ئەدلىيەلىك باھالاش تەرتىپىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى

ئەدلىيەلىك باھالاش تەرتىپىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى

ئەدلىيەلىك باھالاش تەرتىپىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى (2007-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 107-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان).

ئۇيغۇرچە نامى ئەدلىيەلىك باھالاش تەرتىپىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى
ئېلان قىلغان ئورۇن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى
تۈزتىلگەن ۋاقىت 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھۆججەت نومۇرى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 132-نومۇرلۇق بۇيرۇقى
خەنزۇچە نامى 司法鉴定程序通则
ئېلان قىلغان ۋاقىت 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى
تۈزتىلگەن ۋاقىت 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ ئومۇمىي پرىنسىپ ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەدلىيەلىك باھالاشنىڭ سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دەۋا پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاشنى باشقۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈپ چىقىلدى. 

2-ماددا  ئەدلىيەلىك باھالاش تەرتىپى دېگەن ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك شەكىل، ئۇسۇل، قەدەم-باسقۇچ شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك قائىدە، ئۆلچەملەرنى كۆرسىتىدۇ. 

 بۇ ئومۇمىي پرىنسىپ ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىنىڭ تۈرلۈك ئەدلىيەلىك باھالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىگە تەتبىق قىلىنىدۇ. 

3-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىلار ئەدلىيەلىك باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشتا قانۇن-نىزام، قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىشى، تېخنىكىلىق مەشغۇلات قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. 

4-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاشتا باھالىغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، لىللا باھالىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ باھالاش پىكرىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 

5-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى كەسىپكارلىق پائالىيىتى داۋامىدا خەۋەر تاپقان دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى، شەخىسنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك. 

  ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىلارغا ياكى تەشكىلاتلارغا باھالاش ئىشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، لېكىن قانۇن-نىزاملاردا باشقا بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

6-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى كەسىپكارلىق پائالىيىتى داۋامىدا ئالاقىدار دەۋا قانۇنى ۋە مۇشۇ ئومۇمىي پرىنسىپنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چەتلەپ تۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. 

7-ماددا ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ئارقىلىق سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى، باھالاش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك. 

8-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئەدلىيەلىك باھالاش ھەققىنى بىر تۇتاش ئېلىشى، ھەق ئالىدىغان تۈر ۋە ئۆلچەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. 

9-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى ئەدلىيەلىك باھالاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا قانۇن بويىچە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارغا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى قانۇن بويىچە مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. ئەدلىيەلىك باھالاش كەسپى ئۆلچىمىگە خىلاپ قىلمىشقا ئەدلىيەلىك باھالاش كەسپى تەشكىلىي مۇناسىپ كەسىپ جازاسى بېرىدۇ. 

10-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىلار ئېلىپ بارغان ئەدلىيەلىك باھالاش پائالىيىتىگە بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ئومۇمىي پرىنسىپقا خىلاپ ياكى ئۆزى تەۋە بولغان ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى تۈزىتىشى كېرەك.

2-باب ئەدلىيەلىك باھالاشنى ھاۋالە قىلىش 

ۋە قوبۇل قىلىش

11-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئەدلىيەلىك باھالاش ھاۋالىسىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

12-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى باھالاش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچىدىن باھالاش ھاۋالىنامىسى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى ھەمدە باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشتا ئېھتىياجلىق بولغان باھالاش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان بولسا، ھاۋالىنامىنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. 

بۇ ئومۇمىي پرىنسىپتا ئېيتىلغان باھالاش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرىدىغان ماتېرىيال ۋە باھالايدىغان ماتېرىيالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرىدىغان ماتېرىيال دېگەن باھالايدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈلىدىغان ماتېرىيال ۋە بىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈلمەيدىغان ماتېرىيالنى كۆرسىتىدۇ؛ باھالاش ماتېرىيالى دېگەن تۈرلۈك ۋاستىلەردىكى باھالايدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

باھالاش ھاۋالىنامىسىگە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ نامى ياكى ئىسىم فامىلىسى، ھاۋالە قىلماقچى بولغان ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنىڭ نامى، باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىش، باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ھەمدە باھالاشقا قويۇلىدىغان تەلەپ قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك. 

باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىش يېڭىۋاشتىن باھالىنىدىغان بولسا، ھاۋالىنامىگە ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك. 

