چاقىلىق بازىرى
چاقىلىق بازىرى چاقىلىق ناھىيەسى نىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاقىلىق بازىرى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′10 °88، شىمالىي پاراللېل ′02 °39 ، 218-، 315-دۆلەت يولى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي، شەرق، شىمال تەرەپتە تىكەنلىك يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي ئۇتام يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى ئالتۇن تاغ تاغ تىزمىسىغا تۇتاشقان، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى.
دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 800 مېتىر، كۆلىمى 5.6 كۋادرات كىلومېتىر. پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي نوپۇس 12 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە دائىملىق نوپۇس 9000 ئادەم، كۆچمە ئاھالە 3000 ئادەم. ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر %52.4نى، خەنزۇ %46.8نى، باشقا مىللەتلەر %0.8نى تەشكىل قىلىدۇ.
2006-يىلى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5097.99 يۈەنگە يەتكەن. ئۈچ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى، بىر كەنت دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن، 84 مەمۇرىي، كارخانا ۋە كەسپىي ئىدارىلەر بار. رايون تەۋەسىدە قاتناش، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى تولۇق، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بىر قەدەر ياخشى.
چاقىلىق بازىرى، چاقىلىق ناھىيەسى نىڭ مەركىزىي بازىرى، ناھىيە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ، كۆچمە نوپۇس ئەڭ كۆپ، سودىسى خېلى تەرەققىي قىلغان، بىر يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن بازار، يېزا تەرەققىياتىدا چىلان مەھسۇلاتى ئاساس قىلىنغان، مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە مەھەللە مۇلازىمىتىنى چىڭ تۇتۇش ئاساس قىلغان.
چاقىلىق ناھىيەلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە كىروران مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسى، كان بايلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسى، چىلان كەسپى تەرەققىيات كۆرگەزمىخانا ۋە شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ چىلان پىششىقلاش كارخانىسى كىروران چىلىنى، شىركەت بازار باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، ئەڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سودا پىيادىلەر كوچىسى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان كىروران ئېكولوگىيە مەدەنىيەت مەيدانى، ھەيكەل ۋە مۇزىكىلىق فونتان مۇشۇ شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، شەھەرنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
چاقىلىق بازىرى ناھىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، ناھىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە، ئالتۇن تاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، شىمالدا تىكەنلىك يېزىسى، شەرقتە تىكەنلىك يېزىسى سايباغ كەنتى، غولئۆستەڭ كەنتى، بوستان كەنتى بىلەن قوشنا بولۇپ، غەربتە چاقىلىق دەرياسى، جەنۇب تەرىپى ئالتۇن تاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تاغ ئالدى تىنما چۆلىگىچە. بازار رايونى ئوڭ تىك بولغان قۇتا شەكىللىك، غالىبىيەت يولى، تۇەنجيې يولى، غەربىي شەھەر ئايلانما يولى، قۇرۇلۇش يولى، مەدەنىيەت يولى قاتارلىق ئاساسلىق يوللار بار. 315-،218- دۆلەت يوللىرى بۇ بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قۇلاي.
بازار چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، 1984-يىلى چاقىلىق بازىرى قۇرۇلغان. 1985–يىلى شەھەر-بازار كۆلىمى 2.4 كۋادرات كىلومېتىر، 1272 ئائىلىلىك بار بولۇپ، نوپۇسى 5263 ئادەمگە يەتكەن.
1997-يىلى، كۆلىمى 2.4 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 6000 ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار %57.9 نى، خەنزۇ لار %41.1 نى ئىگەللىگەن، قاراشلىقىدا غەلىبە رايونى، ئىتتىپاق رايونى، مەدەنىيەت رايونى قاتارلىق 3 ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە تىكەنلىك يېزىسى، بەشمەھەللە كەنتى قاتارلىق ئىككى مەمۇرىي كەنت بار.
1997-يىلى، كۆلىمى 28 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 7326 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 3951 ئادەم، خەنزۇلار 3319 ئادەم، قارىمىقىدا ئۈچ مەھەللە ۋە بىر بازار كەنت كومىتېتى، ئىككى تەبىئىي كەنت، بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق قۇرۇلۇش يولى قاتارلىقلار بولغان.
چاقىلىق بازىرىنىڭ يېرى كەڭ، ئۆزگىچە چۆل دەرىخى، چاتقال، 840 مىڭ مو توغراقلىق، 1700 مو ھەرخىل تەبئىي ئوتلاق، ئىشلىتىشكە بولىدىغان 191.82 مو بوز يەر بار، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا تېرىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى 72 مىڭ مو. ناھىيە تەۋەسىدە ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسى، 14-ماددا چوڭ-كىچىك دەريا بار، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ يىللىق سىرغىم مىقدارى 1176 مىليون كۇب مېتىرغا يىتىدۇ، ھازىر ئېچىپ پايدىلىنىدىغان چاقىلىق دەرياسى، ۋاششەرى دەرياسى، مىران دەرياسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مىران، ۋاششەرى ئىككى دەريا چاقىلىق ناھىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يىللىق سىرغىم مىقدارى 133 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.
قېزىلما بايلىقى
قېزىلما بايلىقى مول بۇلۇپ بايقالغان كان تۈرىدىن 40 نەچچە خىلى بار: تاشپاختا، قاشتاش، تاش مۇم، خرۇستال، سېرىق ئالتۇن، يۇنمۇ، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، خروملۇق پولات، نەشتەر (جۇڭگو تېبابىتىدە قان ئېلىش يىڭنىسى)، لىتىي، كۆمۈر، كالىي تۇزى، تازىلانغان شور، تەبىئىي شۇلتا، سېرپېنتىن قاتارلىقلار بار.
كان زاپىسى ئىچىدە بولۇپمۇ تاشپاختا ئەڭ داڭلىق، زاپاس مىقدارى زور، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوڭاي، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم كان ھاسىل بولىدىغان بەلۋاغلارنىڭ بىرى، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كان ياتمىسى زاپاس مىقدارىلا 40 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرىجىسى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، دۆلەت ئىچىدىكى خېرىدارلارنىڭ كۆپلەپ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا.
ھايۋانات بايلىقى
ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، بايقالغان ھايۋانلاردىن ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، قۇلان، تىبەت بۆكىنى، شىزاڭ بۆكىنى، بۇغا-مارال، كۆكمەت، ئارقار قاتارلىق 49 تۈرى تېپىلغان.
قۇش تۈرلىرىدىن قارا بويۇن تۇرنا، قارا لەگلەك، قارا تۇرنا، شۇڭقار، تىبەت ئۇلارى، ساقاللىق بۈركۈت، قىرغاۋۇل، ئالتۇن چاناق كەپتەر، قىزىل لايخورەك قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممىتى بار قۇشلار 52 يەتكەن.
ئۆسۈملۈك بايلىقى
ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن چاكاندا، ياۋا ئەپيۇنگۈل، قار لەيلىسى، قىياق، باشاقلىق ئۆسۈملۈك، سىلو، قومۇش، لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. زىرائەتلەرنىڭ سورتىمۇ خېلى كۆپ، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، شال قاتارلىقلار بار، ياغلىقدان زىرائەتلىرىدىن كەندىر، مايلىق ئاپتاپپەرەس، قىزىلگۈل، قىچا،چىلان قاتارلىقلار بار.
ئىقتىسادىي زىرائەتلەر
ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلار بار. پېلەكلىك زىرائەتلەر، مېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.