جەنۇبىي ئافرىقا

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى. ئافرىقا قىتئەسىىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، دۆلەت ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا بولغاچقا جەنۇبى ئافرىقا ئاتالغان. ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىندى ئوكيانغا ئۆتۈش ئېغىزى، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى ئەڭ دەسلەپكى قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ‹‹ئالتۇن ، مەرۋايىت دۆلىتى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى جەنۇبىي ئافرىقا 南非
پايتەختى پىرېتورىيە، بلومفونتاين، كىپتاۋىن
نوپۇسى 54 مىليون 95 مىڭ (2014-يىل)
يەر مەيدانى 1مىليون 221 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 南非共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
دۆلەت تىلى ئىنگىلىز تىلى، جەنۇبىي ئافرىقىچە گوللاند تىلى
نوپۇس زىچلىقى 47.5/ كىۋادرات كىلومېتىر
ئىنگىلىزچە نامى The Republic of South Africa

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىجەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى. ئافرىقا قىتئەسىىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، دۆلەت ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا بولغاچقا جەنۇبى ئافرىقا ئاتالغان. ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىندى ئوكيانغا ئۆتۈش ئېغىزى، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى ئەڭ دەسلەپكى قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ‹‹ئالتۇن ، مەرۋايىت دۆلىتى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەر مەيدانى 1 مىليون 221 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر، 2014-يىلىدىكى ئاھالىسى 54 مىليون 95 مىڭ. نېگىرلار  %79 نى، ئاق تەنلىكلەر %9 نى، رەڭلىك ئىرقلار %9 نى، ئاسىيالىقلار  %2.5 نى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبى ئافرىقا دۇنيادىكى ئۈچ پايتەختى بار بىردىنبىرى دۆلەت بولۇپ، سىياسى پايتەختى پرېتورىيە،، ئەدلىيە پايتەختى بلومفونتاين، قانۇن چىقىرىش پايتەختى كىپتاۋىن.

جەنۇبى ئافرىقىنىڭ تور نامى ئاياقلاشمىسى.za بولۇپ ئىلگىرىكى دۆلەت نامى ئازانىيەنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىككى ھەرپىدىن تۈزۈلگەن.

 دۆلەت نامى

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تولۇق نامى «جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان، شەرق، غەرب ۋە جەنۇبى ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيانلىرىغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. يەرلىكلەر ئازانىيە (zania) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئەرەبچىدىن كەلگەن. ئەرەب تىلىدا zanj (يەنى زەنگى) سۆزى قارا تەنلىك ئافرىقىلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «ئازانىيە» نىڭ مەنىسى «قارا تەنلىكلەرنىڭ ماكانى» بولىدۇ. بۇ نام ئەسلى شەرقىي ئافرىقا دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئاراللارغا قارىتىلغان، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى دۆلەت نامى قىلىپ ئىشلەتكەن.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى ئاياغ بېسىشتىن ئىلگىرى، جەنۇبىي ئافرىقىدا بوشمانلار، خودنىتولار ۋە بانتولار قەبىلە شەكلىدە كىچىك قەبىلە ھۆكۈمرانلىقلىرىنى قۇرۇپ ياشاپ كەلگەن. 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، پورتۇگالىيىلىكلەر ھىندىستانغا بېرىپ بايلىق ئىزدەش سەپىرىدە كېمىدە تاسادىپىي ھالدا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىغا كېلىپ قېلىپ، بۇ گۆھەر ماكاننى بايقىغان. 1652-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى ئۇنىڭ دېڭىز بويى ئەتراپلىرىغا بېسىپ كىرىپ، «كېپتائۇن مۇستەملىكىسى» نى قۇرغان. ئەينى چاغدا جەنۇبى ئافرىقا بىلەن ياۋروپا ئارىلىقى ناھايىتى يىراق بولغاچقا كۆچمەن گوللاندىيەلىكلەر بۇ يەردە يېرىم مۇستەقىل ھاكىمىيەت بولغان پىرىتورىيە ۋە ئورانجىدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1795-يىلى ئەنگلىيىلىكلەر كېپتائۇندا قۇرۇقلۇققا چىققان، شۇندىن باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقا گوللاندىيىلىكلەر بىلەن ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تالىشىشىدا قالغان مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ، ھەمىشە ئۇرۇش بولۇپ، يەرلىك نېگىرلار ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىنغان.  1866-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدا ئالماس بايقالغان، ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە ئالتۇن تېپىلغان، شۇندىن ئېتبارەن غەرب مۇستەملىكچىلىرى جەنۇبىي ئافرىقىغا ھەرىگە ئوخشاش يۇپۇرۇلۇپ كۆچۈپ كەلگەن،  1899-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە ئەنگلىيىلىكلەر بىلەن گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولغان بورلار ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىنى تالىشىپ، ئەنگلىيە -- بور ئۇرۇشى پارتىلىغان، ئەڭ ئاخىرى ئەنگلىيىلىكلەر غەلىبە قىلغان. 1910-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەنگلىيە شۇ جايدىكى تۆت شتات (كېپتائۇن، ناتال، ترانسىۋار ۋە ئوررانج) نى بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيىسىنى قۇرۇپ، ئەنگلىيىنىڭ «ئاپتونوم تەۋەلىكى» قىلغان. 1961-يىلى  5-ئاينىڭ  31-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا خەلق پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئەمما ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى داۋاملىق يۈرگۈزۈلگەن. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قارشىلىق ۋە بېسىم نەتىجىسىدە  1990-يىلى  2-ئايدا ھۆكۈمەت جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسى رەھبىرى، ئاتاقلىق خەلق ھوقۇقى پائالىيەتچىسى نېلسون ماندىلانى تۈرمىدىن ئازاد قىلغان، 1994-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئومۇمىي سايلامدا «مىللىي مەجلىس» غەلىبە قىلغان ھەمدە  300 يىللىق ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى بىكار قىلىنغان.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىجەنۇبى ئافرىقا ئافرىقا قىتئەسىىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىندى ئوكيانغا ئۆتۈش ئېغىزى، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى ئەڭ دەسلەپكى قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئاسىيادىن ياۋروپا، غەربى ئافرىقىدىن شەرقىي ئافرىقىغا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيالارغا قاتنايدىغان چوڭ تىپلىق پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك جەنۇبى ئافرىقىدا توختاپ ئۆتىدۇ. جەنۇبى ئافرىقا يەر شەكلى جەھەتتىن ئېگىزلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىغا نامبىيە قۇملۇقى جايلاشقان بولۇپ، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 150مىللىلېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. كىپتاۋىن ۋە ناتال ئەتراپلىرى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە، ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىگىزلىكلەر سۇپتىروپىك يايالاق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ بۇ ئافرىقا بويىچە ھاۋاسى ئەڭ مۆتىدىل، كىلىماتى مۇۋاپىق رايون ھېسابلىنىدۇ.