13-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنى چىن، مۇكەممەل، تولۇق بولغان باھالاش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە باھالاش ماتېرىيالىنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.  

ھاۋالە قىلغۇچى ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىغا ئۆزىنىڭ مەقسىتى ياكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مەقسەت بويىچە باھالاش پىكرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئىما-ئىشارەت قىلسا بولمايدۇ. 

14-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ھاۋالىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشلارنى تەكشۈرۈشى لازىم. شۇ ئاپپاراتنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش دائىرىسى ئىچىدە بولسا، باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشنىڭ ئىشلىتىش ئورنى ھەمدە باھالاش تەلىپى قانۇنلۇق، تەمىنلىگەن باھالاش ماتېرىيالى چىن، مۇكەممەل، تولۇق بولغان باھالاش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

تەمىنلىگەن باھالاش ماتېرىيالى مۇكەممەل، تولۇق بولمىسا، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تولۇقلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ھاۋالە قىلغۇچى تولۇقلىسا قوبۇل قىلسا بولىدۇ. 

15-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشىدىغان باھالاش ھاۋالىسىگە ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش قارارى چىقىرىش كېرەك؛ ۋاقتىدا قارار قىلىپ قوبۇل قىلغىلى بولمىسا، يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىشى ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ خەت-ئالاقە ئەۋەتىپ باھالاشنى ھاۋالە قىلسا، 10خىزمەت كۈنى ئىچىدە قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىشى ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ چىگىش، مۇرەككەپ ياكى پەۋقۇلئاددە باھالايدىغان ئىشلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىشكە بولىدۇ. 

16-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن باھالاش ھاۋالىسىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ: 

1). ھاۋالە قىلغان ئىش شۇ ئاپپاراتنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش كەسپى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا؛ 

2). باھالايدىغان ماتېرىيال چىن، مۇكەممەل، تولۇق بولمىسا ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولسا؛ 

3). باھالايدىغان ئىشنىڭ ئىشلىتىش ئورنى قانۇنسىز بولسا ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولسا؛ 

4). باھالاش تەلىپى ئەدلىيەلىك باھالاش كەسىپكارلىق قائىدىسىگە ياكى مۇناسىۋەتلىك باھالاش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛ 

5). باھالاش تەلىپى شۇ ئاپپاراتنىڭ تېخنىكىلىق شەرتى ۋە باھالاش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا؛ 

6). مۇشۇ ئومۇمىي پرىنسىپنىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسا؛ 

7). قانۇن-نىزام، قائىدىلەرنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا؛ 

قوبۇل قىلمىسا، ھاۋالە قىلغۇچىغا ئاساسىنى ئېيتىش، تەمىنلىگەن باھالاش ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم. 

17-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى باھالاش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلسا، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن كېڭىشىپ، بىرلىككە كېلىش ئاساسىدا ئەدلىيەلىك باھالاش كېلىشىمنامىسى ئىمزالاش كېرەك. 

ئەدلىيەلىك باھالاش كېلىشىمنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك: 

1). ھاۋالە قىلغۇچى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛ 

2). باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىش ۋە ئىشلىتىش ئورنى؛ 

3). باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشنىڭ تەلىپى؛ 

4). باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىش چېتىلىدىغان دېلونىڭ قىسقىچە ئەھۋالى؛ 

5). ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن باھالاش ماتېرىيالىنىڭ مۇندەرىجىسى ۋە سانى؛ 

6). باھالاش جەريانىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقلىرى، مەجبۇرىيەتلىرى؛ 

7). باھالاش ھەققى ۋە ئۇنى ئېلىش شەكلى؛ 

8). خاتىرىلەشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار؛ 

باھالاش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن خوراپ تۈگەيدىغان ياكى بۇزۇلۇپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان باھالىتىدىغان ماتېرىياللار ياكى باھالاش تاماملانغاندىن كېيىن مۇكەممەل قايتۇرۇپ بېجىرىشكە ئىلاج بولمىغان باھالىتىدىغان ماتېرىيالنى ئىشتىن ئاۋۋال ھاۋالە قىلغۇچىغا ئېنىق سۆزلەپ، ئۇنىڭ ماقۇللىقى ياكى ئېتىراپ قىلىشنى ئېلىش ھەمدە كېلىشىمنامىگە ئېنىق يېزىش لازىم. 

