ئەڭ مەشھۇر تۇمانلىق پايتەخت

 لوندون
دۇنيادا بەزى جايلار دائىم تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرى ئەڭ مەشھۇر تۇمانلىق شەھەر ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنى «تۇمانلىق پايتەخت» دەپ ئاتايدۇ.دۇنياۋىي ھاۋارايى خاتىرىسىدىن قارىغاندا، لوندوندا بىر يىل ئىچىدە تۇمانلىق ئۆتىدىغان كۈن 70-80 كۈندىن ئاشىدۇ، يەنى ھەر بەش كۈندە بىر كۈننى تۇمان قاپلايدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لوندون شەھىرى
باشقا نامى London
خەنزۇچە ئىسمى 伦敦
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىلىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيادا بەزى جايلار دائىم تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرى ئەڭ مەشھۇر تۇمانلىق شەھەر ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنى «تۇمانلىق پايتەخت» دەپ ئاتايدۇ. 

لوندوندا بىر يىل ئىچىدە قانچە كۈن تۇمانلىق ئۆتىدۇ؟ دۇنياۋىي ھاۋارايى خاتىرىسىدىن قارىغاندا، لوندوندا بىر يىل ئىچىدە تۇمانلىق ئۆتىدىغان كۈن 70-80 كۈندىن ئاشىدۇ، يەنى ھەر بەش كۈندە بىر كۈننى تۇمان قاپلايدۇ. 

مەملىكىتىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا بىر يىل ئىچىدە ئاران 15-25 كۈنلا تۇمانلىق ئۆتىدۇ. تۇمانلىق كۈن كۆپرەك بولىدىغان شاڭخەيمۇ بىر يىل ئىچىدە ئاران 40-50 كۈن تۇمانلىق ئۆتىدۇ، لوندونغا سېلىشتۇرغاندا، پەرق خېلىلا چوڭ.

يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدە تۇمانلىق پايتەختى لوندوندا ھاۋا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش ۋەقەسى جەمئىي سەككىز قېتىم يۈز بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1952-يىلى يۈز بەرگەن تۇمان قاپلاش ۋەقەسى ئەڭ ئېغىر بولغان. قىش كۈنى بىر سەھەردە لوندوننىڭ ھاۋاسى سوغۇق يۇقىرى بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شامال چىقماي تىنجىقلىق ھۆكۈم سۈرگەن. سوغۇق ھاۋا لوندون ئويمانلىقىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا بېسىپ كىرگەن. يۇقىرىدا ئىسسىقراق ھاۋا بولغانلىقتىن، ھاۋا قاتلىمى ئىنتايىن تۇراقلاشقان. قويۇق سوغۇق تۇمان ئەتراپقا تارقىلىپ كېتەلمەي، تۆت كۈنگىچە شەھەرنى قاپلاپ تۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاۋۇت ۋە ئائىلىلەردىن چىققان كۆپلىگەن ئىش ۋە چاڭ-توزاڭلار قويۇق تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تارقىلىپ كېتەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن 3500-4000 ئادەم كانەيچە ياللۇغى، ئۆپكە كېسىلى، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن. بۇ ۋەقە لوندوندىكى تۇماننىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقارغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#