ئېكولوگىيىلىك كەنت

باي ناھىيە بازىرىدىن چىقىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا قاراپ تەخمىنەن 30 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭىزدا كەڭ كەتكەن بىر بوستانلىق نامايان بولىدۇ، بۇ بوستانلىق دەل ئېكولوگىيىلىك كەنتتۇر. 

نامى ئېكولوگىيىلىك كەنت
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 生态村
قاراشلىق رايون شىنجاڭ باي ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باي ناھىيە بازىرىدىن چىقىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا قاراپ تەخمىنەن 30 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭىزدا كەڭ كەتكەن بىر بوستانلىق نامايان بولىدۇ. بۇ بىر كەنت بولۇپ، بۇ كەنتتە بىر كونا تۈگمەن بار. بۇ تۈگمەن كەنت سىرتىدىكى ئۆستەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيى كەنتنىڭ يېنىدىكى بۇلاقتىن كىلىدۇ. كەنتتە يەنە قەدىمىي قەبرىستانلىق بار بولۇپ، قەبرىستانلىق ئەتراپىدا نۇرغۇن ھايۋانات مۈڭگۈزى، فار-فۇر بۇيۇملارنىڭ پارچىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇشۇ كەنتتىكى بىر دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە، ياتۇر يېزىسىنىڭ تەبئىي ئېكولوگىيىلىك كەنتى بولغان گۈلئاتامازار دېگەن بۇ كەنت چەت-ياقا جاي بولغىنى بىلەن، بۇ يەرنىڭ تەبئىي مۇھىتى ئاجايىپ گۈزەل، ھاۋاسى ساپ. ھەر يىلى ياز كىلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ يەرگە كىلىپ، بۇ يەردىكى قەدىمىي شامان دىنىغا تەۋە قەبرىستانلىق، ھايۋانات مۈڭگۈزى، 500 يىللىق كونا تۈگمەن، سېرىق ئېچىلىدىغان ئازغان گۈلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر سىرتقى كۆرۈنۈش ئۈچۈن سۈرەتكە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. مۇشۇنداق تەبئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا، گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە بولغان بۇ كەنت ھەقىقەتەنمۇ ئىسمىي جىسمىغا لايىق تەبئىي ئېكولوگىيىلىك كەنت ھېسابلىنىدۇ. [0]      

  


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#