كۆپ تەرلەش

كۆپ تەرلەش

ئادەتتىكىدىن زىيادە تەرلەش كۆپ تەرلەش دەپ ئاتىلىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئەمگەك ۋە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ياكى تومۇزنىڭ قىزىق كۈنلىرىدە ئادەم تەرلەيدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ سالامەتلىككە پايدىلىق. لېكىن بەزى كىشىلەر خېلى نۇرغۇن كېسەللىكلەردە ياكى مەلۇم كېسەللىكنىڭ ئالامىتى تېخى ئاشكارىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمىسىمۇ ياكى ھاۋا ئىسسىق بولمىسىمۇ ئورۇنسىز تەرلەيدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى كۆپ تەرلەش
كېسەللىك سەۋەبى كەم قۇۋۋەتلىك، بەدەننىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش
ئىنگلىزچە نامى yellowish sweating
ئاساسلىق ئالامىتى ئىچ كىيىمى نەملىشىپ، تېرە سۈركىلىپ قىزىرىپ كېتىش
خەنزۇچە نامى 黄汗

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆپ تەرلەشكۆپ تەرلەش ئادەتتە تۈرلۈك غەيرىي نورمال سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەئىسى ئەزالار بىلەن قۇۋۋەتلەرنىڭ رولىدىكى تەكشىلىك بۇزۇلغاندا زىيادە تەرلەش پەيدا بولىدۇ. قىزىتما پەيدا قىلغۇچى كېسەللىكلەر، روھىي كېسەللىكلەر ۋە پىسخىكىلىق ئامىللار سەۋەبلىك قاننىڭ ھەرىكىتىنى جانلىنىش، تېرە قان تومۇرلىرىنى كېڭىيىدىغان دورىلار مەسىلەن: قىزىلمۇچ، قارىمۇچ، شاراب، زەنجىۋىل، قۇۋۋەتلىك تائاملارنى ئىستېمال قىلىش، بەدەن ئاجىزلاش قاتارلىقلار كۆپ تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

    كۆپ تەرلەش كېسىلى پۈتۈن بەدەنلىك كۆپ تەرلەش، يەرلىك ئورۇننىڭ تەرلىشى، يېنىك تەرلەش ۋە ئېغىر تەرلەش دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. پۈتۈن بەدەننىڭ تەرلىشى كۆپ ئەھۋاللاردا ھەرخىل قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە ئۆپكە تۇبىركولۇز (ئۆپكە سىل) ئاغرىقىدا، بالىلاردا راخىت كېسەللىكىدە پەيدا بولىدۇ. يەرلىك ئورۇننىڭ تەرلىشى، قول، پۇت، ئالىقان تەرلەش، باش تەرلەش، پىشەنە تەرلەش، قولتۇق تەرلەش، ئەۋرەت قىسىم تەرلەش دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. يەرلىك ئورۇننىڭ تەرلىشى رەئىس ئەزالار بىلەن قۇۋۋەتلەر سېزىمىدىكى تەڭشىسىزلىكنىڭ يەرلىك ئورۇندىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. [0]

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ھەرخىل روھىي ئامىللار ۋە سوزۇلما كېسەللىك، كەم قۇۋۋەتلىك، بەدەننىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، نەملىكنىڭ ئېشىپ كېتىش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: يامغۇر ياغقاندەك تەرلەپ، ئىچ كىيىمى نەملىشىپ، تېرە سۈركىلىپ قىزىرىپ كېتىش، ھەتتا بەزىدە جاراھەت ھاسىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  •  قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كۆپ تەرلەشتە بىمارنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولىدۇ. قۇۋۋەتلىك تاماقتىن پەيدا بولغان تەرلەشتە تائامدىن كېيىن ئىچى قىزىغاندەك، گېلى قورۇغاندەك بولۇپ، كۆپ سۇ (چاي) ئىستېمال قىلىدۇ.
  • بىمارنىڭ سوغۇقلۇقى بىلەن نەملىكى ئېشىپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان كۆپ تەرلەشتە، بىمارنىڭ سوغۇق يېمەك ئىچمەكلىكنى ئىستېمال قىلىشقا كۆڭلى تارتىدۇ. بەدىنى ئاجىز، خام سېمىز بولۇپ كىچىك تەرەت قېتىممۇ كۆپىيىدۇ. بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشتىن بولغان تەرلەشتە بەدىنى كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ ماغدۇرسىزلىشىدۇ. تەردىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.
  •      تەرلەشنىڭ دەرىجىسى ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. تەرلەش كۆپ بولغاندا ئىچ كىيىم بىلەن يوتقان كۆرپە كىرلىكلىرىمۇ نەملىشىپ كېتىدۇ. ھەتتا بەزىدە سىققاندا سۇ تامىدۇ. تەرلەش كۆپ بولغاندا ھەر كۈنى ياكى كۈن ئارىلاپ مۇنچىغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ تۇرمىسا، تەر پۇراش ۋە تېرىگە ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇش، ھەتتا تېرىنىڭ سۈركىلىپ تۇرىدىغان ئورۇنلىرى قىزىرىپ شەلۋەرەش ۋە پۇت بارماقلىرى ئارىلىقىدا پىشلاق پەيدا بولۇشتەك ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. [0]

1-رېتسېپ

كۆپ تەرلەشتەركىبى: قىزىلگۈل 15 گىرام، قەلەمپۇر 20 گىرام، سۇمبۇل بىر چىمدىم ئۈچ گىرام، لاچىندانە 15 گىرام، قوۋزاقدارچىن ئۈچ گىرام، ئامىلە ئون دانە، جۇزبۇۋا ئىككى دانە، قاقىلە 17 گىرام، خولىنجان ئۈچ گىرام، قەنت بىر بولاق، ھەسەل ئىككى لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل ۋە قەنتنىڭ قىيامىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: زەمچە، مۇرمەككى، قىزىلگۈل تەڭ مىقداردا. سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا نەمدەپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەرلىگەن ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئاق سەندەل، زەمچە، دارچىن، سازەج، سۇمبۇل، مۇرمەككى، قىزىلگۈل تۆت گىرامدىن، كاپۇر، مەدەستان ئىككى گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى گۈل بىلەن خېمىر تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم كۆپ تەرلىگەن ئورۇنغا سىرتتىن چېپىلىدۇ. 


