يىلان چېقىۋېلىش كېسلى

يىلان چېقىۋېلىش كېسلى

زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش سەۋەبلىك يەرلىك ئورۇندىكى بەدەن تېرىسىدە ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە ئومۇمىي بەدەن زەھەرلىنىشلىك ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدىغان ئۆتكۈر تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

غەرب تېبابىتى نامى يىلان چېقىۋېلىش
خەنزۇچە نامى 蛇咬伤

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىلان چېقىۋېلىشزەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش سەۋەبلىك يەرلىك ئورۇندىكى بەدەن تېرىسىدە ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە ئومۇمىي بەدەن زەھەرلىنىشلىك ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدىغان ئۆتكۈر تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

ئۇ زەھەرلەش مېخانىزمىغا ئاساسەن نېرۋا زەھىرى؛ قان ئايلىنىشتىكى زەھەر؛ ئارىلاش زەھەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

نېرۋا زەھىرى

نېرۋا زەھىرى ئاساسەن سۇ يىلان ئائىلىسى بىلەن كۆزەينەكلىك يىلان ئائىلىسىدىكى يىلانلاردا بولۇپ ئاساسلىقى ئاق ھالقىلىق يىلان، سېرىق ھالقىلىق يىلان ۋە سۇ يىلىنى چېقىۋالغاندىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق كېسەل قوزغاش تەسىرى ئورگانىزمدا نېرۋا مۇسكۇلىنى توسۇش تەسىرىنى ھاسىل قىلىپ، سۆڭەك مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى پالەچلەندۈرۈپ، كۈندىلەڭ مۇسكۇلىنى بوشاشتۇرۇپ پالەچلەندۈرىدۇ. باش، بويۇن مۇسكۇللىرىدىن تەدرىجىي كۆكرەك قوۋۇرغا ئارىلىق دىئافراگما مۇسكۇللىرىغا تەرەققىي قىلىپ، كۆكرەك قەپىسىنىڭ پائالىيىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ ئەتراپ نەپەسلىنىشنى پالەچلەندۈرىدۇ. ئادەتتە يىلان چېقىپ 3~1 سائەتتە باش قېيىش، پۇت − قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، شۆلگەي ئېقىش، كۆرۈش غۇۋالىشىش، قاپاق ساڭگىلاش، ئاۋازى پۈتۈش، سۆزلىرى ئېنىق بولماسلىق، يۇتۇش قىيىنلىشىش، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، بوينى قېتىپ قېلىش، چىشلىرى كىرىشىپ قېلىشلار كۆرۈلۈپ، ئېغىرلىرىنىڭ نەپەسلىنىشى زەئىپلىشىپ، ھۇشسىزلىنىدۇ. ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەمما يىلان چېقىپ زەخىملەنگەن جاي يېنىك دەرىجىدە قولىشىدۇ. چاققان چىشنىڭ ئورنى كىچىك بولۇپ سىرغىما سۇيۇقلۇقلار بولمايدۇ.

قان ئايلىنىشتىكى زەھەر

بۇ ئاساسەن چار يىلان، چىپار يىلان، يېشىل يىلانلاردا بولىدۇ. چاققان يەر قاتتىق ئاغرىپ، روشەن ھالدا چىڭقىلىدۇ ھەمدە ئالامەتلەر پۇت − قوللارنىڭ يېقىن ئۇچلىرىغا دەرھال كېڭىيىدۇ. يەرلىك ئورۇن كەڭ دائىرىدە كۆكىرىپ، قىزىرىپ ئىششىيدۇ ۋە چىرىيدۇ ھەمدە ئېرىگەن قان چاققان جايدىن ئېقىپ چىقىدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىيدۇ. زەھەر سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن قىزىپ، بىئارام بولۇپ، جۆيلۈپ، يۈرەك سوقۇشى رىتىمسىزلىشىپ، تېرە شىللىق پەردىلىرى قاناپ، قان قۇسۇپ ۋە قانلىق تەرەت قىلىپ، بۇرنى قاناش قاتارلىق قاناش خاھىشلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا سېرىقلىق چۈشۈش، قان ئازلىق قاتارلىق قان ئېرىش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلار قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش ۋە ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ئارىلاش زەھەر

ئاساسەن چار يىلان، كۆز ئەينەكلىك يىلان قاتارلىقلار بولىدۇ. نېرۋا، قان ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ ھەممىسىنى زەخىملەيدۇ. بەزىلىرىدە ئېغىرراق بولىدۇ. مەسىلەن، كۆز ئەينەكلىك يىلان چاققاندا نېرۋىنى، چار يىلان چاققاندا قان ئايلىنىشنى زەھەرلەشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنداقلا قوش كۆرۈش قاتارلىق نېرۋا ئالامەتلىرىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ چار يىلان چېقىشنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.

