خوتەن ئۇيغۇر تىبابىتى

خوتەن ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن دورا ياسالمىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نەچچە مىڭ خىلغا بارىدۇ. لېكىن بۇلار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ھەر قايسى جايلاردا تېۋىپ، دورىگەرلەر تەرىپىدىن ئۇدۇللۇق ياسىلىپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى خوتەن ئۇيغۇر تىبابىتى
خەنزۇچە نامى 和田维吾尔医

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن دورا ياسالمىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نەچچە مىڭ خىلغا بارىدۇ. لېكىن بۇلار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ھەر قايسى جايلاردا تېۋىپ، دورىگەرلەر تەرىپىدىن ئۇدۇللۇق ياسىلىپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، خوتەننىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلار، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە «شىنۋى» دورا زاۋۇتى بارلىققا كەلدى.

ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قۇرسى خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، سەرپىستان جەۋھىرى، ھەببى لوبۇبى كەبىر، قۇرسى ئىمساك قاتارلىق تۆت خىل دورىغا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى دورا زاۋۇتى شەربىتى ئەبرىشىم ئىچىملىكىگە دۆلەت دورا تەستىق نومۇرى ئېلىپ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دورا بازارلىرىغا كىرگۈزدى.

خوتەن ۋىلايىتىدە ھازىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىن 10 ى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىردىن دوراياساش ئىشخانىسى بار. بۇ دورا ياساش ئىشخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ھەر خىل دورا ياسالمىلىرى 860 خىلغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ دورا ياساش بۆلۈمى 105 خىل دورا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاشتا ھەر بىر بىمارنىڭ خىلىت ۋە مىزاج ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم دورا تەييارلاپ داۋالاشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرىدا ھېلىھەم ئەينەن داۋام قىلماقتا.

ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى توپ تارقىتىش كارخانىسىدىن ئۈچى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى پارچە سېتىش مەخسۇس دوكىنىدىن 180ى بار بولۇپ، ئۇلار خوتەننىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرى ۋە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى پارچە سېتىش كارخانا (دۇكان) لىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە، مەملىكەت بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم دورىلار سۈپىتىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ۋە شىپالىق ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ئەھۋالىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان يەككە (خام) دورا ئەشيالىرى چىقىش مەنبىئىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئۆسۈملۈك دورا ئەشيالىرى، ھايۋانىي دورا ئەشيالىرى ۋە مېنېرال دورا ئەشيالىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىدىغان يەككە دورا ئەشيالىرى ۋە بۇلارنى خۇرۇچ قىلىپ ياسىلىدىغان دورا تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 2000 خىلدىن ئاشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىر خوتەننىڭ ئۇيغۇر تېبابەت يەككە دورا ئەشيالىرى بازىرىدا ئوبوروت قىلىنىۋاتقان يەككە دورا ئەشيالىرى 1400 خىل ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلاردىن خوتەندە تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان دورا ئەشيالىرى 136 خىلغا، ياۋايى ھالەتتە ئۆسىدىغان دورا ئەشيالىرى 600 خىلغا، بازاردا ئوبوروت قىلىنىدىغانلىرى تۆت - بەش يۈز خىلغا بارىدىكەن.

ھازىر خوتەندە شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تېبابەت خام دورا بازىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تېبابەت داۋالاش ئورۇنلىرى ۋە دورا زاۋۇتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىماقتا. كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان خام دورىلار مىڭ خىل ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ %40 ى خوتەندىن چىقىدۇ.

2010 - يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە توشقان زەدىكى، قىزىلگۈل ئاساس قىلىنغان دورا ئەشيالىرى تېرىلغۇ كۆلىمى 185 مىڭ 156 موغا يەتتى.

خوتەن تەۋەسىدىكى تاغلار ۋە يايلاقلاردا نەچچە يۈز خىل ياۋايى ئوت- چۆپلەر ئۆسىدۇ. بۇلار ئىچىدە بابۇنە، بىنەپشە، پىرسىياۋشان، گۈلقەقە قاتارلىق دورا ئەشياسى ھېسابلىنىدىغان ئوت - چۆپلەر نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ. خوتەن يېزىلىرىدىكى ئېتىزلىقلاردا ئىت ئۈزۈمى، ئىت ياڭىقى، شاتارى (يەر باغرى)، ئوغرىتىكەن قاتارلىق نۇرغۇن دورا ئۆسۈملۈكلىرى ياۋايى ھالەتتە ئۆسىدۇ. خەلق ئىچىدە بىر قىسىم سەييارە دورا يىغقۇچىلار بولۇپ، ئۇلار دېھقان - چارۋىچىلار يىغىپ تەييارلىغان دورا ئەشيالىرىنى پارچە سېتىۋېلىپ، دورا شىركەتلىرى ياكى دورىۋالچىلارغا توپ سېتىپ بېرىدۇ.

