بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت
بۇ كىتابتا ئاساسلىقى مۇۋپپىقەتسۇناشلىق ۋە ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى سۆزلەنگەن.
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻧﯘﺗﯘﻗﭽﻰ، ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻼﻧﯩﻤﯩﺰ نۇرئەلى ئابلىز ﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋاﻗﯩﺖ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﻛﻮﻧﺘﯩﺮول ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرلۈك ﻣﺎھﺎرەت ۋە ﻗﻮرال ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﮔﻪر ۋاﻗﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك باشقۇرالمىسا، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﯩﻨﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎدەم ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﺪۇرۇش ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﭼﻮﻗﯘم ئﯚزﯨﻨﯩﯔ (ﻳﺎدروﻟﯘق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ) ﻧﯩﯔ ﻧﻪدﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯧﺠﻪﺷﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى ۋاﻗﯩﺖ ﺗﯧﺠﻪﺷﺘﯘر.
ئەگەر سىز-يېشىڭىز چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆچكەن باھارىڭىزنىڭ پىنھانلىرىدا گاڭگىراپ يۈرگەن بولسىڭىز، ئەسلىي ماھارىتىڭىز كەمچىل بولۇپ، ۋاقتىڭىز ھەمىشە يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلسىڭز؛ پۈتكۈل دۇنيانى باغاشلاش ئارمانلىرىڭىز بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇش سىز بىلەن ئەتەي قېرىشۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولسىڭىز؛ تۇرمۇشنىڭ قاتمۇ-قات مۈشكۈللىرىدە، چىشىڭىزنى چىشلەپ ئۆتۈۋاتقان بولسىڭىز؛ ئەگەر سىز-تۇرمۇشنىڭ بۇنىڭدىن ياخشىراق بولۇشىغا، غايىڭىزنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغائىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا-بۇ كىتاب دەل سىز ئۈچۈن يېزىلدى.
نۇرئەلى ئابلىز،1989-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. يېڭى شەرق مائارىپ پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى ۋە تەربىيلىگۈچىسى.
نۇرئەلى ئابلىز بولسا بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قابىل ئۈلگىسى بولۇپ،ياشلارغا بەرگەن تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر ياش ، ئۇ يېڭى شەرق مائارىپ پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى ۋە تەربىيلىگۈچىسى ، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان ،
نۇرئەلى ئابلىز ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ مەناسى- ۋاقىتنى قانداق باشقۇرۇشتا دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت ناملىق كىتابى كەڭ ياشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، قىسقىغىنىە بىر يىل ئىچىدە سېتىلىشى ئىنتايىن تېز بولغان .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
كىتابخانا تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.