ئوخروما دەرىخى

جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئېكۋادوردىن ئوخروما ياغىچى كۆپ چىقىدۇ، بىر تال ھەم توم، ھەم ئۇزۇن لىم ياغىچىنى ئىككى ئادەم ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇخروما دەرىخى پروپكا قىلىنىدىغان پروپكىلىق دۇب دەرىخىدىن تېخىمۇ يېنىك بولۇپ، ئوخروما ياغىچىنىڭ ئېغىرلىقى پروپكىلىق دۇبنىڭ يېرىمىچىلىكلا كېلىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ يېنىك دەرەخ ھېسابلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوخروما دەرىخى پاختا دەرىخى ئائىلىسى، ئوخروما ئۇرۇقدىشىدىكى بىردىنبىر دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئوتتۇراھال دەرەخ. بىر تۈپ 10 يىللىق ئوخروما دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 16 مېتىرغا يېتىدۇ. دىئامېتىرى 50 −60 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ يۈرەك شەكىللىك، شاخلىرىدا نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى چوڭ، سارغۇچ ئاق رەڭلىك بولۇپ، دەرەخ باراقسىنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا ئۆسىدۇ. ئۇزۇن يۇمىلاق غوزا مېۋە تۇتىدۇ. ئىچىدە پاختىسىمان تۇتام تۈكچىلىرى بولىدۇ، مېۋىسى بەش پارچە مېۋە تىلىمچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇرۇقى دۈم تۇخۇمسىمان، سۇس قىزىل ياكى قەھۋە رەڭلىك، سىرتى چىگىتكە ئوخشاش زىچ تىۋىت تۈكچىلىرىگە قاپلانغان.

ئوخروما دەرىخى دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئۆسىدىغان دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى، بىر يىلدىلا ئېگىزلىكى  5 −6 مېتىرغا، دىئامېتىرى 5 ~13 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تېز بولغاچقا، ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك، يۇمشاق ھەم ناھايىتى ئېلاستىكلىق.

ئوخروما دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «بالسام» دېيىشىدۇ. «بالسام» نىڭ ئىسپان تىلىدىكى مەنىسى «سال» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئوخروما ياغىچىدا ياسالغان سال ئالاھىدە زور لەيلىتىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى توشۇشقا بولىدۇ.

قۇرۇق ئوخروما ياغىچىنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى  1.0 ~25.0 بولۇپ، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدۇ ھەم ئاۋاز ئۆتكۈزمەيدۇ، سۈپەتلىك ئىزولياتسىيە ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋاز ئۆتكۈزمەس ئۈسكۈنىلەر، قۇتقۇزۇش سايمانلىرى ھەم ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ياساشنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدىكى گۇاڭشى، فۇجيەن، خەينەن ئارىلى، تەيۋەن ۋە يۈننەنلەردە ئوخروما دەرىخى كىرگۈزۈلۈپ كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلمەكتە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#