بۆكەن مۈڭگۈزى

بۆكەن مۈڭگۈزى

بۆكەن مۈڭگۈزى جىگەر خىزمىتىنى نورماللاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، سۆڭەكلەرنى مۇستەھكەملەش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .

خەنزۇچە نامى 羚羊角 ling yang jiao
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
ئىنگلىزچە Antelope Horn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باھ ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ھارارەتنى پەسەيتىش،  زەھەر قايتۇرۇش، تارتىشىشنى بوشىتىش، جىگەر خىزمىتىنى نورماللاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، سۆڭەكلەرنى مۇستەھكەملەش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .

ئائىلىسى

كالا (bovi dae)ئائىلىسىدىكى ھايۋانات.

ئورۇنباسارى

ئۆچكە مۈڭگۈزى

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

سۇپۇپى بۆكەن مۈڭگۈزى

مۈڭگۈزسىمان ماددا، ئاقسىل، كالتىسي فوسفات، سۇدا ئېرىمەيدىغان ئانائورگانىك تۇزلار بار.

قىزىتما پەسەيتىش، تىنىچلاندۇرۇش ۋە چۆچۈشكە قارشى تۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە. مۈشۈك تەجرىبىسىدە مۈشۈكنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرگەن. سىلىق مۇسكۇللارنى قوزغىتىش تەسىرىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ. 

تۈزەتكۈچىسى

تەرەنجىبىن، مىۋە شەربەتلىرى ،شىكەر.

1. يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللەردە ھۇشىدىن كېتىش، جۆيلۈش تىلى كالۋالىشىش، قاتارلىقلاردا شېكەر بىلەن سۇپۇپ قىلىپ ئىچكۈزۈلىدۇ . كېزىك كېسەللەردە يىخسۇس، كاسىنە يوپۇرمىقى بىلەن ئىچكۈزۈلىدۇ .

2. كۆزنىڭ قىزىرىشى ۋە قاپاقلارنىڭ ئىششىشىغا ھەسەل بىلەن بۆكەن مۈڭگۈزى تالقىنىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچىلىدۇ ، كۆيدۈرۈلگەن سۇپۇپى كۆزگە سۈركىلىدۇ .

3. سىـرتقـى جـاراھەتـلـەرنـىـڭ قانـىـشىـغـا بۆكەن مۈڭگۈزىنى سۇقۇپ تالقانداپ  سېپىلىدۇ .

4. سۆڭەكلەرنىڭ سىقىراپ ئاغرىشى، بوشاپ كېتىشىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇپۇپ ئىچىلىدۇ .

5. بۆكەن مۈڭگۈزىنى سۇپۇپى  خۇنسىياۋشان بىلەن بىللە ئېزىپ بېسىلسا جاراھەتلەرنى پۈتتۈرىدۇ.[0]


كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ. 
كالا (bovi dae)ئائىلىسىدىكى ھايۋانات

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=245

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#