يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار
يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار (Taare Zameen Par) بولسا بالىلار ۋەقەلىكى تىپلىق كىنو بولۇپ ، ئامىرخان فىلىم رىژىسسورى بولۇشتىن سىرت بۇ فىلىمدىكى مۇھىم پېرسۇناژ نىك( Ram Shankar Nikumbh) نىڭ رولىنى ئالغان . داشىر سافارىي( Darsheel Safary) ۋە تانەي چىدا (Tanay Chheda) كىچىك باش پېرسۇناژلار رولىغا چىققان .
بۇ فىلىمدە سەككىز ياشلىق بالا بىلەن ياتاقلىق مەكتەپتىكى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەككىز ياشلىق ئىشانغا نىسبەتەن دۇنيا تولىمۇ سېھىرلىك ۋە ئۆزگىچە بولۇپ ، ئۇ بارلىق ئامال-
چارىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئۇنىڭ سېھرى كۈچىنى بايقاشقا تىرىشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان خوشاللىقىدىن بەھىر ئالىدۇ . ئەمما ئۇ باشقا كىشىلەر نەزىرىدىكى چاتاقچى بالا بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭ نەتىجىسى ياخشى ئەمەس ، سىنىپتىكى نەتىجىسى خېلى كەينىدە تىزىلىدۇ . يەنە كېلىپ ئۇنىڭ كاللىسىدا دائىم ئاجايىپ-غارايىپ خىياللار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ . بۇ قېتىم ئىشان يەنە چاتاق تېرىپ قويدى ، ئۆيىدىكىلەر مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئىشاننى ياتاقلىق مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشنى توغرا كۆردى.
گەرچە ئىشاننىڭ يېڭى تۇرمىشىدا بەك كۆپ ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ ، لېكىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىش ئازابى ئۆرتەنمەكتە ئىدى . دەل مۇشۇنداق بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە قىينىلىۋاتقان ئىشان يېڭى گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى نىك بىلەن تونۇشتى . نىك بۇرۇنقى مۇئەللىملەرگە ئوخشىمايتتى ، ئۇ بالىلارنىڭ ئەركىن تەپەككۇر قىلىشىنى قوللايتتى ، يېڭىلىق يارىرىتىشىغا تۈرتكە بولاتتى . نىك ئىشان بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ، ئىشاننىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى ...
رولى | ئارتىس |
Ram Shankar Nikumbh | ئامىرخان |
Rajan Damodaran | تانەي چىدا |
Ishaan Awasthi | داشىر سافارىي |
Mr. Awasthi | Vipin Sharma |
Herself | Lalitha Lajmi |
Jabeen - Amir's Co-worker | Girija Oak |
Principal - Boarding School | M.K. Raina |
Yohan N. Awasthi | Sachet Engineer |
Maya N. Awasthi | Tisca Chopra |
Ishaan N. Awasthi -10 months | Ayaan |
Science Teacher | Alorika Chatterjee |
Housemaster | Gurkirtan Chauhan |
Maadhoo | Sanjay Dadich |
نىك
ئامىرخان رولدا
ئىشان
داشىر سافارىي رولدا
سەككىز ياشلىق ئوماق يىگىت ، ئاز تولا كەپسىزلىك قىلىپ قويىدىغان ، ئوقۇش توسالغۇسى كېسىلى بولغان ، نۇرغۇن كىشىلەر نەزىرىدىكى چاتاقچى بالا .
- روج
تانەي چىدا رولدا
نىك مۇئەللىمگە ئىشاننىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىدۇ ،شۇ سەۋەبلىك نىك مۇئەللىم ئىشاننىڭ ئوقۇش توسالغۇسى كېسىلى بارلىقىنى ئۇقىدۇ .
مۇكاپات تۈرى
| مۇكاپات نامى
| ئېرىشكۈچى |
---|---|---|
Filmfare Awards | مۇنەۋۋەر رېژىسسور | ئامىرخان |
Filmfare Awards | مۇنەۋۋەر فىلىم |
|
ھىندىستان كىنو مۇكاپاتى(印度本土电影奖) | مۇنەۋۋەر فىلىم |
|
ھىندىستان كىنو مۇكاپاتى(印度本土电影奖) | مۇنەۋۋەر كىنو ھېكايىسى |
|
ھەندىستان كىنو مۇكاپاتى(印度本土电影奖) | مۇنەۋۋەر رېژىسسور | ئامىرخان |
ئورۇن | ۋاقتى | ئورۇن | ۋاقتى
|
---|---|---|---|
كانادا
| 2007-12-21
| ئامرىكا | 2007-12-21 |
ھىندىستان | 200-12-21 | 特威特 | 2008-82-21 |
پاكىستان | 2008-4-11
| جوڭگو تەيۋەن | 2009-3-20
|
كورىيە | 2012-9-6日 |
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.