سېربىيە

سېربىيە جۇمھۇرىيىتى

سېربىيە جۇمھۇرىيىتى (The Republic of Serbia) قىسقارتىلىپ سېربىيە دىيىلىدۇ.  سېربىيە زىمىنىنىڭ كوسوۋو ۋە سانجاكتىن باشقا رايونلىرى  ئاساسەن دوناي دەريا تۈزلەڭلىگىدىن شەكىللەنگەن.

ئۇيغۇرچە نامى سېربىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى سېربىيە 塞尔维亚
ۋاقىت رايونى شەرقىي 1 - رايون
دۆلەت تىلى سېرب تىلى
نوپۇسى 7 مىليون 100 مىڭ (2015-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塞尔维亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋرۇپا قىتئەسى
پايتەختى بېلگىراد
سىياسى تۈزۈلمىسى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
نوپۇس زىچلىقى 118.9\ كۋادرات كىلومېتر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېربىيە جۇمھۇرىيىتىسېربىيە جۇمھۇرىيىتى (The Republic of Serbia) قىسقارتىلىپ سېربىيە دىيىلىدۇ.  سېربىيە زىمىنىنىڭ كوسوۋو ۋە سانجاكتىن باشقا رايونلىرى  ئاساسەن دوناي دەريا تۈزلەڭلىگىدىن شەكىللەنگەن. جەمئىي سەككىز دۆلەت بىلەن قوشنا. بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي قىسمىدىكى ۋېنگرىيە 151 كىلومېتىر ئۇزۇن ئورتاق چېگراغا ئىگە؛ شەرقىي شىمال قىسمى بىلەن رۇمىنىيە بىر ‐ بىرى بىلەن باغلانغان ئورتاق چېگراسى 476 كىلومېتىر؛ شەرقىي قىسمى بۇلغارىيە بىلەن چىگىرلىنىدۇ، ئورتاق چېگرا 318 كىلومېتىر؛ شەرقىي جەنۇبى ۋە جەنۇبى قىسمى ئايرىم ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيە چېگرلىنىدۇ؛ غەربىي شىمالىي قىسمى كرودىيە بىلەن تۇتىشىپ تۇردۇ، ئورتاق چېگراسى 241 كىلومېتىر ؛ غەربىي قىسمى بىلەن قارا تاغلىقلار 211 كىلومېتىر ئۇزۇن ئورتاق چېگراسى بار. سېربىيەنىڭ غەربىي ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىدا ئۈستىگە جۇغراپىيىلىك ئورنى ئوتتۇرا ياۋروپا، شەرقىي ياۋروپا  ۋە ئوتتۇرا شەرق ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي كۆۋرۈك ۋە كېسىشمە يول ئېغىزىدا. سېربىيە ئەسلىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى دېڭىزغا تۇتاش جايلاشقان دۆلەت. سېرب تىلى دۆلەت تىلى. كوسوۋودا ئالبان تىلى، ۋويۋودىنادا ۋېنگىر، سىگان، سىلوۋاك، رومان، كىرودىيە تىللىرى ھۆكۈمەت تىلى.

زېمىنى: 88 مىڭ 361 كۋادرات كىلومېتىر (كوسوۋونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارمۇ شۇنداق). 

 دۆلەت بايرىمى: (1882-يىلى) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، سېربىيەنىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى.

ۋاقىت رايونى : (شەرقى1- ۋاقىت رايونى).

پايتەختىبېلگراد، ئاھالىسى  بىر مىليون 570 مىڭ.  