يىلان چاققان كىشىلەرگە يولۇققاندا زەھەرلىك يىلان چاقتىمۇ ياكى زەھەرسىز يىلان چاقتىمۇ بۇنى پەرقلەندۈرۈش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن يىلان چىش ئىزىغا قارالسا ئايرىپ ئالغىلى بولىدۇ. زەھەرسىز يىلان چاققان، زەخىملەنگەن ئورۇندا بىر قاتار تەرتىپلىك يىلان چىشىنىڭ ئىزى قالىدۇ. زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغان بولسا، ئادەتتە يىلان چىشلىرى ئىزلىرىنىڭ تۆپىسىدە ئىككى تال چوڭراق يىلان چىشىنىڭ ئىزى بولىدۇ.

بەدەندە ئومۇمىي بەدەنلىك زەھەرلىنىشلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

زەھەرنىڭ بەدەنگە تارقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەھەر قايتۇرۇش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

يىلان چېقىۋېلىش كېسلىيىلان كۆپ ھاللاردا تۆت مۈچە (قول – پۇتلار) نى چاقىدۇ. شۇڭا دەرھال يىلان چاققان جاينىڭ يۇقىرىقى قىسمىنى (يۈرەك تەرەپ قىسمىنى) بەلۋاغ، رېزىنكە نەيچە قاتارلىقلار بىلەن بوغۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يىلان زەھىرىنىڭ يۇقىرىغا قاراپ مېڭىشىنى توسقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن لوڭقا قويۇش، سۈت ساغقۇچ بىلەن شورۇتۇش ئارقىلىق شۇ جايدىن زەھەرنى شوراپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئەگەر بۇنداق سايمانلار بولمىسا بىۋاسىتە ئېغىز بىلەن شوراش لازىم. لېكىن شورىغۇچىنىڭ ئېغىزى ئىچىدە زەخمە بولماسلىقى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى بىر پارچە نېپىز رېزىنكىنى يېيىپ تۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق شورۇسا خەتەرسىز بولىدۇ. چۈنكى يىلان زەھىرى، شورىغان ئادەمنى زەھەرلەپ قويۇشى مۇمكىن، شوراشنى يېرىم سائەت داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر. ئاندىن تۆۋەندىكى ئومۇمىي قائىدىلەرنىڭ بىرىنى تاللاپ قوللىنىشقا بولىدۇ.

زەھەر قايتۇرۇش ئۇسۇلى 

تەبىئىي ھارارەتنى قوزغاپ ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، تەبىئەتنى (بەدەننى باشقۇرغۇچى قۇۋۋەتنى) كۈچەيتىپ، زەھەر قايتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەرياقى كەبىر، زىراۋەندە مودەھرىج ياكى زىرەۋەندە تەۋيىل قاتارلىق دورىلارنى بېرىش كېرەك.

زەھەر بەدەندىكى ھۆللۈكلەرگە قوشۇلۇپ بەدەنگە تارقىلىپ كېتىشنى، ھەتتا رەئىس ئەزالارغا يېتىشنى توسۇش ئۈچۈن قەي قىلدۇرۇش ياخشىراق، كېيىن قەي قىلىش، ئىچ سۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش چارىلىرىنى قىلىش كېرەك. قەي قىلدۇرۇشنى ھەر خىلدىكى زەھەرلەرنى قايتۇرۇشقا قوللىنىشقا بولىدۇ. قان ئېلىشنى بولسا ھەممىسىگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

تەجرىبىدىن ئۆتكەن يات زەھەر (زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار) نى بېرىش ۋە شۇ زەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس قايتۇرغۇچى دورىسىنى بېرىش مەسىلەن، ئەفئا ياكى ئەگشاناملىق يىلانلارنىڭ گۆشىنى شۇ خىل يىلان چاققانغا بېرىشكە ئوخشاش.

