مىڭ سۇلالىسى

مىڭ سۇلالىسى

1368-يىلى جۇ يۈەنجاڭ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، مىڭ سۇلالىسىنى قۇردى. شۇ يىلى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنى كەڭ-كۆلەمدە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، خانبالىق(ھازىرقى بېيجىڭ) نى ئىگىلەپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. ئارقىدىنلا مىڭ تەيزۇ جۇ يۈەنجاڭ ھەرقايسى جايلاردىكى بۆلۈنمە كۈچلەرنى بىر-بىرلەپ يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. مىڭ سۇلالىسى 277 يىل مەۋجۇت بولۇپ، 16 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.

ئۇيغۇرچە نامى مىڭ سۇلالىسى
خەنزۇچە نامى 明朝
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق تۈزۈم
ئەلباشى جۇ يۈەنجاڭ
ئاساسلىق مىللىتى خەنزۇ
ئاساسلىق دىنى داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى
باشقا نامى Ming Dynasty

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، دېھقانلار قوزغىلىڭى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى، نۇرغۇن قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى ئارىسىدا جۇ يۈەنجاڭ رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مىلادىيە 1356-يىلى جىچىڭ(ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) نى ئىگىلەپ، نامىنى يىڭتيەن مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتتى ۋە مۇشۇ جاينى بازا قىلىپ، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. 1368-يىلى جۇ يۈەنجاڭ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، مىڭ سۇلالىسىنى قۇردى. شۇ يىلى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنى كەڭ-كۆلەمدە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، خانبالىق(ھازىرقى بېيجىڭ) نى ئىگىلەپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. ئارقىدىنلا مىڭ تەيزۇ جۇ يۈەنجاڭ ھەرقايسى جايلاردىكى بۆلۈنمە كۈچلەرنى بىر-بىرلەپ يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. مىڭ سۇلالىسى 277 يىل مەۋجۇت بولۇپ، 16 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. 

مىڭ سۇلالىسىزېمىنى شەرق، جەنۇبتا دېڭىزغىچە ۋە چەت ئەللەرگە تەۋە ھەرقايسى ئاراللارغىچە كېڭەيدى؛ غەربىي جەنۇبتا شىزاڭ، يۈننەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، شەرقىي شىمالدا ياپون دېڭىزى، ئوخۇتسىك دېڭىزى، ئۇ، دەريا ۋادىسىغىچە كېڭەيدى، كېيىن لياۋخې دەرياسى ۋادىسى بىلەن چەكلەندى، غەربىي چېگرىسى دەسلەپكى مەزگىلدە خېتاۋ، سىرا مۈرەن دەرياسىغا يەتكەن بولسا، كېيىن ھازىرقى سەددىچىن سېپىلى بىلەن چەكلەندى، غەربىي شىمالدا دەسلەپتە شىنجاڭدىكى قۇمۇلغا يەتكەن بولسا، كېيىن جيايۈيگۇەن قوۋۇقى بىلەنلا چەكلەندى.

مىڭ سۇلالىسىھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، مىڭ تەيزۇ نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللاندى: ۋەزىرلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلدى، ئالتە پىرقىنى پادىشاھ بىۋاسىتە باشقۇرۇپ، چوڭ ھوقۇق پادىشاھنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى؛ باش دىۋان ئورگىنى تەسىس قىلىنىپ، ئىشەنچلىك كىشىلەر تاللىنىپ باش دىۋانغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلدى، كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنىپ، تەكشۈرۈش، قولغا ئېلىش ۋە سوراق قىلىش قاتارلىق ئىشپىيونلۇق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل قىلىنىپ، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى كونترول قىلىش كۈچەيتىلدى، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى بىلەن قوشۇن يۆتكەش ھوقۇقى ئايرىۋېتىلىپ، سانغۇنلارنىڭ قوشۇنلارنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، ناھەق دېلولار ئويدۇرۇپ چىقىلىپ، تۆھپىكار ۋەزىرلەر ئۆلتۈرۈلۈپ چوڭ ھوقۇقنىڭ(ئۇلارنىڭ) قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. كېيىن شەرقىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى، غەربىي پايلاقچىلار مەھكىمىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئىشپىيونلۇق ئورگىنى كۆپەيتىپ قۇرۇلۇپ، ھەرەمئاغىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلدى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى كىمخاب تونلۇق ياساۋۇلخانىدىن چوڭ ئىدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى تارىختىكى سۇلالىلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.

مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن تەختكە چىققان پادىشاھلارنىڭ كۆپىنچىسى ھاماقەت، قابىلىيەتسىز ئىدى. مىڭ شىزۇڭ، مىڭ شېنزۇڭدىن ئىبارەت ئىككى پادىشاھ ئوردىغا بېكىنىۋېلىپ، 10-20 يىلغىچە ۋەزىرلەر بىلەن كۆرۈشمىدى. ئوردا سىياسىي جەھەتتە چىرىكلىشىپ، ۋەزىرلەر بىر-بىرىنى چەتكە قاقتى، ھەرەمئاغىلىرىدىن ۋاڭ جېن، ۋاڭ جى، ليۇ جىن، ۋېي جۇڭشيەن قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ھاكىممۇتلەقلىق يۈرگۈزۈپ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت مالىيەسىدە قىيىنچىلىق كېلىپ چىقتى. مىلادىيە 1581-يىلى چوڭ ئۆلىما جاڭ جۈيجېڭ ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، بيۇروكرات ئورگانلارنى تەرتىپكە سېلىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. «بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسى» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

مىڭ سۇلالىسىمىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاۋار ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلدى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى بىر قىسىم قول ھۈنەرۋەنچىلىك تارماقلىرىدا كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىخلىرى دەسلەپكى قەدەمدە مەيدانغا كەلدى. يىپەك توقۇمىچىلىق كەسپىدە، كاپىتال چىقىرىپ» دەستىگاھ «تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان» دەستىگاھ خوجايىنلىرى «بىلەن ئەمگەك كۈچىنى سېتىشقا تايىنىپ مائاش ئالىدىغان» دەستىگاھ ئىشچىلىرى «(ياللانما ئىشچىلار) بارلىققا كەلدى، » دەستىگاھ «− قول سانائەت ئىشخانىلىرى ئىدى. سودا ساھەسىدە، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى كونترول قىلىدىغان دەللال سودىگەرلەر بارلىققا كەلدى. كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىخلىنىشى جۇڭگونىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. 

مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ چېگرا پاراكەندىچىلىكلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشتى. دەسلەپتە شىمالدىكى موڭغۇللارنىڭ ئۇيرات ھاكىمىيىتى ئۈزلۈكسىز جەنۇبقا بېسىپ كىرىپ، مىلادىيە 1449-يىلى تۇمۇباۋ قەلئەسىدە (ھازىرقى خېبېيدىكى خۇەيلەي ناھىيىسى ئىچىدە) مىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، مىڭ يىڭزۇڭنى ئەسىرگە ئالدى. » تۇمۇباۋ ۋەقەسى «دېگىنىمىز مانا شۇ. كېيىن بىر قىسىم ياپون سەرگەردانلىرى، سامۇرايلىرى، سودىگەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ياپون ئالۋاستىلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە داۋاملىق پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، دېڭىز ياقىسىدىكى خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. ياپون ئالۋاستىلىرىغا قارشى مەشھۇر سەركەردە چى جىگۇاڭ، يۈي دايۈيلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىشى ئارقىلىق 16-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندىلا قاراقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى ئاندىن تىنچىتىلدى. 

مىڭ چېڭزۇ − جۇ دى تەختتىكى مەزگىلدە مىڭ سۇلالىسى كۈچىيىپ، دۇنيادا زور تەسىرگە ئىگە بولدى. مىلادىيە 1405-يىلىدىن 1433-يىلىغىچە مىڭ چېڭزۇ ھەرەمئاغىسى جېڭ خېنى ئىلگىرى-كېيىن يەتتە قېتىم غەربىي ئوكيانغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. جېڭ خې غايەت زور كېمە ئەترىتىنى باشلاپ يىراققا سەپەر قىلىپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى ۋە قىزىل دېڭىز بويلىرىغا قەدەر يېتىپ بېرىپ، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن دوستانە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، دۇنيا دېڭىز قاتنىشى تارىخىدا پارلاق بىر سەھىپە ئاچتى. 

مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئوردا ھاكىمىيىتى ئىنتايىن چىرىكلەشتى، دۇڭلىن پىرقىسىدىكىلەر ھەرەمئاغىلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىگە قارشى تۇرۇپ، چىرىك ھاكىمىيەتنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاچقا، ھەرەمئاغىسى ۋېي جۇڭشيەن باشچىلىقىدىكى ھەرەمئاغىلىرى پىرقىسى گۇرۇھى تەرىپىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇلدى. مىلادىيە 1627-يىلى شەنشىنىڭ بېيدېڭ ناھىيىسىدىكى دېھقانلار ۋاڭ ئېر رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. كېيىن دېھقانلار قوشۇنى لى زىچېڭ، جاڭ شيەنجۇڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى تارماق قوشۇننى ئاساسىي كۈچ قىلىپ، چىرىك مىڭ سۇلالىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. مىلادىيە 1644-يىلى لى زىچېڭ قوشۇن باشلاپ بېيجىڭنى ئىگىلىدى، ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ چۇڭجېننىڭ ئۆلۈۋېلىشى بىلەن مىڭ سۇلالىسىمۇ ھالاك بولدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#