خوتەندە كەڭ تارقالغان ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ۋە تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن يىغىۋېلىنىدىغان دورا ماتېرىياللىرى ئىچىدە مەھسۇلات مىقدارى كۆپ بولغانلىرى ئۈرۈك مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى، ياڭاق، بادام، توشقان زەدىكى، قىزىلگۈل، چۈچۈك بۇيا يىلتىزى، بابۇنە، ئارپا بەدىيان، زىرە، سىيادان قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار كۆپ مىقداردا سىرتقا سېتىلىپ، باشقا جايلارنىڭ دورا ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.

خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇزېيى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قارىمىقىدىكى مۇزېي بولۇپ، 2010 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. ئۇ، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ 6 - قەۋىتىدىكى بىر چوڭ زالغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 700 كۇۋادىراتمېتىر كېلىدۇ. مۇزېيى جەمئىي ئالتە بۆلۈم، 14 قىسىمدىن تەركىب تاپقان.

1 - بۆلۈم «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تارىخى» بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ مەنبىئى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، ئۇيغۇر تېبابەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىش دەۋرى قاتارلىق تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن؛ 2 - بۆلۈم «ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك ئىلمى» بولۇپ، خام دورىلار ۋە پىششىق دورىلار ئايرىم-ئايرىم ئەۋرىشكىلەر ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلغان. 3 - بۆلۈم «ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئوزۇن ئۆمۈر رايونى» بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن خوتەننىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر رايونى بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى زىچ باغلىنىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 4 - بۆلۈم «مەشھۇر ئۇيغۇر تېبابەت ئالىملىرى» بولۇپ، غازىباي دەۋرىدىن يېقىنقى دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىققا كەلگەن 19 نەپەر مەشھۇر ئۇيغۇر تېبابەت ئالىمى تونۇشتۇرۇلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىزما سۈرىتى (يېقىنقى دەۋرىدىكى 3 نەپەر ئالىمنىڭ فوتو سۈرىتى) كۆرگەزمىگە قويۇلغان. 5- بۆلۈم «ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىي» بولۇپ، «ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى ۋە نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى»، «ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ئالاھىدىلىكى»، «ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇرەككەپ دورىلار تەلىماتى»، «ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرى»، «ئۇيغۇر تېبابەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىش دەۋرى» قاتارلىق بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن. 6 - بۆلۈم «تەرەققىي قىلىۋاتقان خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى» بولۇپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ 55 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى، ئاساسىي ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

مەزكۇر مۇزېيىغا ئۇيغۇر تېبابىتىگە دائىر تارىخىي ماتېرىياللار، يەككە ۋە پىششىق دورا ئەۋرىشكىلىرى، دورىگەرلىك ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن ماددىي بۇيۇملاردىن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كۆرگەزمە بۇيۇمى قويۇلغان. ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان كىلاسسىك تېببىي ئەسەر 100 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان «سۇراھ لۇغىتى» قاتارلىق 10 نەچچە پارچە قىممەتلىك ۋەسىيقىلەر، شۇنىڭدەك يېڭىدا نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم تېببىي ئەسەرلەر كۆرگەزمىنى تېخىمۇ جەلىپكارلىققا ئىگە قىلغان.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، خوتەن مۇزېيىدا «قاۋانىل ئىلاج»، «تېبابەت كىتابى»، «دەستۇرۇلئىلاج»، «رىسالەئى ھېكمەت»، «قارابادىن قادىرى» قاتارلىق 10 پارچە كىلاسسىك تېببىي كىتاب كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، پارىسچە، تۈركچە، ئەرەبچە تىل - يېزىقلاردا يېزىلغان.

ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان «شىپاھىلقۇلۇپ» قاتارلىق بەش پارچە قەدىمكى تېبابەت ئەسەرلىرى ساقلانماقتا.

يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ھازىر خوتەندىكى مۇزېي ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر 180 پارچىدىن ئاشىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#