سېربىيە جۇمھۇرىيىتىسېربىيە  ئەسلىدە ئىلىرىيىلىكلەر (ئالبانلار) نىڭ ئانا ماكانى بولۇپ مىلادى 8-ئەسىردە شەرقى ياۋروپادىن كەلگەن سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىپتىدائى دىنلاردىن خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە مەزھىپىگە ئۆتكەن. مىلادى 10-ئەسىردە چاسلاۋ كىلونىمىروۋىچ (Caslav Klonimirovic)-نىڭ يېتەكچىلىكىدە  مۇستەقىل سېربلار پادىشاھلىقى قۇرۇلغان،  تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ بالقاننى بويسۇندۇرۇشىغا ئەگىشىپ 1389-يىلى كوسوۋو ئۇرۇشىدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى  سېرب نىمەنىيە  پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ بۇ رايوننى بويسۇندۇرۇپ بەش ئەسىرگە يەتكەن ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

1804-يىلى ۋە 1815-يىلىدىكى تۈركىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن مەلۇم ئاپتونومىيەگە ئېرىشكەن سېربىيە 1878-يىلى رۇسىيەنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ 1882-يىلى سېربىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەقىللىغىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى سېربىيە پەقەت 30 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىككىنە زىمىن بولۇپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن سېربىيە كېڭىيىپ تۈرك ئىمپىرىيىسىگە تەۋە كوسوۋو، سانجاك ۋە ماكىدونىيە قاتارلىق زىمىنلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھزادىسى سېرب مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشى، رۇسىيەنىڭ سېربىيەگە بولۇشۇپ ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن ياۋروپادا زەنجىرسىمان ئۇرۇش كۆتۈرۈلۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن سېربىيە زىمىنى دەسلەپتە ئاۋسترىيە-ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1918-يىلى ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن سېربىيە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ شۇ چاغدا مودا بولغان پان سىلاۋيانىزىم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت قاراتاغ (مونتېنېگرو) يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن ۋويۋودىنا، بوسنىيە ۋە يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان كرودىيە، سىلوۋېنىيەلەر بىلەن بىرلىكتە يۇگۇسلاۋىيە (جەنۇبى سىلاۋيان مەنىسىدە) بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۇگۇسلاۋىيە گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، ئىتالىيەنىڭ ئۈچ تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ۋويۋودىنا ۋېنگىرىيەگە، كوسوۋو ئالبانىيەگە قوشۇۋېلىنغان، پادىشاھلىقنىڭ قالدى زىمىنى گېرمانىيە يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق كىرودىيەنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىرودىيە مىللى قەھرىمانى تىتونىڭ ئىچكى جەھەتتىن گېرمانىيەلىكلەرگە قارسى تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقىغا ماسلىشىشى ، سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن سېربىيە، كىرودىيە، بوسنىيە، سىلوۋونىيە، مونتېنېگرو، ماكىدونىيە دىن تەشكىل تاپقان يۇگۇسلاۋىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتىپاقى قۇرۇلۇپ سېربىيە تارىختىن بۇيانقى زىمىنى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۈچلۈك ھالغا كەلگەن. 

1980-يىلى تىتو ئۆلگەندىن  كېيىن مىللى مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

1990-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ يۇگۇسلاۋىيەگە سىىرتتىن بېرىلىدىغان ھەربى ۋە دىپلوماتىيە ئۈمىدى ئۈزۈلگەندىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدىكى سىلوۋونىيە، كىرودىيە قاتارلىق بىر قەدەر باي دۆلەتلەر مۇستەقىللىق جاكارلىدى. بوسنىيە ۋە ماكىدونىيەنىڭ مۇستەقىللىقى سېربىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي ، ياۋروپا ئىتىپاقى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى.

2003-يىلىغا كەلگەندە يۇگۇسلاۋىيە دىگەن تارىخى نام يوقاپ سېربىيە بىلەن مونتېنېگرو بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەردى.

2006-يىلى مونتېنېگرو مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن دۆلەت نامى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەردى . نۆۋەتتە ئالبانلار ئولتۇراقلاشقان كوسوۋو نىڭ مۇستەقىللىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى، ۋېنگىرلار ئولتۇراقلاشقان ۋويۋودىنا ۋە بوسنىيىلىكلەر ئولتۇراقلاشقان سانجاك رايونى مەسىلىسىمۇ سېربىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.

