ قوغداش دائىرىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

1) ئۆستەڭنىڭ لايىھەدىكى ئېقىن مىقدارى S/10m3تىن تۆۋەن بولغاندا، باشۇرۇش دائىرىسى ئىككى مېتىردىن ئون مېتىرغىچە بولىدۇ، قوغداش دائىرىسى ئىككى مېتىردىن ئون مېتىرغىچە بولىدۇ.

2) ئۆستەڭنىڭ لايىھەدىكى ئېقىن مىقدارى S/10m3 تىن S/50m3كىچە بولغاندا، باشقۇرۇش دائىرىسى ئون مېتىردىن 20 مېتىرغىچە، قوغداش دائىرىسى ئون مېتىردىن 20 مېتىرغىچە بولىدۇ.

3) ئۆستەڭنىڭ لايىھەدىكى ئېقىن مىقدارى S/50m3تىن يۇقىرى بولغاندا، باشقۇرۇش دائىرىسى 20 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ، قوغداش دائىرىسى 20 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ.

4. دەريا يولى (جىلغا يولى) نىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارىغا قاراپ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسى ئايرىلىدۇ، باشقۇرۇش دائىرىسى ئىككى قىرغاق دامبا مۇداپىئەسىنىڭ سىرتقى يان باغرى سىزىقىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ قوغداش دائىرىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر 

1) يىللىق ئېقىن مىقدارى m3 1x108دىن يۇقىرى بولغاندا، باشقۇرۇش دائىرىسى 20 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ، قوغداش دائىرىسى 50 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە بولىدۇ.

2) يىللىق ئېقىن مىقدارى m3 1x108دىن تۆۋەن بولغاندا، باشقۇرۇش دائىرىسى 15 مېتىردىن 30 مېتىرغىچە، قوغداش دائىرىسى 30 مېتىردىن 60 مېتىرغىچە بولىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوغداش چارىسى

باشقا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553587_8.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#