كاسىنە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاسىنەكاسىنىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 100 ~ 50 سانتىمېتر كېلىدۇ؛ غولى تىك،
ئوتتۇرىسى كاۋاك، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى سوقىچاق تېمىنە شەكلىدە، گىرۋىكى رەتسىز، دولقۇنسىمان چىشلىق بولىدۇ، يوپۇرماقلىرى غولىنىڭ تۈۋىدىن باشلاپ شېخىنىڭ ئۇچىغىچە بارغانسېرى كىچىكلەپ، ئاخىرى يوقىلىدۇ؛ گۈلى قولتۇقىدىن ئۆسكەن بولۇپ،ھاۋا رەڭ كېلىدۇ.
پۈتۈن چۆپى
ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان تازىلاش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى پىشۇرۇش، قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئىششىق تارقىتىش، قان تازىلاش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش.
كاسىنە گۈلى ھايۋانلارغا ئوكۇل قىلىنسا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ. قايناتمىسى باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش، قورۇش تەسىرىگە ئىگە.
1. كاسىنە 12 گرامنى قاينىتىپ ئىچسە، سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر كېسلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. كاسىنە يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدە سەندەلنى سۈرۈپ پىشانىگە چاپسا، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
3. كۆك كاسىنىنى قائىدە بويىچە سىقىپ، بىر قانچە كۈن 30 مىللىلېتىردىن ئىچىپ بەرسە، تال، جىگەر ۋە ئاشقازان ياللۇغىنى قايتۇرىدۇ.
4. كاسىنىنى سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىچسە، ئاشقازانغا پايدا قىلىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەپ، سۈيدۈك يولىنى تازىلايدۇ.
يىغىش ۋە ساقلاش
بۇ ئۆسۈملۈك ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىنىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. ھۆل پېتى دورىغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.