خىلىتلارنى قوزغاپ ھەرىكەتلەندۈرىدىغان دورا ۋە ئەمەللەرنى قىلىش. سىرتتىن زەھەرنى تارتىدىغان دورا سۈرتۈش مەسىلەن، تەرلەتكۈچى دورىلار ياكى يۈگۈرتۈش بىلەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەرلىتىشلەرگە ئوخشاش. لېكىن بۇ خىلدىكى چارىلەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك. ھەددىدىن ئارتۇق تەرلىتىۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بەدەندە خىلىتلارنىڭ ھەرىكەتلەنگەنلىكى زەھەرنىڭ رەئىس ئەزالارغا يېتىپ بېرىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

چاققان ھايۋاننىڭ مىزاجىغا قاراپ ئۇنىڭغا قارىمۇ قارشى بولغان دورىلارنى بېرىش مەسىلەن، چايان چاققاندا ھىڭ بەرگەنگە ئوخشاش.

زەھەرلىك جاندرلار چاققانغا مەنپەئەت بېرىدىغان يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار تۆۋەندىكىدەك: ھىڭ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ھەممە زەھەرلەرگە قارشى ئورتاق مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەب بىلسان، بادام، ئەنجۈر، پىندىق، چىنتىيانا، جاۋاشىر، زىراۋەندە، قىچا، بېدە ئۇرۇقى، سامساق، سىيادان، سۆگەتگۈلنىڭ چېچىكى ۋە يوپۇرمىقى، قوۋزاق دارچىن، قارىمۇچ، زاغۇن، راسەن، قەيۇم، قەردمانا، غارىقۇن قاتارلىقلار ھەممە ھاشاراتلار چاققاننىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ(قىچا، سىيادان، زىرە، سامساق، قارىمۇچ، بېدە ئۇرۇقلىرىنى سۇ ياكى شارابتا قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ). ئۆچكىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن مايىقىنى يەرلىك ئورۇنغا تېڭىش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. چىنار دەرىخىنىڭ يېڭى مېۋىسى زەھەر قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوبدان، تاغ يالپۇزى قايناتمىسىنى ئىچىش ۋە تېڭىش مەنپەئەت قىلىدۇ.

بارلىق ھاشاراتلار چاققانغا مەنپەئەت قىلىدىغان تەرياق (مۇرەككەپ زەھەر قايتۇرغۇچى دورا)

تەركىبى: سىيادان، ئادراسمان ئۇرۇقى، زىرە ھەربىرى ئالتە گرامدىن، جىنتىيانا، يۇمىلاق زىرەۋەندە ھەر بىرى ئۈچ گرامدىن، قارىمۇچ، مۇرمەككى 15 گرامدىن، دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ سوقۇپ تاسقاپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەقۇن تەييارلاپ ئۈچ گرام مىقداردا يېيىلىدۇ.

تەركىبى: ھەببى بىلسان، قۇرۇق زۇفا، ياۋا چامغۇر ئۇرۇقى، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، پىلپىل، ئېگىر، رۇم بەدىيان، پەتەر ئاساليون، ئاسارون، زىرە، بەزرۇلبەنجى ھەر بىرى 12 گرامدىن، سۇمبۇل، ئىرفىرمۇنجىقى 18 گرامدىن، دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ سوقۇپ، تاسقاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييار قىلىپ، ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان ئورۇنغا قويۇلىدىغان دورىلار كىرسىن ياكى نېفىتنى لاتىغا تەگكۈزۈپ چاپلاپ، خام ياكى پىششىق سامساقنى ئېزىپ، كالا يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ چېپىش قاتارلىقلارمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.قۇندۇز قەھرىنى سۇ بويىدا ئۆسىدىغان يالپۇزنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن ياكى گۈڭگۈرتنى سۈيدۈك بىلەن ئېزىپ سىركە، تۇزلارنى ئارىلاشتۇرۇپ چېپىش كېرەك ياكى كالىنىڭ ئۆتىنى سۈركەش ياكى ئەنجۈر ياغىچىنىڭ كۈلىنى، ئۈزۈم ياغىچىنىڭ كۈلىنى سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ تېڭىش ياكى سامساقنى تۇز بىلەن بىللە سوقۇپ قويۇشمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=933

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/453518.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#