  ئەدلىيەلىك باھالاش جەريانىدا كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، كېلىشىم تۈزگۈچى ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىش كېرەك. 

3-باب ئەدلىيەلىك باھالاش

18-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى باھالاش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ ئاپپارات ئىچىدە مەزكۇر باھالايدىغان ئىشتا كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بولغان ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىنى باھالاشتا بەلگىلىشى كېرەك. 

ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ پەۋقۇلئادە تەلىپى بولۇپ، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، شۇ ئاپپارات ئىچىدىن شەرتكە توشىدىغان ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىنى تاللاپ باھالاتسىمۇ بولىدۇ. 

19-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى باھالايدىغان ئوخشاش بىر ئىشنى ئىككى تەرەپ ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىنى ئورتاق باھالاشقا بەلگىلىشى ياكى تاللىشى كېرەك؛ چىگىش، مۇرەككەپ ياكى پەۋقۇلئاددە بولغان باھالايدىغان ئىشنى باھالاشقا نەچچە نەپەر ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىنى بەلگىلىسە ياكى تاللىسا بولىدۇ. 

20-ماددا ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىنىڭ ھاۋالە قىلغۇچى، باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىش ياكى باھالايدىغان ئىش چېتىلىدىغان دېلو مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇپ باھالاشنىڭ مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، لىللا ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يېتىش مۇمكىنچىلىكى بولسا چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك. 

21-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى باھالاش ماتېرىياللىرىنى ئالاقىدار تېخنىكىلىق ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ساقلىشى ۋە ئىشلىتىشى، باھالاش ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىش، يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈش، ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى قاتتىق نازارەت قىلىشى، ئىلمىي، قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك. 

 ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىلارنىڭ قاتتىق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سەۋەبىدىن باھالاش ماتېرىياللىرى بۇزۇلۇپ كەتسە، يىتتۈپ كەتسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

22-ماددا ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى باھالاش ئېلىپ بېرىشتا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە شۇ كەسىپ ساھەسىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك: 

1). دۆلەت ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى؛ 

2). ئەدلىيەلىك باھالاشقا مەسئۇل تارماق، ئەدلىيەلىك باھالاش كەسپى تەشكىلى ياكى ئالاقىدار كەسپى تارماقلار تۈزگەن كەسىپ ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى؛ 

3). شۇ كەسىپ ساھەسىدىكى كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەر ئېتىراپ قىلغان تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا قائىدىسى. 

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن تېخنىكا ئۆلچىمىنى ۋە تېخنىكا قائىدىسىنى ھازىرلىمىغان بولسا، ئۆزى تەۋە بولغان ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئۆز ئالدىغا تۈزگەن ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى قوللىنىشقا بولىدۇ. 

23-ماددا ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى باھالىغاندا، باھالاش جەريانىدىن ۋاقتىدا خاتىرە قالدۇرۇشى ھەمدە ئۈستىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك. خاتىرىلەشتە خاتىرە يېزىشقا، ئۈنئالغۇغا ئېلىش، سىنئالغۇغا ئېلىش، سۈرەتكە تارتىش شەكلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. خاتىرىنىڭ مەزمۇنى چىن، ئوبيېكتىپ، دەل، مۇكەممەل، ئېنىق بولۇشى، خاتىرىنىڭ نۇسخىسى ياكى ئۈن-سىن ۋاستىلىرىنى مۇۋاپىق ساقلاش كېرەك. 

24-ماددا ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى باھالاش جەريانىدا، ئاياللارنى ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئايال ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى تەكشۈرىشى كېرەك؛ ئايال ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى بولمىسا ئايال خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداندا ھازىر بولۇشى كېرەك. 

باھالاش جەريانىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ۋەسىيىسىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

باھالىغۇچى روھىي كېسەللىك بويىچە باھالاشتا، ھاۋالە قىلغۇچىغا ياكى باھالانغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقىنى ياكى ۋەسىيىسىنىڭ كېلىشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

تەكشۈرىدىغان ماتېرىيالنى نەق مەيداندا ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى ئېلىشى، ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچىغا نەق مەيدانغا كېلىپ شاھىت بولۇشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

جەسەتنى ئاناتومىيە قىلىشقا توغرا كەلسە، ھاۋالە قىلغۇچىغا ياكى ئۆلگۈچىنىڭ يېقىن تۇغقىنى ياكى ۋەسىيىسىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ شاھىت بولۇشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

25-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى باھالاش ئېلىپ بېرىش داۋامىدا مۇرەككەپ، چىگىش، پەۋقۇلئاددە تېخنىكا مەسىلىسىگە دۇچ كەلسە، شۇ ئاپپارات سىرتىدىكى ئالاقىدار كەسىپتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ ۋە لېكىن ئەڭ ئاخىرقى باھالاش پىكىرىنى شۇ ئاپپاراتتىكى ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى چىقىرىشى كېرەك. 

