ئافرىقا سۇ كالىسى

ئافرىقا سۇ كالىسى

ئافرىقا سۇ كالىسى (ئىلمىي نامى: Syncerus caffer) ئافرىقا ياۋا كالىسى، يەنە ئۈمىد تۇمشۇقى سۇ كالىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1.4-1.7 مېتىر، تەن ئۇزۇنلۇقى 2.1-3.4 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 425-850 كىلوگرام، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 15-20 يىل.

ئۇيغۇرچە نامى ئافرىقا سۇ كالىسى
تارقالغان رايونلار ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا ۋە شەرقىي ئافرىقا رايونى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئافرىقا سۇ كالىسى ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 非洲水牛
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
تۈرى ئافرىقا سۇ كالىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئافرىقا سۇ كالىسىئافرىقا سۇ كالىسى (ئىلمىي نامى: Syncerus caffer) ئافرىقا ياۋا كالىسى، يەنە ئۈمىد تۇمشۇقى سۇ كالىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1.4-1.7 مېتىر، تەن ئۇزۇنلۇقى 2.1-3.4 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 425-850 كىلوگرام، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 15-20 يىل. ئافرىقا سۇ كالىسى ۋە ئاسىيا ياۋا كالىسى تۇغقانچىلىقى يىراق، ئۆزگىرىشىدىكى تېزلىكى ئافرىقا سۇ كالىسىنىڭ ئەجدادى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاسىيا ياۋا كالىسى. ئافرىقىدىكى بەش چوڭ ھايۋاننىڭ بىرى، شۇنداقلا ئافرىقا يايلاقتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغان ھايۋان. ئافرىقا سۇ كالىسى ئەڭ ئېغىرى  850 كلوگىرام.

ئافرىقا سۇ كالىسىئافرىقا سۇ كالىسى ئوتتۇرىچە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.4-1.7 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 425-850 كىلوگرام. ئافرىقا سۇ كالىسى كۆكرىكى كەڭ، تۆت پۇتى قوپال، بېشى چوڭ مۈڭگۈزلۈك ئۇزۇن، ئەركىكىنىڭ مۈڭگۈز بۇلۇڭى خۇددى چوڭ قالقانغا ئوخشاش بېشىنى قاپلىغان، بەدىنى شالاڭ قاپلىغان قارا تۈكلۈك، قۇلىقى چوڭ ھەم ساڭگىلاپ كەتكەن. ئەركىكىنىڭ تېنى چىشىسىنىڭكىدىن چوڭراق، مۈڭگۈز بۇلۇڭى تېخىمۇ چوڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. 

غەربىي ئافرىقا ئىسسىق بەلباغ شالاڭ دەرەخلىك ئوتلاق سۇ كالىسى؛

جۇڭگو-ئافرىقا ئىسسىق بەلباغ شالاڭ دەرەخلىك ئوتلاق سۇ كالىسى؛

جەنۇبىي ئىسسىق بەلباغ شالاڭ دەرەخلىك ئوتلاق سۇ كالىسى؛

ئافرىقا سۇ كالىسىئافرىقا سۇ كالىسى توپلىشىپ ياشىغۇچى ھايۋان بولۇپ، پەقەت يېشى چوڭ ياكى يارىلانغانلىرى ئاندىن يالغۇز قالىدۇ. كالا پادىسى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بۇقىلا كالىلارنىڭ داھىيسى بولۇپ، كالا پادىسىدا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھەم ئەڭ ياخشى چۆپ بىلەن ئۇزۇقلىنىشقا ھوقۇقلۇق بولغان ئافرىقا سۇ كالىسى دېيىشكە بولىدۇ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم سۇ ئىچىدۇ، سۇ مەنبەسى يىراق ئەمەس. ئۇلار بولسا كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان ھايۋان، كۈندۈزلۈك ئىسسىق جايلاردىن قېچىپ ھەمىشە سالقىن جاي، سۇ كۆلچىكى ياكى پاتقاققا چىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېنى بىر قەدەر سالقىنداپ قالىدۇ. ئافرىقا سۇ كالىسى ئەمەلىيەتتە ئافرىقىدىكى بىر نەچچە خىل ئەڭ خەتەرلىك ھايۋاننىڭ بىرى (قالغانلىرى پىل، قارا كەركىدان، بېگېموت، تىمساھ)، ھوجۇم قىلىشى ئەڭ قاتتىق، مىجەزى ئەڭ چۇس، ئافرىقىدا ئەڭ كۆپ ھايۋانلارنىڭ بىرى.

ئافرىقا سۇ كالىسىئافرىقا سۇ كالىسى چىشى ئادەتتە بەش ياش ئەتراپىدا، ئەركىكى تەخمىنەن يەتتە يېشىدىن باشلاپ چېتىشىدۇ. ھەر يىلى 3-ئايدىن 5-ئايغىچە كۈيلەش مەزگىلى بولىدۇ، قورساق كۆتۈرۈش مەزگىلى 330-345 كۈن، موزاي تۇغۇلغاندىن كېيىن بىر نەچچە سائەتتە ئۆزى ھەرىكەت قىلالايدۇ. موزىيىنىڭ ئەي بۇلۇش نىسبىتى ٪80، 10 ئايدا چوڭ سۈتتىن ئايرىلغان، 15 ئايلىق ئەتراپىدا بولغاندا كالا توپىغا قۇشۇلۇپ، باشقا ئوخشاش ياشتىكى كالا توپلىرىنىڭ ئارىلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 20 يىل بولدۇ. 

ئافرىقا سۇ كالىسى سەھرايى كەبىر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان. 

ئافرىقا سۇ كالىسىيوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر تۈرلىرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى (CITES) غا قوشۇمچە كىرگۈزۈلگەن1.

جۇڭگونىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قىزىل تىزىملىكى ____ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تومى، باھالاش دەرىجىسى ئىنتايىن خەتەرلىك (CR) ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.  

جۇڭگونىڭ دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانات مۇندەرىجىسى» گە كىرگۈزۈلگەن. China Key List ___؛ 1-دەرىجىلىك.  

دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكگە كىرگۈزۈلگەن : خەتەرلىك (VU). 

ئافرىقا قىزىل سۇ كالىسى ئافرىقا سۇ كالىسىغا يېقىن. ئاسىيا سۇ كالىسى بىلەن تۇغقانچىلىقى ناھايىتى يىراق. ئاسىيا سۇ كالىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئىنتايىن تەستە كۆندۈرۈلگەن، خۇسۇسىيىتى ۋەھشىي بولۇپ، شۇڭا ئىنسانلارغا يۈكسەك خەتىرى بار. ئـەمـەلىيەتتە، ئىنسانلار ئۇلارنىڭ بىردىنبىر كۈشەندىسى. ۋەھشىي شىر، يەنە كۆپ ھاللاردا ئۇلارغا يول قويدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#