قىزىتمىلىق كېسەللىكتىن پەيدا بولغان كۆپ تەرلەش بولسا، ئالدى بىلەن كۆپ تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەسلى (بىرلەمچى) كېسەلنى داۋالىسا كۆپ تەرلەش ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ھۆل سوغۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ بەدەن ئاجىزلاشتىن پەيدا بولغان كۆپ تەرلەشتە، قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتتىكى تائاملار بېرىش، ھۆل سوغۇق كەيپىياتلىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇش ۋە جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللاندۇرۇش ۋە بىمار بەك سېمىز بولمىسا بىر مەزگىل تۇزلۇقراق تائاملانى بۇيرۇش يولى ئارقىلىق داۋالىنىدۇ. قىزىتمىلىق كېسەللىكتىن كۆپ تەرلەشتە قۇۋۋەتلىك تائاملارنى ئاز مىقداردىن كۆپ قېتىم يېيىشكە بۇيرۇش كېرەك. شۇنداقلا قىزىتمىدىن كېيىنكى تەرلەشتە تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا قىزىتمىدىن كېيىنكى تەرلەشتە تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. بىراق كۈچ بىلەن سۈرتمەسلىك كېرەك. چۈنكى كۈچ بىلەن سۈرتكەندە تەر چىقىش كۆپىيىدۇ، تىرە يۈزى ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. شۇنداقلا قىزىتمىلىق كېسەللىكتە بىمار كۆپ تەرلىگەندە ئۈستىگە يېپىنغان تۆشەكنى بىراقلا ئېچىۋەتمەي. تەدرىجىي نىپىزلاشتۇرۇش كېرەك. تەر توختىغاندىن كېيىن لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەدەننى يەڭگىل سۈرتۈپ تېرىنى تازىلاش كېرەك. بولۇپمۇ ھاۋا سالقىن مەزگىللەردە بىمار ئېچىلىپ قېلىپ، ئۆپكىسىگە سوغۇق ئۆتۈشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. كۆپ تەرلەۋاتقان بىمارلارغا سۇماق، قۇرۇق يۇمغاقسۈت، ماش، چىلانلاردىن مۇۋاپىق ئېلىپ سۇغا سېلىپ، ئازراقلا قاينىتىپ ئۇسسۇزلۇق ئۈچۈن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. شەربىتى خەشخاشنى ئىچىشكە بېرىش ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ. سىركەنجىۋىل بېرىلسىمۇ بولىدۇ. بىمارغا بوغدا يارمىسىغا قوي كۆشى، سېرىقماي، تۇز ۋە ئىسسىق تەبىئەتلىك خۇش پۇراق، دورا-دەرمەكلەر سېلىنغان تائام ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىتمىلىق كېسەللىكتە كۆپ تەرلەشنى داۋالاشتا، يۇقىرىدىكى تەدبىرلەردىن باشقا ئاساسىي كېسەللىكنى داۋالاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

كۆپ تەرلەش   يەرلىك ئورۇننىڭ تەرلىشىدە مىزاجنى تەڭشەش ۋە سەۋەبچى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئاساسىدا تۆۋەندىكى دورىلار سىرتىدىن چېپىلىدۇ.

   1. تەر توختاتقۇچى ياغ (رەۋغىنى ھابىس ئەرەق) تەركىبى ۋە ياسىلىشى: ئاس دەرىخىنىڭ يوپۇرماق سۈيى (ئامۇت يوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيى بولسىمۇ بولىدۇ)، بېھى سۈيى ۋە گۈل يېغى ھەر بىرىدىن 100 مىللىلىتىردىن ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ، سۇ تەركىبى تۈگەپ، ماي قىسمى قالغۇدەك سۇس ئوتتا قاينىتىپ، ماي قىسمى بىلەن تەرلەۋاتقان ئورۇن ۋە چوڭ بوغۇملار ياغلىنىدۇ.

  2. ئاس دەرىخىنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقى، گۈلنار، قىزىلگۈل، زاراڭزا چېچىكى ۋە بىھىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇ قوشۇپ قاينىتىپ، داكا بىلەن سۈزۈلگەن سۈيىگە دورا سۈيىنىڭ 4/1 قىسمىغىچە گۈل يېغى ياكى كۈنجۈت يېغى قوشۇپ قاينىتىپ، سۈيى ھورغا ئايلىنىپ مېيى قالغۇچە قاينىتىپ، سىرتتىن سۈركەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر بۇ دورىغا موزا تالقىنى ئارىلاشتۇرۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

   3. ئاس دەرىجە يوپۇرمىقى، گۈلنار ۋە كەھرىۋالارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، تەرلەۋاتقان ئورۇنغا ئۇپا سۈركىگەندەك سۈركىسىمۇ بولىدۇ.

   4. كاللەك بەسەي سۈيى، لىمون سۈيى ۋە كافۇرنى ئارىلاشتۇرۇپ سىرتىدىن چېپىلسىمۇ بولىدۇ.

   5. كەرەپشە (چىڭسەي) سۈيىگە گۇلاب بىلەن سىركە قوشۇپ سىرتىدىن سۈركىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=33&id=541

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#