ئىقتىسادىي پائالىيەتتە، كرېدىت پۇل قەرز ئېلىش ۋە قەرز بېرىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قايتۇرۇشنى شەرت قىلغان قىممەت ھەرىكىتى شەكلى.

ئۇيغۇرچە نامى كرېدىت
چەتئەلچە نامى credit
خەنزۇچە نامى 信贷

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىقتىسادىي پائالىيەتتە، كرېدىت پۇل قەرز ئېلىش ۋە قەرز بېرىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قايتۇرۇشنى شەرت قىلغان قىممەت ھەرىكىتى شەكلى. كرېدىت ئاساسلىقى تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە پۇل ئوبوروتىدا ھەقدار مەلۇم شەرت بىلەن تاۋارلىرىنى نېسىگە سېتىش ياكى پۇل قەرز بېرىش، قەرزدار كېلىشىمدىكى مۇددەت ئىچىدە قەرزنى ھەمدە ئۆسۈمىنى تۆلەشتە ئىپادىلىنىدۇ.

كرېدىت تاۋار پۇل مۇناسىۋىتى شارائىتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىقتىسادىي شەكىل بولۇپ، قايسىبىر جەمئىيەتتە ئالاھىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە ئەمەس. ئەڭ قەدىمكى كرېدىت شەكلى جازانە كرېدىت ئىدى. ئۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كېلىپ، قۇلدارلىق جەمئىيىتى ۋە فېئوداللىق جەمئىيىتىدە ئاساسىي كرېدىت شەكلىگە ئايلانغان. كاپىتالىستىك جەمئىيەت ۋە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، كرېدىت ئاساسەن قەرز كاپىتالى ۋە كرېدىت مەبلىغىنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. 

كرېدىتنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرىدىن سودا كرېدىتى، بانكا كرېدىتى، دۆلەت كرېدىتى، ئىستېمال كرېدىتى قاتارلىقلار بار.

 سودا كىرېدىتى

 سودا كىرېدىتى تاۋارلارنى سېتىۋېلىش-سېتىش داۋامىدا، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى نېسىگە سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پۇل تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ئۆزئارا قۇلايلىق يارىتىدىغان كرېدىتنى كۆرسىتىدۇ.

 بانكا كرېدىتى 

 بانكا كرېدىتى بانكىنىڭ قەرز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەمىنلىگەن كرېدىتكە قارىتىلغان. دۆلەت كرېدىتى دۆلەت ئىككى تەرەپنىڭ بىرى بولغان كرېدىت بولۇپ، ئۇ دۆلەت مالىيىسى ئېلىپ بارىدىغان قەرز بېرىش پائالىيىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.

 ئىستېمال كرېدىتى

 ئىستېمال كرېدىتى سودا كارخانىلىرى ياكى بانكىنىڭ شەخسىي ئىستېمالچىلارنى تەمىنلەيدىغان كرېدىتنى كۆرسىتىدۇ. 

كرېدىت ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، مەبلەغنىڭ مۇۋاپىق ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىدۇر. 

كرېدىت كارتىسى ئىستېمال كرېدىتىنىڭ بىر تۈرلۈك شەكلى بولۇپ، بانكا ياكى باشقا مەخسۇس ئورگانلار تارقاتقان ئىستېمال كرېدىتنىڭ ئىسپاتى. ئىگىدار كارتۇشكىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ماگىزىن، مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىن تاۋارلارنى سېتىۋالىدۇ ياكى مۇلازىمەت ھەققىنى تۆلەيدۇ، بۇنىڭدا نەق پۇل تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەتلا مۇناسىۋەتلىك تالونلارغا ئىمزا قويسىلا بولىدۇ. ماگىزىن، مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلار ئىگىدار ئىمزا قويغان تالونغا ئاساسلىنىپ، كارتا تارقاتقان ئىدارىنىڭ ھېسابات مەركىزىدىن پۇل ئېلىۋالىدۇ. ھېسابات مەركىزى قەرەللىك ھالدا كارتا ئىگىسى بىلەن ھېسابات قىلىپ تۇرىدۇ. بەزى كارتىلاردىن يەنە ئاز سوممىلىق ئونكول(نەق پۇللارنى قەرز ئېلىش) قىلغىلىمۇ بولىدۇ. 

كرېدىت كارتىسى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھەم نېسىگە تاۋار سېتىۋالغىلى بولغانلىقتىن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تارقىتىلىش مىقدارى ئۈزۈلۈكسىز ئاشماقتا، ئوبوروت دائىرىسىمۇ كېڭەيمەكتە، بەزىلىرى ھەتتا دۆلەت ھالقىغان كرېدىت قورالىغا ئايلاندى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم بانكىلارمۇ كرېدىت كارتىسى تارقىتىشنى باشلىدى ھەمدە كرېدىت كارتىسى خەلقئارالىق پۇل ئايرىپ باشلاش تىجارىتىنى يولغا قويدى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#