قىرىم تاتارلىرى

قىرىم تاتارلىرى ئەسلىدە قىرىم يېرىم ئارىلىدا تۇرىدىغان تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان مىللەت، قىرىم خانلىقى دەۋرىدە تۈرك-موڭغۇل گۇرۇپپىسى ئىدى، ئۇلار قىرىم تاتار تىلى، رۇس تىلى ۋە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ، قايسى تىلدا سۆزلىشىشى مۇھىتقا باغلىق.

ئۇيغۇرچە نامى قىرىم تاتارلىرى
نوپۇسى 6 مىليون 500 مىڭ
مىللىتى تۈركىي مىللەتلەر
خەنزۇچە نامى 克里米亚鞑靼人
چەتئەلچە نامى Crimea Tatar
دىنى ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىرىم تاتارلىرى ئەسلىدە قىرىم يېرىم ئارىلىدا تۇرىدىغان تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان مىللەت، قىرىم خانلىقى دەۋرىدە تۈرك-موڭغۇل گۇرۇپپىسى ئىدى، ئۇلار قىرىم تاتار تىلى، رۇس تىلى ۋە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ، قايسى تىلدا سۆزلىشىشى مۇھىتقا باغلىق. ئاممىۋى ئىشلار ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا رۇس تىلى ئىشلىتىدۇ، تۈرك قان سىستېمىسىدىن بولغان تاتارلار تۈرك تىلى ئىشلىتىدۇ، ئۇكرائىنالىقلار كۆپ جايدىكىلەر ئۇكران تىلى ئىشلىتىدۇ.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ 2001-يىلدىكى دوكلاتىدا 248 مىڭ 200 قىرىم تاتارى بارلىقى دېيىلدى. بۇنىڭدا 243 مىڭ 400 ئادەم قىرىمدا، 1800 قىرىم تاتارى سېۋاستىپولدا ئولتۇراقلاشقان.

2012-يىلغىچە، ئۇكرائىنادا تەخمىنەن 500 مىڭ مۇسۇلمان بولۇپ، بۇنىڭ تەخمىنەن 300 مىڭى قىرىم تاتارلىرى. تەخمىنەن 150 مىڭ قىرىم تاتارى ئوتتۇرا ئاسىيادا سۈرگۈندە بولۇپ، ئاساسلىقى ئۆزبېكىستاندا. تۈركىيە ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ سانى 150 مىڭ، بەزى يۇقىرى مۆلچەرلەردە 6 مىليون دېيىلىدۇ. ئاساسلىقى ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشقان.

قىرىم تاتارلىرى ئاساسلىقى قىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەڭ بۇرۇنقى قىرىم يېرىم ئارىلى ئاھالىسى بولغان كېلتلارنى تاپقىلى بولىدۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىردە سىكىزايلار ئۇلارنى قوغلاپ چىقارغان، پەقەت تاغلىق رايوندا يەنە ئاز ساندا كېلتلار بار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە گرېكلەر دېڭىز قىرغىقىدا مۇستەملىكە قۇرۇشقا باشلىغان.

تاتار دىگەن ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپ 5-ئەسىردە مۇڭغۇلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى كۆچمەن چارۋىچى تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.بۇلار كۇمانلار (kumans) ياكى قىپچاقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جوڭگوچە ئاتىلىشى دادا (Dada) بولۇپ، تاڭ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرلىردا كۆرۈلگەن مەخسوس شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ. باشقىچە ئاتىلىشى دادان (dadan)، تاتان(tatan) .

13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەرخىل كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر چىڭگىزخاننىڭ قوشونىغا قوشۇلدى،بۇنىڭ بىلەن تۈركىي قەبىلىلەر ۋە مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئارىسىدا يۇغۇرلۇش يۈز بەرگەن ھەمدە ھونگىرىيە ۋە رۇس قاتارلىق جايلارغا تاجاۋۇز قىلغانلارنى ياۋرۇپالىقلار تاتارلار دەپ ئاتىغان. مۇڭغۇل ئېمپىرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، تاتارلار ئاساسلىقى بولۇپمۇ ئېمپىرىيىنىڭ غەربىدىكى-ھازىرقى روسىيىنىڭ ياۋرۇپا قىسىمى-ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خەلىقلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

