بەشتۈگمەن يېزىسى

بەشتۈگمەن يېزىسى

بەشتۈگمەن يېزىسى ئاقسۇ شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر لارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان مەمۇرىي يېزا.

ئۇيغۇرچە نامى بەشتۈگمەن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى مەمۇرىي يېزا
يەر مەيدانى 201 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفۇن رايون نۇمۇرى 0997
خەنزۇچە ئاتىلىشى 拜什吐格曼乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقسۇ شەھىرى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
ماشىنا كودى 新N

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەشتۈگمەن يېزىسىبەشتۈگمەن يېزىسى ئاقسۇ شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بۇلۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان مەمۇرىي يېزا. ئاقسۇ دەرياسى شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 201 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 115 مىڭ مو. قارىمىقىدا تۆت باشقۇرۇش رايونى، 26 مەمۇرىي كەنت، 90 ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، نوپۇسى 23067 ئادەم.

بەشتۈگمەن يېزىسىبەشتۈگمەن يېزىسىغا قاراشلىق 26 كەنت ئاھالە كومىتېتى با ر بۇلۇپ، بۇلار: يۇقىرىقى خەلپە ئېرىق كەنتى، كۆكباش كەنتى، يۇقىرىقى لەڭگەر كەنتى، ئارالەڭگەر كەنتى، تۆۋەنكى لەڭگەر كەنتى، يۈسۈپخوجا ئېرىقى كەنتى، تۆۋەنكى خەلپە ئېرىق كەنتى، يۇقىرىقى ئابۇلەشئېرىق كەنتى، تۆۋەنكى ئابۇلەشئېرىق كەنتى، يۇقىرىقى گىرىشئېرىق كەنتى، جىلغا بويى كەنتى، تۆۋەنكى گىرىشمئېرىق كەنتى، قوغاچئېرىق كەنتى، غولمەھەللە كەنتى، سايغان مەھەللە كەنتى، ئەيناۋات كەنتى، ئوتتۇرا ئېرىق كەنتى، كونا ئېرىق كەنتى، جىگدە قوتان كەنتى، بەشئېرىق كەنتى، سەركە ئېرىق كەنتى، كوكۇلئېرىق كەنتى، تۆۋەنكى يېڭىئۆستەڭ كەنتى، ئۇپۇرباش كەنتى، يۇقىرىقى  يېڭىئۆستەڭ كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى قاتارلىق كەنتلەر ۋە 90 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى  بار. 

بەشتۈگمەن يېزىسىبەشتۈگمەن يېزىسىدا 19 پونكىت (ئورۇن)، 7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئومۇمىي ئائىلە سانى 4646، نوپۇسى 22800 ئادەم، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 19850 ئادەم.

بەشتۈگمەن يېزىلىق پارتكوم ئۇنىڭ قارىمىقىدا ئالتە باش ياچېيكىسى، 37 پارتىيە ياچېيكىسى، 7 ئىتتىپاق باش ياچېيكىسى، 51 ئىتتىپاق ياچىكىسى، 941 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، 2216 نەپەر ئىتتىپاق ئەزاسى، كەنت كادىر 142 نەپەر بار، ئورگان، پونكىت، مەكتەپ كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 411 ئادەم.

بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ 2008-يىللىق يېزا يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 2.4948 يۈز مىليون يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5484.57 يۈەنگە يەتكەن، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلغان. ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، مۇقىملىقى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئەتراپلىق يۈكسىلىشىنى ئالغا سۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

بەشتۈگمەن يېزىسىپۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق بەشتۈگمەن يېزىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەھەر دەرىجىلىك «خەلق رازى ھۆكۈمەت»، «ئىشەنىچلىك يېزا» دەپ نام بېرىلگەن. ۋىلايەت دەرىجىلىك تىنچ يېزا (بازار)، «بەشتە ياخشى» يېزا-بازارلىق پارتكوم، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلغار يېزا» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#