جىرغالاڭ يېزىسى

جىرغالاڭ يېزىسى

جىرغالاڭ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى توققۇز تارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى تەڭرىتاغ ئويمانلىقىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى جىرغالاڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 630 مىڭ مو
كىلىماتى تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吉尔格郎乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز تارا ناھىيەسى
نوپۇسى 8200 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى F

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىرغالاڭ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى توققۇز تارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى تەڭرىتاغ ئويمانلىقىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 49 كىلومېتىر. 

جىرغالاڭ يېزىسىجىرغالاڭدىن داۋاملىق جەنۇبقا 31 كىلومېتىر ماڭغاندا، داڭلىق مەنزىرە رايونى چاشىخى تارىم جىرغىلاڭ مەنزىرە رايونىغا بارغىلى بولىدۇ. جىرغالاڭ يېزىسى ئالدىدىكى جىرغىلاڭ دەرياسى بىلەن ئېتىز-ئېرىقىنىڭ غەربىي شىمال تەرەپىدىكى تېكەس دەرياسى، بۇ ئىككى دەريا مۇشۇ يەردە كېسىشىپ ئۆتىدۇ.

پۈتۈن يېزىنىڭ يەر كۆلىمى 630 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاستى يەر كۆلىمى 15 مىڭ 300 مو. كۆپ ساندىكى رايونلار، تاغ قار چوقچايمىسىمان يەر شەكلى، تېرىلغۇ يېرى مۇنبەت بولۇپ، قارا تۇپراق ئاساس قىلىنىدۇ، ئاز مىقداردىكى قارا تۇپراق، ئۆسۈملۈك دورىسى تېرىشقا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.

جىرغالاڭ يېزىسىنىڭ ئىقلىمى تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن، ئالاھىدىلىكى ئىللىق ۋە نەم، يامغۇر مىقدارى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. تومۇز ئىسسىق ياز پەسلىدە ئىسسىق ئاز، قىشتا قەھرىتان سوغۇق ئاز، ئەتىيازدا تېمپېراتۇرا ئۆرلىشى تېز، كۈزدە تېمپىراتۇرا تۆۋەنلىشى تېز، يىل بويى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.8، مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃39، مۇتلەق مىنىمۇم تېمپېراتۇراسى ℃32، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 334.2 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1961 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 121 كۈن بولىدۇ، يىغىندى قار كۈن سانى 3.4 كۈن، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 3695.9 سائەت، ℃10 تىن يۇقىرى يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃1347، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900 مېتىردىن 1200 مېتىرغىچە.

جىرغالاڭ يېزىسى2003-يىلى، جىرغالاڭ يېزىسىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 8200 ئادەم، ئاساسلىقى خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق توققۇز مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاق مىللىتى 5584 ئادەم، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %68 نى، خەنزۇ مىللىتى 2184 ئادەم، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %26.6 نى ئىگەللىگەن.

پۈتۈن يېزىدا ئالتە مەمۇرىي كەنت تەسىس قىلىنغان (ئىككى چارۋىچىلىق كەنتى، تۆت دېھقانچىلىق كەنتى)، 17 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، كەنت كادىرلىرى 41 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى 6 ئادەم، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى 5 ئادەم.

جىرغالاڭ يېزىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئالمالى كەنتى، ئوشاغاندى كەنتى، قاراتۇمسىق كەنتى، كۆكەرسىن كەنتى، كۆكجازىق كەنتى، ساغا كەنتى قاتارلىق 6 مەمۇرىي كەنت بار.

چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا، پەن-تېخنىكا تەركىبى تۆۋەن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاجىز، مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى ناچار.

بۇ يېزا تاغلىق يېزا بولۇپ، ياخشى چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئاساسى بار، چارۋىچىلىق بۇ يېزىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى، پۈتۈن يېزا ئاممىسىنىڭ كىرىمىنىڭ %64 ىنى ئىگەللەيدۇ. 2004-يىلى پۈتۈن يېزىدا قوتاندا بار بولغان چارۋا-مال سانى 678 مىليون 470 مىڭ تۇياق، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 11000 تۇياق، قوي 49948 دانە، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي 18000 دىن ئارتۇق، ئات 5100 دانە. يېزا بويىچە 450 ئائىلە چارۋىچى ئائىلىسى بار، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان ئائىلە 292، ئولتۇراقلىشىش نىسبىتى %65، نۆۋەتتە يەنە 150 ئائىلىلىك چارۋىچى  ئارقىدا قالغان تاغلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېشىگىل، ئاقساي، سالادا، داخنباي، چاشى، كۆكتال جازا قىشلىقى قاتارلىقلار. يېزا بويىچە نەسلى ياخشىلانغان كالا 7700 تۇياق، نەسلىنى ياخشىلاش نىسبىتىنى %70، كىچىك چارۋىلارنىڭ نەسلىنى كۆپەيتىش سانى 16000 دانە، ساغلىقنىڭ %54 ىنى ئىگەللىگەن، 15 ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتى تەسىس قىلىنغان. 2004-يىلى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 2558 يۈەن بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#