چورۇقچىلىق

چورۇقچىلىق

قاغىلىق ناھىيەسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك ئەلئارا ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى-چورۇقچىلىق ھۈنىرى بار.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چورۇقچىلىقچورۇق-ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تىكىلىدىغان بىر خىل ئاياغ كىيىم بولۇپ، ئادەتتىكى ئاياغ كىيىملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ پاشنىسى بولمايدۇ. ھەم، سول تەرەپ ئايرىلمايدۇ. ئۇنىڭ چەمى پۈتۈنلەي كۆن-خۇرۇمدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، كاۋچۇك ۋە باشقا خام ماتېرىياللار ئىشلىتىلمەيدۇ. ھامۇدۇن ئابدۇراخمان چورۇق چەمىگە پۈتۈنلەي كالا، قوتاز تېرىسى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا ئۇ تىككەن چورۇقلار يېنىك، يۇمشاق، ئىسسىق بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. 

چورۇق نۇسخىسىغا قاراپ ئېگىز چوپرۇق (قونجىلىق) ئارا قونچىلىق، كالتە قونجىلىق چورۇق دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە كىيگۈچىگە قاراپ ئەرەنچە، ئايالچە، بالىلار چورۇقى دەپمۇ ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېسىل چورۇق، ئادەتتىكى چورۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

چورۇقچىلىقچورۇقچىلىق 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى گۈللەنگەن دەۋرگە كىرگەن، چورۇق ئۆز جايىدا سېتىلىپلا قالماي يەنە سىرتلاردا سېتىلىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، چورۇقچىلىق ھۈنىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستىلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن. بولسىمۇ قاغىلىق بازىرى باغئېرىق مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ھامۇدۇن ئابدۇراخمان ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس قالغان بۇ ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، چورۇقچىلىق ھۈنىرىنىڭ 3-ئەۋلاد ۋارىسى بولۇپ قالغان. 1960-يىلى تۇغۇلغان ھامىدۇن ئابدۇراخمان 14 يېشىدىن تارتىپلا دادىسىغا ئەگىشىپ چورۇق تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە دادىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇستا چورۇق تىكىش ئۇستىسىغا ئايلانغان.

تارىخى تەرەققىيات جەرياندا چورۇقمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ئاساسلىق ئىقتىدارىدىن سىرتقى كۆرۈنۈش، رەڭگىگىچە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى چورۇق ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە، ئەمما ھازىر كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، مەنىۋى-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ موللىششىغا ئەگىشىپ، چورۇق سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ، (ھازىر چوپان، كۆكيار، شىخشۇ يېزىلىرى ۋە ئۇششاقباش بازىرىدا ياشانغان بوۋاي-مومايلار چورۇق كىيىدۇ) ھۈنەر ۋە سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپكە ئىگە بولدى.

ھامىدۇن ئابدۇراخمان مۇنداق دېگەن: ئىلگىرى چورۇق تىكىشكە ئىشلىتىدىغان تېرىنى ئۆزۈم تەييارلايتتىم، بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى. تېرىلەرنىڭ سۈپىتىمۇ ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، بوياشنىمۇ ئۆزۈم قىلاتتىم، شۇڭا قوپال چىقاتتى. ھازىر مەن خۇرۇم تەييارلاش ئۈچۈن ئاۋارە بولايمەن، چورۇق تىكىشكە ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى قەشقەردىكى مەخسۇس خۇرۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتىن سېتىۋېلىپ، بۇ يېرىم تەييار ماتېرىيالغا ئۆزۈم ھۈنەر قوشۇپ، نەپىس چورۇقلارنى تىكىپ چىقىدىغان بولغان. مۇشۇنداق بولسىمۇ بىر ئادەم بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى جۈپ چورۇق تەييارلايدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش جۈپ چورۇق تىكەلەيدۇ.

ھامىدۇن ئابدۇراخمان چورۇقلىرىنى سېتىپ چىقىرىشتى غەم قىلمايدۇ. چۈنكى خېرىدارلار دائىم ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۆيىدىن چورۇق سېتىۋېلىپ كېتىدۇ. ئەگەر بازارغا سېتىش ئۈچۈن ئېلىپ چىقسا بىردەمدىلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. 9-ئاي قاغىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن دەۋرى «ئانار چېچىكى بايرىمى»، «ياڭاق ئۈزۈش بايرىمى»، زوڭلاڭ مازىرى، شېھىتيار قەدىمىي شەھەر خارابىسى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى ساياھەتچىلەر كۆپ بارىدىغان جاي.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#