شۈ شياڭچيەن

شۈ شياڭچيەن (1901-1990-يىللار) قارارلىق سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى دېموكراتىك ئىنقىلابچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شۈ شياڭچيەن
باشقا نامى 徐象谦
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى
كەسپى ھەربىي
خەنزۇچە ئىسمى 徐向前
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەنشى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1990-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۈ شياڭچيەن (1901 −1990-يىللار) 23 يېشىدا خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 1-قارارلىق سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى دېموكراتىك ئىنقىلابقا ئاتلانغان. 1927-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، كېيىن خەيلۇفېڭ رايونىغا بېرىپ، پېڭ بەي قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىللە قوراللىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇبېي-خېنەن چېگرا رايونى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خۇبېي-خېنەن چېگرا رايونى ئىنقىلابىي كومىتېتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي كومىتېتى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قىزىل 4-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 

قىزىل ئارمىيىنى قۇرۇش، قوراللىق كۈرەش قىلىش، خۇبېي-خېنەن-ئەنخۇي ئىنقىلابىي بازىسى ۋە سىچۇەن-سەنشى ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇش داۋامىدىكى جاپالىق كۈرەشلەردە، ئۇ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھەربىي قوماندانلىق تالانتىنى نامايان قىلىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ باتۇر، جەڭگىۋار ئاساسىي كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا، قىزىل 1-يۆنىلىش ئارمىيەسى بىلەن قىزىل 4-يۆنىلىش ئارمىيىسى ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇ قىزىل ئارمىيە ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇ مەركەزنىڭ سىچۇەن-سەنشى-گەنسۇ ئىنقىلابىي بازىسى قۇرۇش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيىلىك فاڭجېنىنى پائال ھىمايە قىلىپ، جاڭ گوتاۋنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان. كېيىن، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى ئارمىيە-مەمۇرىيەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇ قوشۇننى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، خېشى كارىدورىدا دۈشمەن بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، دەريانىڭ شەرقىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىگە كۈچلۈك ماسلاشقان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە، شۈ شياڭچيەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىنقىلابى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8-ئارمىيە 129-شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى، 8-ئارمىيە 1-ئەترىتىنىڭ قوماندانى، شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا-سۈييۇەن بىرلەشمە مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي، مەمۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ ليۇ بوچېڭ، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە سەنشى-خېبېي-خېنەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىسى ۋە جەنۇبىي خېبېي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان؛ 8-ئارمىيىنىڭ شەندۇڭ ۋە شىمالىي جياڭسۇ، شىمالىي ئەنخۇيدىكى قىسىملىرىغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرغان ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئۇلغايتقان؛ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىر تۈركۈم ھەربىي، مەمۇرىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگەن.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شۈ شياڭچيەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەنشى-خېبېي-شەندۇڭ-خېنەن ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، شىمالىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە 1-بىڭتۇەنى (كېيىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 18-بىڭتۇەنىگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى، تەييۈەن ئالدىنقى سەپ شتابىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەييۈەن ئالدىنقى سەپ باش ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، يۈنچېڭ ئۇرۇشى، لىنفېن ئۇرۇشى، جىنجۇڭ ئۇرۇشى ۋە تەييۈەن ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىپ، سەنشىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلغان. ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي ئۇرۇش داۋامىدا، ماھىرلىق بىلەن پىلان تۈزۈپ، ئەپچىللىك بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، پاراسەت بىلەن باتۇرلۇقنى تەڭ ئىشقا سېلىپ، كەسكىن، جانلىق تەدبىر قوللانغان، ئاز كۈچ بىلەن كۈچلۈك، كۆپ دۈشمەننى مەغلۇپ قىلغان، ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەننى يوقاتقان. ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، مول ئۇرۇش ئەمەلىيىتى ۋە نەزەرىيىسى ئارقىلىق، ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەربىي ئىدىيەسىنى بېيىتىشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۈ شياڭچيەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سەنمۇجاڭى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گوۋۇيۈەن نىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1955-يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، زامانىۋى، مۇنتىزىم ئىنقىلابىي ئارمىيە ۋە خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇش ئىشلىرىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، لىن بياۋ، جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. 1967-يىلى 2-ئايدا، بىرنەچچە پېشقەدەم ئىنقىلابچى بىلەن بىللە ھەققانىيەت يولىدا مەردانىلىك قىلىپ، لىن بياۋ، جياڭ چىڭ قاتارلىقلارنىڭ پارتىيەگە قارشى چىقىش، ئارمىيىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش سۇيىقەستىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە پاش قىلغان. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، ئۇ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا، ۋەتەننى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپە قوشقان. 

ئۇ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئىنقىلابىي ھاياتىدا پارتىيىگە، خەلققە، ئىنقىلابقا چەكسىز سادىق بولۇپ، ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلغان، ھەققانىيەت يولىدىن يانمىغان، ئاخىرقى نەپىسىگىچە بەجانىدىللىق بىلەن ئىشلىگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/43818.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#