چۆچۈرە
چۆچۈرە بولسا ئاق ئۇن ، تۇز ، سۆڭەكلىك قوي گۆشى ، زىرە ، پىياز، قارىمۇچ ، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە ، پەمىدۇر ، قۇيرۇق ياغ، سۇڭپىياز قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ناھايىتى ياخشى بولغان تاماق تۈرى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۆڭەكلىك قوي گۆشى 500 گرام، زىرە ئازراق، پىياز ئۈچ باش، قارىمۇچ ئازراق، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە ئازراق، پەمىدۇر ئىككى دانە، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، سۇڭپىياز بىر تال. 

1. گۆشنى شىلىپ ئۇششاق توغراپ، پىيازنى چاناپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ۋە ئازراق سۇ ياكى شورپا ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييار

لىنىدۇ.

2. خېمىرنىڭ تۇزىنى كۈچلۈكرەك قىلىپ يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، بەش كۋادرات سانتىمېتىر چوڭلۇقتا جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتنىڭ ئىچىگە ئاز-ئازدىن قىيما ئېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، پەمىدۇر، تۇز سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ. قايناۋاتقان شورپىغا چۆچۈرىنى سېلىپ، قايناپ چىققاندا قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق توغراپ سالىدۇ. چۆچۈرە لەيلەپ چىققاندا ئوتنى پەسلىتىپ، 3 5 مىنۇت پىشۇرۇپ، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ چۆچۈرىنى شورپىسى بىلەن چىنىگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#