سېرىس

بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سېرىسقا ئۇرۇقداش، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى، غۇنچىسى ۋە يېڭى ئېچىلغان گۈلى قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق بېرىش، تىنچلاندۇرۇش، پەي ۋە سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى سېرىس
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 合欢
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېرىسبۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سېرىسقا ئۇرۇقداش، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت - بەش مېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى قايتىلانغان جۈپ سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقچىلىرىنىڭ شەكلى پىچاقسىمان بولىدۇ، سېپى بولمايدۇ، كۈندۈزى يېيىلىپ، كېچىسى يىغىلىۋالىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۆگزىسىمان تىزىلغان بولۇپ، يېڭى شاخنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئاتىلىق گۈل يىپى ئىنچىكە ئۇزۇن، ھال رەڭلىك بولىدۇ. قاسراقلىق مېۋىسى مۈڭگۈزسىمان، شەكلى ياپىلاق ھەم نېپىز، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقى، غۇنچىسى ۋە يېڭى ئېچىلغان گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقىنى دەرەخ كەسكەندە ياكى دەرەخ شېخىنى پۇتىغاندا سويۇۋېلىپ، كەسلەپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ گۈلى تېخى ئېچىلمىغاندا غۇنچىسىنى، ئېچىلغاندا گۈلى يىغىۋېلىنىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ جەنۇبىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق بېرىش، تىنچلاندۇرۇش، پەي ۋە سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ سېرىس قوۋزىقى 8 ~ 16 گرام، سېرىس گۈل غۇنچىسى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

20 گرام سېرىس قوۋزىقىنى سەككىز گرام ئاق چۇغلۇق، 20 گرام لۇڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام سېرىس گۈل غۇنچىسىنى 10 گرام ئاق چۇغلۇق، 20 گرام لۇڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام سېرىس قوۋزىقىنى 10 گرام ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى، 20 گرام تەكىيە كاۋا مېغىزى، 12 گرام شاپتۇل مېغىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام سېرىس قوۋزىقىنى 35 گرام ئاق چۇغلۇق، تۆت گرام سىر بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىم ئىككى گرامدىن ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش ۋە باش قېيىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام سېرىس گۈلىنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سېرىس قوۋزىقىدىن 70 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرام تالقاننى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يېقىلىپ-ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام سېرىس قوۋزىقىنى 35 گرام ئۇچقات، 20 گرام قىزىل چۇغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل چاقا ۋە جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#