جەنۇبى ئافرىقىنىڭ پۇل بىرلىكى راند قىسقارتىلمىسى (ZAR)  بولۇپ 2005يىلى 6.35 راند = بىر دوللار، 2008-يىلى 8 راند بىر دوللار، 2009-يىلى 8.54 راند = بىر دوللار بولغان .

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نېگىرلار  %79 نى، ئاق تەنلىكلەر %9 نى، رەڭلىك ئىرقلار %9 نى، ئاسىيالىقلار  %2.5 نى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىسىنىڭ %23.8 ى زۇلۇ تىلىدا، %17.6 ى ئىسىخوسا تىلىدا ، %13.3 ى ئافرىكان تىلىدا(جەنۇبى ئافرىقا گوللاند تىلى)، %9.4 ى سېپېدى تىلىدا، %8.2 ى ئەنگىلىز تىلىدا، %8.2 ى سۋانا تىلىدا، %7.9 ى سوتو تىلىدا ، %4.4 ى سونگا تىلىدا سۆزلىشىدۇ. يۇقارقىلار بىلەن بىللە يەنە كىچىكرەك مىللەتلەردىن ئىسنېدېبلې، شىۋېندې، سىۋاتى قاتارلىق ئاھالىسى مىليوندىن ئاشىدىغان 11 مىللەتنىڭ تىلى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ باراۋەر دۆلەت تىلى ھىساپلىنىدۇ.

جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ئاھالىنىڭ %79 ى خىرىستان دىنىنىڭ ھەر قايسى مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ، %15 دىنغا ئىشەنمەيدۇ، ئاھالىنىڭ %4 ى ئىپىدائىي دىنلارغا، %2 ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

