قەشقەر كونا شەھەر

قەشقەر كونا شەھەر

دۆلەت 5 A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى— شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نىڭ كونا شەھەر رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر لارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كارتىنىسى.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەر كونا شەھەر
قاراشلىق جايى قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى شەھەر مەركىزى
مەنزىرە نۇقتىسى دەرىجىسى AAAAA دەرىجىلىك
ئېچىش ۋاقتى پۈتۈن كۈن
قاراشلىق دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 喀什老城
كۆلىمى 4.25 كۋادرات كىلومېتىر
ئاھالە سانى 12.68 مىڭ ئادەم
قاراشلىق شەھەر قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى
داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى ھېيتكار مەسچىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەر كونا شەھەرشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى قەشقەر شەھىرى نىڭ كونا شەھەر رايونى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كارتىنىسى. قەشقەر كونا شەھەر رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، كۆلىمى 4.25 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى تەخمىنەن 12.68 مىڭ ئادەم. كونا شەھەر رايونىدىكى كوچىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جانلىق ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئەگرى-توقاي چىغىر يوللار خىلۋەت جايلارغا تۇتاشقان، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كېسەك، خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق، خېلى كۆپ ئەنئەنىۋى پۇقرالارنىڭ ھويلا-ئاراملىرى يۈز يىل تارىخقا ئىگە، جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئىسلام مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىدىكى سىرلىق ئوردا شەكىللىك شەھەر كوچا رايونى.

2009-يىلى، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە، قەشقەر كونا شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى 9722 ئائىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزگەرتىشكە 8.39 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

2014-يىلى قەشقەر شەھىرى 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەرنىڭ كونا شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرە سۈپىتىنى، كونا شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى بازار تارقىلىش كۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، باشقۇرۇش ۋە تىجارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن.

2014-يىلى 11-ئايدا قەشقەر كونا شەھەر رايۇنى يۇقىرى نومۇر ئارقىلىق دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەنزىرە بايلىقىنى باھالاشتا A 5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان. 

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى قەشقەر كوناشەھەر مەنزىرە رايونى رەسمىي دۆلەت 5 A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

قەشقەر كونا شەھەرقەشقەرنىڭ جېنى قەشقەر كونا شەھەر، ئۇ بۇ شەھەرنىڭ قەدىمكى ئۆتمۈشى، تىنچ ھازىرى، ئەگەر تەلەيلىك بولسا، ئۇ چوقۇم كەلگۈسىنىڭ ۋەكىلى بولالايدۇ. قەشقەر قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئەسلى نامى قەشقەر يېڭىشەھەر، ھازىرغىچە 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئەڭ بۇرۇنقى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چيەن ھەققىدىكى خاتىرىلەر يېزىلغان قەدىمكى سۇلى. قەدىمكى سۇلى قەلئەسىنىڭ بۈگۈنكى جەنۇب تەرىپىدە پەنگاۋ شەھەر قەشقەر شەھىرى ئىچىدە تۇرۇشلۇق جايى ئەسكى سەر قەدىمىي شەھىرى دەپمۇ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەر يېڭىشەھەر بازىرى تەسىس قىلىنغان، لېكىن، قەدىمكى ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىگە 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خانروي قەدىمىي شەھىرى بولۇپ، مور بۇددا مۇنارى ئىسپات بولالايدۇ. چاسايارباغ جايلاشقان جايدىكى قەشقەر قەدىمكى شەھىرىنىڭ يارباغ قاراخانىيلارنىڭ شاھى خارابىسى بولۇشى مۇمكىن، ھازىرغا قەدەر 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. قەدىمى كوچىغا كىرگەندە، تەخمىنەن ئىككى كۋدرات كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە، 23 مىڭ ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئىككى، ئۈچ يۈز كوچا زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن.

قەشقەر كونا شەھەرئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرە، قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت، شانلىق تارىخىي كوچا رايونىدىكى توپا تاش خاڭ يولى، كەڭرەك بولسا ئېشەك ھارۋىسى ماڭالايدۇ، تار بولسا ئىككى كىشىنىڭ كوچىدا قاتارلىشىپ مېڭىشىمۇ قىيىن توختايدۇ، قەدىمى كوچىلارنىڭ ئۇزۇنلىقى 600 نەچچە مېتىر كېلىدۇ، قىسقىلىرىدا 50 مېتىر ماڭسىلا كوچىنىڭ ئۇ بېشىغا چىققىلى بولىدۇ. كوچا شەرقى ئايلانما غەربكە بۇرۇلغان، جەنۇبىي ئەگمە، شىمالىي كىسىشكەن، ئايلانما بولغاچقا قارىماققا يول ئاخىرلاشقاندەك، لىكىن داۋاملىق ماڭغاندا يەنە بىر كوچا كۆرىنىدۇ، خۇددى «سۇ بويىدا» رومانىدىكى جۇجياجۇاڭ يېزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقاي يوللاردەك.