26-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئەدلىيەلىك باھالاش كېلىشىمى تۈزگەن كۈندىن باشلاپ 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشنى ئورۇنلاپ بولۇشى كېرەك. 

باھالايدىغان ئىش مۇرەككەپ، چىگىش، پەۋقۇلئاددە تېخنىكا مەسىلىسىگە چېتىلسا ياكى تەكشۈرۈش جەريانىغا بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان بولسا، شۇ ئاپپارات مەسئۇلىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق باھالاش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئۇزارتىلغان ۋاقىت ئادەتتە 30 خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ باھالاشنى ئورۇنلاش سۈرۈك توغرىسىغا باشقىچە پۈتۈمى بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ. 

باھالاش جەريانىدا، باھالاش ماتېرىيالىنى تولۇقلاش ياكى باھالايدىغان ماتېرىيالنى يېڭىۋاشتىن ئېلىشقا كەتكەن ۋاقىت باھالاش سۈرۈكىگە ھېسابلانمايدۇ. 

27-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئەدلىيەلىك باھالاش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇقسا باھالاشنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ: 

1). باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىسا ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولسا؛ 

2). ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن باھالاش ماتېرىيالى چىن بولمىسا ياكى ئېلىش شەكلى قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىسا؛ 

3). باھالايدىغان ماتېرىيال مۇكەممەل، تولۇق بولمىغان ياكى باھالاش ماتېرىيالى خوراپ كەتكەن، بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ھاۋالە قىلغۇچى تەلەپكە ئۇيغۇن باھالاش ماتېرىيالىنى بېرەلمىسە ياكى تولۇقلاشنى رەت قىلسا؛ 

4). ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ باھالاش تەلىپى ياكى باھالاشنى ئورۇنلاشتا ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىكا تەلىپى شۇ ئاپپاراتنىڭ تېخنىكا شەرت-شارائىتى ۋە باھالاش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا؛ 

5). ھاۋالە قىلغۇچى ئەدلىيەلىك باھالاش كېلىشىمنامىسىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى باھالانغۇچى ماسلاشماي، داۋاملىق باھالاشقا ئامال بولمىسا؛ 

6). قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن باھالاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامال بولماي قالسا؛ 

7). ھاۋالە قىلغۇچى باھالاش ھاۋالىسىنى بىكار قىلسا ياكى باھالاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلسا؛ 

8). ھاۋالە قىلغۇچى باھالاش ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلسا؛ 

9). ئەدلىيەلىك باھالاش كېلىشىمنامىسىدە پۈتۈشكەن باھالاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە. 

باھالاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن باھالاشقا ئالاقىدار ھەقلەرنى ئەھۋالغا قاراپ قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 

28-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە تولۇقلاپ باھالىسا بولىدۇ: 

1). ھاۋالە قىلغۇچى يېڭى باھالاش تەلىپىنى كۆپەيتسە؛ 

2). ھاۋالە قىلغۇچى باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزسە. 

3). ھاۋالە قىلغۇچى باھالاش جەريانىدا يېڭى باھالاش ماتېرىياللىرىنى تەمىنلىسە ياكى تولۇقلىسا؛ 

4). تولۇقلاپ باھالاشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە. 

29-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ يېڭىۋاشتىن باھالىسا بولىدۇ: 

1). ئەسلىدىكى باھالىغۇچى ئەسلى ھاۋالە قىلغان ئىشنى باھالاشتا كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا؛ 

2). ئەسلىدىكى ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى تىزىمغا ئالدۇرغان كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ باھالاشنى تەشكىللىگەن بولسا؛ 

3). ھاۋالە قىلغۇچى باھالاش داۋامىدا يەنە يېڭى باھالاش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىسە ياكى تولۇقلىسا؛ 

4). ھاۋالە قىلغۇچى ياكى دەۋادىكى باشقا دەۋالاشقۇچىلار ئەسلىدىكى باھالاش پىكىرىگە باشقىچە پىكىردە بولسا ھەمدە قانۇن ئاساسىي ۋە مۇۋاپىق سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويسا؛ 

5). قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن باھالاشقا تېگىشلىك دەپ ھېسابلىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە. 