دۆلەت بايرىقى 

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي چىتىگە جايلاشقان جەنۇبىي ئافرىقا، تارىختىن بۇيان نىگېرلارنىڭ ماكانى ئىدى. 1994  - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئاز سانلىق ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان . يېڭى دۆلەت بايرىقى قارا، سېرىق ، يېشىل، ئاق، قىزىل ۋە كۆك قاتارلىق پان ئافرىقا رېڭى تۈرلۈك گېئومېتىرىيىلىك شەكىل ئارقىلق ۋۇجۇدقا كەلگەن. بايراق سېپى تەرەپكە گورىزونتال ھالەتتە يېشىل رەڭدىكى «Y » شەكىللىك نۇسخا بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا تارتىلغان. يېشىل بىر قارا ئۈچبۇلۇڭ سىزىلغان. رەڭنىڭ ئۈستى قىسمى بىلەن ئاستى قىسىمى سىممېترىيە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىزىل تراپتىسىيە بىلەن كۆك تراپېتىسىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قارا رەڭ بىلەن يېشىل رەڭنى سېرىق رەڭلىك تار بەلدەملەر ئايرىپ تۇرغان، بۇ ئۆزگىچە يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھەر خىل ئىرىق، ھەر خىل تەنلىك خەلقنىڭ بۇرۇنقىغا خاتىمە بېرىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىنى ئورتاق قۇرۇشتەك مىللىي يارشىش، ئىتتىپاقلىشىشى ۋە بىرلىشىش روھىنى ئىپادىلىگەن.

دۆلەت گېربى 

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىتارىخنىڭ كېلەچەككە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈن، جەنۇبىي ئافرىقا ئىلگىرىكى «جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتىسىيىسى» نىڭ قالقانسىمان دۆلەت گېربىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. قالقان ئوتتۇرىسىدىن تۆت بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، سول تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى ئاق كۆڭلەك كىيگەن «ئۈمىد ئىلاھى» ئۈمىد تۇمشۇقى ئۆلكىسىنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى بېغىررەڭ ئىككى ئافرىقا بۆكىنى ناتال ئۆلكىسىنى كۆرسەتكەن؛ سول تەرەپنىڭ ئاستىدىكى ماندارىن دەرىخى ئورېنج ئەركىن شىتاتىنىڭ سىمۋولدۇر؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئاستىدىكى يېشىل زېمىندا مېڭۋاتقان چېدىرلىق ھارۋا ترانسۋاالنىڭ بەلگىسىدۇر، قالقاننىڭ چوققىسىدىكى گوللاندىيە پارلامېنىتىنىڭ بەلگىسىدۇر؛ ئاستىدىكى يېشىل تاغنىڭ ئۈستىگە بىر ئاق لېنتا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۈستىگە لاتىنچە جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ دەستۇرى: «ئىتتىپاقلىق - كۈچ» دېگەن سۆز يېزىلغان.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىجەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقى ھىندى ئوكيان بىلەن، غەربى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ ، جەنۇب تەرىپى ئانتاركتىداغا قارىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، سۇۋەيش قانىلى قېزىلىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا شەرق تۈركىيەنىڭ قولىدا بولغاچقا  ياۋروپالىقلار مۇشۇ يول ئارقىلىقلا ئاسىيا، ئوكىئانىيە ۋە شەرقى ئافرىقىغا كېلەلەيتتى. ھازىرمۇ 200 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئوكيان پاراخوتلىرى ۋە چوڭ تىپلىق ماي پاراخوتلىرى جەنۇبى ئافرىقىدىن ئەگىپ ئۆتىدۇ.   سىتراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولۇشتىن 1866-يىلى بۇ زېمىندا ئالتۇن بىلەن ئالماس، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاق ئالتۇن، خىروم ۋە تۆمۈر كان بايقالغاندىن كېيىن جەنۇبى ئافرىقا ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ جەلپكار رايونغا ئايلانغان. ھازىر  جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئافرىقا قىتئەسىگە نىسبەتەن مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى ئەڭ يۇقىرى، دىموكراتىك تۈزۈلمىسى ئەڭ مۇكەممەل، شۇنداقلا ئۇل مۇئەسسە ئەسلىھەلىرى ئەڭ ياخشى ترانسپورت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئوتتۇرىھال كىرىملىك دۆلەت. تارىخى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن جەنۇبى ئافرىقىنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى باي-نامراتلىق پەرقى بىر قەدەر زور. جەنۇبى ئافرىقىنىڭ 2009-يىللىق ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 505 مىلىيارد، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 10 مىڭ 300 دوللار بولغان. 2009-يىلىدىكى ئىقتىسادى ئېشىشى %3 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. 

 ئاھالىنىڭ %9 يېزا ئىگىلىك بىلەن، %26 كان ۋە سانائەت بىلەن، %65 مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ %3 نى، كانچىلىق ۋە سانائەت %31 نى، مۇلازىمەت %66 نى ئىگەللەيدۇ. تاشقى سودىسىدا جۇڭگو، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيەلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

2010-يىلى 10 ئايدا  جەنۇبى ئافرىقىدا مۇقىم تېلفون 4 مىليون 425 مىڭ 800، كۆچمە تېلېفون 13545 مىليون مىڭ، ئىنېرنېت ئابونتى 4 مىليون 187 مىڭ بولغان.[0][1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#