خاڭ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيى بار. ھويلا ئۆيلىرى ناھايىتى ئۆزگىچە، ئادەتتە ھەممىسى چەكلىك بولغان تەكشىلىكتە، ئىككى ئۈچ قەۋەت كېسەك-ياغاچ قۇرۇلمىلىق كىچىك بىنا سالغان، بەزىلىرى تۆۋەنگە سوزۇلغان، يەر ئاستى ئۆيى،مېھمانخانا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان شوتا، پەلەمپەي بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. ھەممە ئۆيدە گورزىنتال تەكشى ئۆگزە بار. ھەر بىر ئائىلىدە چوڭ بولمىغان ھويلىسى بار، تەشتەك مەنزىرىسى ياكى گۈل بېقىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە ئىككى كوچا تۇتاشقان قىسمىدا بىر ئېغىز كىچىك كوچا ھالقىغان ئۆيلەرسېلىنغان، خۇددى كارىدورغا ئوخشايدۇ.

قەدىمى كوچىنىڭ نامى ئۇيغۇر تىلىدىكى كونا نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقايسىسىنىڭ خۇددى چاسا مەھەللە ئىش باشقارمىسىدىكى يارباغ بازار، ياغ بازىرى دېگەن مەنىدە، كوزچىلار بېشى، كۇلالچىلار ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ئەرزەگا كوچىسى ئەسلى زەرگەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. يارباغ كوچا باشقارمىسىغا تەۋە بولغان بۇلاق بېشى كوچىسى، بۇ كوچا ھالقىسىمان بولۇپ، مەركىزىدە توققۇز بۇلاق كۆزى بار، شۇڭا توققۇز بۇلاق دەپ ئاتالغىنىغا ئوخشاش ئۆزگىچە مەنىسى بار.

1. كونا شەھەردە بېلەت سېتىش ئورنى بولىدۇ، كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىن 8 ~ 9، ئەگەر ۋاقتى بولسا يېرىم كۈن ئايلانغىلى بولىدۇ.

2. كونا شەھەردىكى ئولتۇراق ئۆيلەرگە ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىپ كۆرىشى رۇخسەت قىلىنغان، ئەگەر ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆي ئىشىكى ئالدىدىكى ئىككى ئىشىك ئېچىلغان بولسا، ئەر خوجايىننىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەگەر پەقەتلا ئايرىم بىر ئىشىك ئېچىلغان بولسا، ئايال خۇجايىن ئۆيدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر دەرۋازا ئالدىغا رەخت پەردە ئېسىپ قويۇلغان بولسا ھازىر ئۆيىدە ھازىر مېھمان بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

3. ئەگەر كونا شەھەر رايونى ئىچىدە يولدىن ئېزىپ قالسا، ئاياغ ئاستىدىكى خىشقا قارىسا، ئۇ دەل سەپەر يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، كونا شەھەردىن چىقىپ كەتكىلى بولىدۇ.

4. كىرىش بېلىتى: ئارقا سېپىدىكى كونا شەھەر رايونىدا ئىشىك بېلىتى ئېلىنىدۇ، 30 يۈەن / ئادەم.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ يى مۇنداق دېدى: قەشقەر كونا شەھەر رايونى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بەلگە خاراكتېرلىك ساياھەت بايلىقى مول، خەلقئارا جۇغراپىيەلىك رايون ئەۋزەللىكى ئىنتايىن گەۋدىلىك. ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشى نەزەرىنى قەشقەرگە ئاغدۇرۇۋاتىدۇ، قەشقەر كونا شەھەر رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شىنجاڭنىڭ باشلامچى ساياھەت رايونى بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر.

قەشقەر شەھىرى نىڭ باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىچىدە يەنە كونا شەھەر رايونىدىكى تۆشۈك دەرۋازا، قەشقەر كونا شەھەر رايونى مۇزېيى، بۇلاقبېشى قاتارلىق مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى تېزلېتىلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ قاتنىشى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، ساياھەت تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، قەشقەر كونا شەھەر رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەنزىرە رايونى ھەم ئېسىل تاۋارلار مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى «شىنجاڭ كۆزنىكى»گە ئايلاندۇرۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#