قىرىم تاتارلىرىنى سىكىزاي، گرېكلار، گوتلار، شەرقىي سىلاۋىيانلار، چېركىسلاربىلەن تۈركلەر، بولۇپمۇ ھون، ھازارلار ۋە قىپچاقلارنىڭ يۇغۇرۇلىشىدىن شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدۇ، ھەم پانتۈركىزىمنى ئەڭ بۇرۇن تەشۋىق قىلغان مىللەت. ئۇلار ۋولگا تاتارلىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرىدە مۇسۇلمان بولغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 438-يىلى بۇ جايدا بوسپوران خانلىقى (Bosporan Kingdom) قۇرۇلغان، بۇ دۆلەت بىلەن ئافىنانىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئافىناغا بۇغداي ۋە باشقا ئەشيالارنى تەمىنلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 15-يىلى، قىرىم يېرىم ئارىلى دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەت ۋە شەھەرلەر رىم ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى دۆلەتلەر بولۇپ قالغان.

كېيىن قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئىشغال قىلىپ كەلدى: 250-يىلى گوتلار، 376-يىلى ھونلار، 8-ئەسىردە ھازارلار، 1016-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، 1050-يىلى قىپچاقلار، 1237-يىلى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.

13-ئەسىردە ئىتالىيەنىڭ سودا شەھىرى گېنويە ئۆزىنىڭ رەقىبى ۋېنىتسىيەنى قىرىم يېرىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقاردى ھەمدە يېرىم

ئارالنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا كۆپلەپ شەھەر بىنا قىلدى. بۇ گۈللەنگەن سودا شەھەرلىرى تاكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلغانغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 

ئاممىۋى ئىشلار ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا رۇس تىلى ئىشلىتىدۇ، تۈرك قان سىستېمىسىدىن بولغان تاتارلار تۈرك تىلى ئىشلىتىدۇ، ئۇكرائىنالىقلار كۆپ جايدىكىلەر ئۇكران تىلى ئىشلىتىدۇ.

قىرىم تاتارلىرى ئۈچ كىچىك ئېتىنىك بىرلىكلەرگە بۆلىنىدۇ:

بىرىنچى، 1944-يىلدىن بۇرۇن قىرىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ياشايدىغان تاتلار (%55 ئەتراپىدا)؛  

ئىككىنچى، قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىرغاقلىرىدا ياشايدىغان يالىبويۇ (the Yaliboyus)لار (%30 ئەتراپىدا)؛  

ئۈچىنچى، نوغايلار-قىرىم يايلاقلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئاھالىلىرى.

يالىبويۇلار ۋە تاتلار كاۋكازچە ئاق تەنلىك، نوگايلاردا بەزىلىرىدە موڭغۇلچە ئالاھىدىلىكلەر ساقلانغان.

تاتارلار يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى. ئالتۇن ئوردا خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ بىر ئەۋلادى خانلىق قۇردى. ئەڭ دەسلەپ قىرىمنى باشقۇرغىنى تۇقا تېمۇر، ئۇ باتۇ خاننىڭ ئىنىسى. 1430-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەۋلادى ھاجى گىراي رەسىمىي دۆلەت قۇردى. ئۇ ساداقەتمەن مۇسۇلمان، شۇڭا خانلىقنىڭ كۈچلۈك ئىسلام پۇرىقى بار. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوغلى بىلەن ئالتىنچى ئوغلى مەڭلى گىراي تەخت تالاشتى، كېيىن مەڭلى گىراي غەلبە قىلدى. 1468-يىلى ئۇ كاففانى زىيارەت قىلدى، بىرلا ۋاقىتتا ئوسمان ئىمپېرىيىسى كاففانى تارتىۋېلىشقا ئەۋەتتى. تۈركلەر 1475-يىلى مەڭلى گىراينى قاماققا ئالدى، ئەمما تۈركلەر قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىكىگە ھۆرمەت قىلدى، ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، سۇلتاننىڭ ۋاسسال بەگلىكى بولدى. سۇلتان يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، قىرىم خانى يېرىم ئارالنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە شىمالىدىكى يايلاقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۆزىنىڭ پۇلىنى تارقاتتى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە بولۇپ، تۈرك ئىمپېرىيەسى ھەر قېتىم ئۇرۇش قىلغاندا تاتارلار ياردەم بېرىپ كەلگەن. 1502-يىلى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەلتۆكۈس يىمىرىلگەندىن كېيىن، قىرىم ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدى.

تاتارلار بىلەن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئەجدادلىرى موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن كەلگەن، ئۇرۇشتا ئكز ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولىدىغان ئىتتىپاقداشلار. تۈركلەرنىڭ ئۆتكۈچ قىلىچىنىڭ ھىمايىسىدە، قىرىم تاتارلىرى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۆت ئەتراپتىكى قوشنىلىرىغا ئۇرۇش قوزغاپ كەلدى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە پولشانىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى ھەمدە يەرلىك نوپۇسنى بۇلاپ، ئۇلارنى قۇل قىلىپ ساتتى.