يېڭىۋاشتىن باھالاش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باھالاش سالاھىيىتى شەرتلىرى ئادەتتە ئەسلىدىكى ھاۋالە قىلغان ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. 

30-ماددا يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئەسلىدىكى ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىدىن باشقا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن باشقا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛ ھاۋالە قىلغۇچى ماقۇل بولۇپ ئەسلىدىكى ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، ئەسلىدىكى ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىدىن باشقا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىنى باھالاشقا بەلگىلەشكە بولىدۇ. 

31-ماددا يېڭىۋاشتىن باھالاشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك: 

1). مۇشۇ ئومۇمىي پرىنسىپنىڭ 21-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولسا؛ 

2). ئوخشاش بىر ئىشنىڭ دەسلەپكى باھالىشىغا قاتناشقان بولسا؛

3). ئوخشاش بىر ئىشنى دەسلەپكى باھالاشتا مۇتەخەسسىس بولۇپ مەسلىھەت بېرىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا؛

33-ماددا ھاۋالە قىلغان ئىشىنى باھالاپ بولغاندىن كېيىن، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ مەزكۇر باھالاشنىڭ بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئۇيغۇن۔ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، بەلگىلەنگەن تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا قائىدىسىنى قوللانغان۔قوللانمىغانلىق، ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرسە بولىدۇ، مۇشۇ ئومومىي پرىنسسپنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئەھۋاللار سېزىلسە، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى تۈزىتىشى كېرەك.

4-باب ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتى بېرىش

34-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىلار باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئىشنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ھاۋالە قىلغۇچىغا ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتى بېرىشى كېرەك.

ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتى ئەدلىيەلىك باھالاش تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتىنى تەييارلاش بىر تۇتاش بەلگىلەنگەن ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججەتلىرىنىڭ شەكلىگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك.

35-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتىگە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. ئەدلىيەلىك باھالاشقا كۆپ ئادەم قاتناشقان بولۇپ، باھالاش پىكىرىگە ئوخشىمىغان پىكىرى بولسا ئىزاھاتلاپ قويۇشى كېرەك.

 ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتىگە ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش مەخسۇس تامغىسى بېسىلىشى كېرەك.

36-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى بەرگەن ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتى ئادەتتە ئوخشاش نۇسخىدا ئۈچ پارچە تەييارلىنىپ ئىككى پارچىسى ھاۋالە قىلغۇچىغا بېرىلىدۇ، بىر پارچىسىنى شۇ ئاپپارات ئارخىپقا سالىدۇ.

37-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ياكى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن پۈتۈشكەن شەكىل بويىچە ھاۋالە قىلغۇچىغا ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتىنى يەتكۈزىشى كېرەك.

38-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باھالاش جەريانى ياكى بەرگەن باھالاش پىكىرى توغرىسىدا سوئال سورىسا، ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى ئىزاھات بېرىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. 

39-ماددا ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ھاۋالە قىلىنغان باھالاش ئىشىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە ئەدلىيەلىك باھالاش ھۆججىتى شۇنىڭدەك باھالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى دېلولاشتۇرۇپ ئارخىپقا سېلىپ ساقلىشى كېرەك.

5-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

39-ماددا بۇ ئومۇمىي پرىنسىپ ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش پائالىيىتىدە رىئايە قىلىشىغا ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك ئادەتتىكى تەرتىپ قائىدىسى، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ساھەسىدە باھالايدىغان ئىشنىڭ تەرتىپى توغرىسىدا پەۋقۇلئاددە تەلىپى بولسا، باشقىدىن تۈزۈشكە ياكى شۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلىنىشقا بولىدۇ.  

40-ماددا بۇ ئومۇمىي پرىنسىپ 2007-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2001-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان «ئەدلىيەلىك باھالاش تەرتىپى ئومۇمىي پرىنسىپى (سىناق نۇسخىسى)» (ئە ئۇ [2001] 092-نومۇرلۇق) بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#