سېربىيە جۇمھۇرىيىتىسېربىيە ياۋروپا بالقان يېرىم ئارىلى مەركەز قىلغان كۆلىمى 88 مىڭ 361 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . سېربىيە جەمئىي سەككىز دۆلەت بىلەن قوشنا. بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي قىسمىدىكى ۋېنگرىيە 151 كىلومېتىر ئۇزۇن ئورتاق چېگراغا ئىگە ؛ شەرقىي شىمال قىسمى بىلەن رۇمىنىيە بىر ‐ بىرى بىلەن باغلانغان ئورتاق چېگراسى 476 كىلومېتىر؛ شەرقىي قىسمى بۇلغارىيە بىلەن چىگىرلىنىدۇ، ئورتاق چېگرا 318 كىلومېتىر ؛ شەرقىي جەنۇبى ۋە جەنۇبى قىسمى ئايرىم ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيە چېگرلىنىدۇ؛ غەربىي شىمالىي قىسمى كرودىيە بىلەن تۇتىشىپ تۇردۇ، ئورتاق چېگراسى 241 كىلومېتىر ؛ غەربىي قىسمى بىلەن قارا تاغلىقلار 211 كىلومېتىر ئۇزۇن ئورتاق چېگراسى بار . سېربىيەنىڭ غەربىي ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىدا ئۈستىگە جۇغراپىيىلىك ئورنى ئوتتۇرا ياۋروپا، شەرقىي ياۋروپا  ۋە ئوتتۇرا شەرق ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي كۆۋرۈك ۋە كېسىشمە يول ئېغىزىدا . سېربىيە ئەسلىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى دېڭىزغا تۇتاش جايلاشقان دۆلەت.

سېربىيە مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ. قىش پەسلىدە سوغوق،ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 550 - 750 مىللىمېتىر .  ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق مۆتىدىل بەلباغقا تەۋە بولۇپ، %45 ئورمانلىق. %35 تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان  بايلىقى مول . سېربىيەدە ئاھالىنىڭ %16 دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنۇپۇسى: سېربىيەنىڭ 2015-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى 7 مىليون 100 مىڭ . ئاھالىنىڭ %82 نى سېربلار، %4 نى ۋېنگىرلار(ئاساسەن ۋويۋودىنا ئاپتونۇم ئۆلكىسىگە ئولتۇراقلاشقان)، %1.5 نى سىگانلار، %2 نى بوسنىيىلىكلەر (ئاساسەن سانجاك رايونىغا ئولتۇراقلاشقان)، %1 نى قاراتاغلىقلار (مونتېنېگرولار) ئىگەللەيدۇ.

دىنى : سېربىيە ئاھالىسىنىڭ %85 ى پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، %6 كاتولىك دىنىغا، %4 ئىسلام دىنىغا، %1 ى پروتېستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ.

سېربىيەنىڭ پۇلى دىنار. سېربىيە دىنارى دۇنيادىكى قىممىتى ئەڭ مۇقىمسىز پۇل، 2006-يىلى مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىقىدىن كېيىنكى قىممىتى بىر قەدەر مۇقىملىشىپ 58.6925 دىنار = بىر دوللار بولغان.

سېربىيە جۇمھۇرىيىتىسېربىيە مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن ئەڭ تەرەققى قىلغان سوتسىيالىستىك مەملىكەت ھىساپلىناتتى، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى سېربىيە ئىقتىسادى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران بولغان ئىدى. 2005-يىلىدىن كېيىن ئىمبارگونىڭ پەيدىنپەي ئەمەلدىن قېلىشى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تەرتىپكە چۈشتى. 

2006-يىلى سېربىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 19 مىليارد 190 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4 مىڭ 400 دوللار توغرا كەلگەن. سېربىيەنىڭ 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %6 بولغان.

2006-يىلى سېربىيەنىڭ  ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى %30، سانائەت %46، مۇلازىمەت %24 نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2007-يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى2 مىليون 800 مىڭ، يانفون ئابونتى 5 مىليون 110 مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت ئابونتى 1 مىليون 200 مىڭ بولغان (كوسوۋونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).[1][0]


The Republic of Serbia

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-846

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#