ئالتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ

1973-يىلى 8-ئايدا ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان. شىنجاڭدىكى بىردىنبىر خەنزۇچە ۋە قازاقچە دەرس سۆزلىنىدىغان تېببىي مەكتەپ بولۇپ، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمە سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. 

ئۇيغۇرچە نامى ئالتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ
خەنزۇچە نامى 阿勒泰地区卫生学校

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1973-يىلى 8-ئايدا ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان. شىنجاڭدىكى بىردىنبىر خەنزۇچە ۋە قازاقچە دەرس سۆزلىنىدىغان تېببىي مەكتەپ بولۇپ، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمە سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 2400 كۋادرات مېتىر. ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، بىئولوگىيە، مىكرو ئورگانىزم، پاتولوگىيە، پارازىت قۇرت قاتارلىق سەككىز ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، يەتتە تەجرىبىخانىسى بار.

فېلشېر، سىستېرا، ئاممىۋى سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، جۇڭيىچە داۋالاش قاتارلىق سەككىز خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. تولۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل. 1996-يىلدىن باشلاپ مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىق ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئاڭلاشقا ئۆزگەرتىلگەن. پراكتىكا بازىسى ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ئازادلىق ئارمىيە 16-دوختۇرخانىسى، يېزا ئىگىلىك 10 دىۋىزىيە دوختۇرخانىسى ھەمدە ئالتە ناھىيە بىر شەھەردىكى ناھىيىلىك، شەھەرلىك دوختۇرخانىلاردىن ئىبارەت.مەكتەپ شتاتى 1999-يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 50 نەپەر. (يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋانى بارلار توققۇز نەپەر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي ئونۋانى بارلار 22 نەپەر. تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي ئونۋانى بارلار 19 نەپەر) . مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 592 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچى 4000 نەپەردىن ئارتۇق .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#