قاقىلە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاقىلەقاقىلە بولسا زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 3 ~ 2 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئۆسۈملۈك ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ بىر ىلى چوڭراق كېلىدۇ. بۇ ئادەتتە «چوڭ قاقىلە» دېيىلىدۇ، يەنە بىرى كىچىكرەك كېلىدۇ. بۇ «كىچىك قاقىلە» دېيىلىدۇ)، چوڭ قاقىلىنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مېۋىسى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «قاقىلە»، «قاقىلە» نامىدا دورىغا ئشلىتىلىدۇ.10-11- ئايلاردا مېۋىسى قىزىرىپ پىشقاندا يېغۋىلىنىدۇ.ئېلىمىزنىڭ يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ھەمدە ھىندىستان، نېپال قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
ئاشقازان، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، تاماق سىڭدۈرۈش، كېكىرتىش، قورساقتىكى يەلنى تارقىتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش.
قاقىلە تەركىبىدە %3 ئەتراپىدا ئۇچۇچان ماي بار، ئۇندىن باشقا كراخمال، ماي قاتارلىقلار بار.
قاقىلە1. قاقىلەنى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان بىلەن قورۇپ شېكەر بىلەن سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
2. قاقىلەنى خولىنجان بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، سۇپۇپىنى چىش مىلىكىگە سەپسە، چىش مىلىكى بوشاش، ئېغىز ئىچى مۈدۈر چاقىلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. قاقىلە، لاچىندانە ھىندى، گۈل دارچىن، بەدىيان 10 گرامدىن، پىننە 7 گرام قائىدە بويىچە چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلاپ، يەل ھەيدەيدۇ.
سىفۇفى قاقىلە
ئاشقازان، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى، ھەزىم ناچارلىقى، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.