پارىژ زەمبىرىكى

پارىژ زەمبىرىكى

پارىژ زەمبىرىكى بولسا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ پارىژنى پارتلاتقاندا ئىشلەتكەن بىر خىل زەمبىرەك. بۇ زەمبىرەك پويىزغا ئورنىتىلغان بولۇپ 1918. يىلى 3. ئايدىن باشلاپ 8. ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىشلىتىلگەن. بۇ زەمبىرەك بولسا ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن ئەڭ چوڭ زەمبىرەك، ئۇنى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ زەمبىرەك دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پارىژ زەمبىرىكى
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تولۇق ئېغىرلىقى 750 توننا
خەنزۇچە باشقا نامى 威廉皇帝炮
كۆرسىتىدىغىنى پويىزغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان زەمبىرەك
خەنزۇچە نامى 巴黎炮
كالىبىرى 210 مىللىمېتىر
ستۋول ئۇزۇنلىقى 37مېتىر
ئىنگلىزچە نامى Paris-Geschütz

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پارىژ زەمبىرىكى توغرىسىدىكى ھېكايە

پارىژ زەمبىرىكىزەمبىرەكنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، «پارىژ زەمبىرىكى» پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ئېتىش مۇساپىسى ئەڭ يىراق زەمبىرەك بولۇپ، ئۇنىڭ نامى توغرىسىدىمۇ مۇنداق بىر ھېكايە بار.

1918-يىل 3-ئاينىڭ بىر كۈنىدە، فىرانسىيەنىڭ پارىژ ئاسمىنىدا قاتتىق بىر شاۋقۇن پەيدا بولۇپ، ئارقىدىنلا كوچىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق بىر پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، پارىژلىقلار گېرمانىيە ئايروپىلانلىرى بومبا تاشلاپ ھۇجۇم قوزغىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئاسماندا ئايروپىلاننىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. بۇ زادى نېمە ئىش؟ ئەسلىدە، بۇ گېرمانىيە ئارمىيەسى 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گوللاندىيىدىن ئاتقان زەمبىرەك ئوقى بولۇپ، بۇ ئارىلىق كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەنىدى.

پارىژ زەمبىرىكى دەپ ئاتىلىشى

گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشلەتكىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل پەۋقۇلئاددە زەمبىرەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستوۋۇل ئۇزۇنلۇقى 37 مېتىر، كالبىر دىيامېتىرى 210 مىللىمېتىر، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 750 توننا كېلەتتى، بىر پاي زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئېغىرلىقى 125 كىلوگىرام ئىدى. بۇنداق پەۋقۇلئاددە چوڭ زەمبىرەك ئۇرۇشتا تۇنجى قېتىم پارىژنى شىددەت بىلەن توپقا تۇتقانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى «پارىژ زەمبىرىكى» دەپ ئاتاشتى.

پارىژ زەمبىرىكى «پارىژ زەمبىرىكى» نىڭ ئېتىش مۇساپىسى گەرچە كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرسىمۇ، بىراق ئۇنى ئىشلىتىش قولايسىز ئىدى. ئۇنى مەخسۇس پاراۋۇز توشىمىسا بولمايتتى، زەمبىرەك ئىستوۋۇلى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، نۇرغۇن تىرەك قويۇشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداق پەۋقۇلئاددە يوغان زەمبىرەكنىڭ بىر پاي ئوق ئېتىشىغا 200 كىلوگرام پوروخ كېتەتتى، زەمبىرەك گەۋدىسى بىر قانچە مىنۇتقىچە توختىماي تەۋرىنەتتى، زەمبىرەك ئىستوۋۇلى نەچچە ئون پاي ئوق ئاتقاندىن كېيىن كاردىن چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نىشانغا تېگىش نىسبىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ھەمىشە نىشاندىن نەچچە كىلومېتىرلاپ ئېغىپ كېتەتتى. شۇڭا، «پارىژ زەمبىرىكى» يېرىم يىل ئىشلىتە-ئىشلەتمەيلا، تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

پارىژ زەمبىرىكى

http://dwz.cn/2TGAfs

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#