ئادەمخور پامپۇس بېلىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئادەمخور پامپۇس بېلىقنىڭ چىشلىرى ئۇستىرىدىنمۇ ئۆتكۈر كېلىدۇ، ئۇ سۇدىكى ھايۋانلارغا غالجىرانە ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقىپ چوڭ قۇشلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئادەمخور پامپۇس بېلىقى قانغا ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئازراققىنە قان ياكى ئازراققىنە قان ھىدىنى بىلىپ قالسا، دەرھال توپلىشىپلا يېتىپ كېلىدۇ. ئادەمخور بېلىقلار بار دەريانى ۋەھىمىلىك دەريا دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى قۇرۇقلۇقتىكى ھايۋان ياكى ئادەم ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇشۇنداق دەرياغا چۈشۈپ كەتسە، بىر نەچچە مىنۇتقا بارمايلا ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ بېلىقلار ھەتتا ھەمراھلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەگەر ئادەمخور بېلىق قارماقتىكى يەمچۈكنى يۇتۇۋېلىپ قارماقتىن قۇتۇلالماي قالسا، نەپىسى يامان ئەشەددىي ھەمراھلىرى بىردەمدىلا ئۇنى قىلتىرىقلىرىنىمۇ قويماي يەۋېتىدۇ.
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا بىر خىل كىچىك بېلىق بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىرلا كېلىدۇ. بەدىنى ياپىلاق، كۈمۈش رەڭ قاسىراقلىرىغا قوڭۇررەڭ چىپار ئارىلاشقان بولۇپ، قارىماققا قىلچىمۇ ۋەھشىي كۆرۈنمەيدۇ ھەم ئانچە بەك كۆزگە چېلىقىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي بېلىق-ئادەمخور پامپۇس بېلىقىدۇر.جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا بىر خىل كىچىك بېلىق بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىرلا كېلىدۇ. بەدىنى ياپىلاق، كۈمۈش رەڭ قاسىراقلىرىغا قوڭۇررەڭ چىپار ئارىلاشقان بولۇپ، قارىماققا قىلچىمۇ ۋەھشىي كۆرۈنمەيدۇ ھەم ئانچە بەك كۆزگە چېلىقىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي بېلىق-ئادەمخور پامپۇس بېلىقىدۇر.
ئادەمخور پامپۇس بېلىقىئادەمخور بېلىقنىڭ چىشى ناھايىتى ئۆتكۈر بولغاچقا، جەنۇبىي ئامىرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىكلەر دائىم بۇ بېلىقلارنىڭ چىشىنى قومۇرۇۋېلىپ ئوقيانىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ جايدىكى يەرلىك كىشىلەر ئۆلگەن ئادەمنى دەرياغا تاشلاپ ئادەمخور بېلىقلارغا يېگۈزۈۋېتىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ روھى جەننەتكە كىرىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.