چېن كۈن

چېن كۈن

چېن كۈن، 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۇڭچىڭ دا تۇغۇلغان، تونۇلغان، ئاكتىيور، ناخشىچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن كۈن
باشقا نامى Chen Kun / Aloys Chen
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى
كەسپى ئاكتىيور، ناخشىچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 陈坤
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى چۇڭچىڭ
بوي ئېگىزلىكى 176cm
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن كۈنچېن كۈن 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرى دە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلىكتىن مومىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. ئائىلىدىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىغان.

1995-يىلى شەرقىي ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە كىرىپ ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1996-يىلى ئۆمەكتىن چىقىپ، بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان.

چېن كۈن1999-يىلى (23 ياش ۋاقتى)، ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىكى ۋاقىتتا، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن «دۆلەت شېئىرى» ناملىق فىلىمگە تاللانغان.

2000-يىلى ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدىكى ئوقۇۋاتقاندا چېن كۈن «كۈلپەتلىك يىللار (像雾像雨又像风)» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سائەتچى يىگىت چېن زىكۈننىڭ رولىغاچىققان.

2003-يىلى «سۆلەتۋاز جەمەت (金粉世家)» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا يەنشى بايۋەتچىنىڭ رولىغا چىققان. بۇ فىلىم مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يىللىق كۆرۈلۈش نىسبىتى چىمپېيونلىقىغا ئېرىشكەن. بۇ چېن كۈننىڭ دەسلەپكى قاتناشقان فىلىملىرىنىڭ بىرى.

2002-يىلى «بالزاك ۋە تىككۈچى (巴尔扎克和小裁缝)» فىلىمىگە قاتناشقان.  

2004-يىلى «سىڭىش (渗透)» ناملىق پىلاستىنكىسىنى بازارغا سالغان.

2005-يىلى «بىر جۈپ كېپىنەك (鸳鸯蝴蝶)» فىلىمگە قاتناشقان ۋە شۇ ئارقىلىق 42-نۆۋەتلىك تەيۋەن ئالتۇن ئات مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى نامزاتلىقىغاكۆرسىتىلگەن

2006-يىلى «ساتىراش (理发师)» ناملىق فىلىمدە رولغا قاتناشقان ۋە شاڭخەي فىلىم تەقرىزى مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى يەنە بىر ناخشا پىلاستىنكىسى «يەنە بىر رېئاللىق (再一次实现)»نى چىقارغان.

2007-يىلى«تۈگۈن (云水谣)» فىلىمىدە رولغا قاتناشقان. 

2008-يىلى «نىقاب (画皮)» فىلىمىدە رولغا قاتناشقان ۋە 30-نۆۋەتلىك غۇنچىلەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2009-يىلى «سىر (谜ME)» ناملىق پىلاستىنكىسىنى بازارغا سالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېما ناخشىسى «بېيجىڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ» ناملىق ناخشىنىڭ ئورۇندىلىشىغا قاتناشقان. 

2009-يىلى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئىشلەنگەن «دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرى (建国大业)» ناملىق فىلىمگە قاتناشقان.

2010-يىلى «ئوق ئۇچسۇن (让子弹飞)» ناملىق فىلىمگە قاتناشقان. 

2011-يىلى جانبازلىق فىلىمى «ئەجدىھا قوۋۇقتىكى ئۇچقۇر شەمشەر (龙门飞甲)» ناملىق فىلىمگە قاتناشقان.

2012-يىلى «چىيەن شۆسېن (钱学森)» ناملىق بىيوگرافىك فىلىمگە قاتناشقان. شۇ يىلى يەنە «نىقاب (画皮)» فىلىمىنىڭ 2-بۆلۈمىگە قاتناشقان.

2013-يىلى «دىرېن جيې(狄仁杰)» فىلىمگە ۋە «چەكتىن ئاشقان ئەر-ئاياللار (过界男女)» فىلىمىگە قاتنىشىدۇ.شۇ يىلى ئۇ گانا ۋە تورونتودىكى كىنو بايرىمى تىزىملىكىگە كىرگەن.

2015-يىلى «ئالۋاستى جوڭكۈي ۋە زۇلمەت خىرۇستالى (钟馗伏魔:雪妖魔灵)» فىلىمىگە قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى يەنە «جىن ئۆچۈرگەن چىراغ (鬼吹灯)» ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىم «جىن ئۆچۈرگەن چىراغ : ئالۋاستى قەبرىنىڭ سىرى (鬼吹灯之寻龙诀)» ناملىق فىلىمدە خۇبايىنىڭ رولىغا چىققان.

2016-يىلى «يەل قازان قەھرىمانى (火锅英雄)» ۋە «گۈزەل تاسادىپىيلىق (美好的意外)» ناملىق فىلىملەرگە قاتناشقان.

چېن كۈن8-نۆۋەتلىك ئاۋسترالىيە كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

ماراكەش 7-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاياللار كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3-نۆۋەتلىك مۇزىكا مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

31-نۆۋەتلىك غۇنچىلەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

11 - نۆۋەتلىك جۇڭگو چاڭچۈن كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

21 - نۆۋەتلىك شاڭخەي كىنو باھالىغۇچىلار جەمئىيىتى مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

19 ـ نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

3-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو رېژىسسورى جەمئىيىتى يىللىق ئەر ئارتىس مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

6-نۆۋەتلىك ئاسىيا كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

18-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ فىلم باھالاش جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

14-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

30-نۆۋەتلىك غۇنچىلەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3-نۆۋەتلىك «داڭقان» مۇكاپاتى جۇڭگو يىللىق ئەڭ ياخشى كىنو ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

29-نۆۋەتلىك غۇنچىلەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

9-نۆۋەتلىك جۇڭگو چاڭچۈن كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن.

26-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەرباش رولچى مۇكاپاتىغا نامزاتىغا ئېرىشكەن.

11-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئاكتيورلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

12-نۆۋەتلىك جۇڭگو خۇابياۋ كىنو مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سۈرەت بايرىمى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەنئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

10-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق كىنو چولپىنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئويۇن قويۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرشكەن.

10-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتى بولغان.

14-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

15-نۆۋەتلىك شاڭخەي كىنو باھالىغۇچىلار جەمئىيىتى مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

9-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتى.

42-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەرباش رولچى مۇكاپاتى نامزاتى بولغان.

14-نۆۋەتلىك بېيجىڭ چۈنيەن كىنو مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

11-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئىتى قوش ئون ياخشى ئەڭ ياخشى ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#