16-ئەسىردىن كېيىن، رۇسىيە پەيدىنپەي كۈچىيىپ، باشقا ئۈچ خانلىقنى بوي سۇندۇردى، رۇسىيەگە باش ئېگىشنى خالىمىغان قىرىم خانلىقى تۈركلەرگە بېقىندى بولۇپ، چاررۇسىيە بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلدى.

رۇسىيە 1783-يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۆزىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتىزار بولغان قارا دېڭىزغا چىقىش پورتىغا ئېرىشتى. قىرىم تاتارلىرى رۇسىيە تورىدا ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا قوشۇۋېتىلدى. 1918-يىلى تورىدا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەنىڭ ئەزاسى بولدى. 1921-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق قىرىم تاتار سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىتى قۇرۇلدى.

ئەمما تاتارلار ئەزەلدىن ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرگەن ئەمەس، ئۇلار ھەر ۋاقىت رۇسىيەنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ، قىرىم يېرىم ئارىلىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈشنى ئويلاپ كەلدى. شۇڭا ھەر قېتىم قىرىمدا ئۇرۇش پارتلىسا، كۆپ قىسىم تاتار ئاممىسى رۇسىيەنىڭ دۈشمىنىگە بولۇشتى. مەيلى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىكى قىرىم ئۇرۇشى بولسۇن، ياكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىنكى سوۋېت رۇسسىيەسى ئىچكى ئۇرۇشىدا بولسۇن، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە قانلىق ئۇرۇش يېتىپ كەلگەندە، قىرىم تاتارلىرى ھەمىشە تۇغ كۆتۈرۈپ قوزغىلىپ، ئۆتكۈر قىلىچىنى رۇسىيەنىڭ دۈمبىسىگە سانجىپ كەلدى. قىرىم تاتارلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆچمەنلىكى شۇنچىلىك چوڭقۇر بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ، نۇرغۇن تاتارلار قىلچە ئىككىلەنمەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەقىبى گېرمانىيە تەرەپتە تۇردى.

1941-يىلى، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى مەملىكەت مىقياسىدا ئۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلدى، 20 مىڭغا يېقىن تاتار ياشلىرى قىزىل ئارمىيەگە قوشۇلدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتىنىڭ ھۆججىتىدە دېيىلىشىچە، بۇ تاتار ياشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گېرمانىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغاندا، كۆپ قىسىم كەنت ئاممىسى گېرمانلارنى قارشى ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان. كەنت ئاممىسى ئۈزۈم، مېۋە ۋە ھاراق قاتارلىق ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىنى گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بەرگەن. تاتارلار ھەقىقەتەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزىنىڭ قۇتقازغۇچىسى دەپ قارىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىرىمدا ئىسلام كومىتېتى قۇرۇلدى. بۇ ئاساستا يەنە سىمفېروپولدا تاتار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى.

ئۇرۇشتىن كېيىن، سىتالىن قىرىم تاتارلىرىنى گېرمانىيە بىلەن تىل بىرىكتۈردى دېگەننى باھانە قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلدى، سۈرگۈن بولغان تەخمىنەن %46  ئادەم ئاچلىق ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. كۆپ قىسىمى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت ۋە سەمەرقەنت رايونىدا ئورۇنلاشتى. مۇھىتقا ماسلىشالمىغانلىقى سەۋەبلىك، 1944-يىلدىن 1948-يىلغىچە، ئۆزبېكىستانغا بارغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ %29.6 تى ئۆلۈپ كەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، قىرىم تاتارلىرى زېمىنىغا قايتىدىن ئاياغ باستى، ئەمما ئۇلارنىڭ زېمىنى رۇسلار ۋە ئۇكرانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، قىرىم تاتارلىرى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرلىدى.

1954-يىلى، خېرۇششېۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قارار ماقۇللاپ، قىرىمنى ئۇكرائىناغا بۆلۈپ بەردى. 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، قىرىم يېرىم ئارىلى مۇستەقىللىق جاكارلىدى، كېيىن ئۇكرائىنانىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇشنى قارار قىلدى. قىرىم تاتارلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، باشقا مىللەتلەر تاتارلارنىڭ زېمىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، بۈگۈنكى قىرىم تاتارلارنىڭ قىرىمى بولماي قالدى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.sogou.com/v8007379.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#